مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭلىقلار

    سۇ يۇرتىدا قاناتلانغان ئارزۇ: شاۋشىڭدىكى ئۈچ شىنجاڭلىق

    ئامانگۈل2016-11-09 10:44:54شىنجاڭ گېزىتى

     چاۋجىن

     كۆۋرۈك، ئېقىن سۇ، كېمە... لۇ شۈننىڭ يۇرتى شاۋشىڭ دۇنيا سودىگەرلىرى تەلپۈنىدىغان، شۇنداقلا ئېلىمىز پۇقراۋى ئىقتىسادىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان شەھەر.

     ئۈچ شىنجاڭلىق يىراق تەڭرىتاغ ئېتىكىدىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بۇ سۇ يۇرتىغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاشمىغان كۈرەش نىشانىنى بويلاپ يېڭى يىپەك يولىدىكى رىۋايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا...

     يۈسۈپ تۇرسۇن ‹‹يەر شارى›› كەنتىدە ئىگىلىك تىكلەپ سودا پۇرسىتىگە ئېرىشتى

     شاۋشىڭ شەھىرى كېچياۋ رايونى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنى يىغىپ تارقىتىدىغان جاي، دۇنيادىكى تۆتتىن بىر قىسىم توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى سودىسى بۇ جايدا پۈتىدۇ. كەم – كوتسىز بۇ ‹‹يەر شارى كەنتى›› دە، ئوخشىمىغان ئىرقتىكى سودىگەرلەر كېچياۋنىڭ چوڭ – كىچىك كوچىلىرىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىڭغا يېقىن شىنجاڭلىق سودىگەر بار بولۇپ، يۈسۈپ تۇرسۇن شۇلارنىڭ بىرى.

     ھەر كۈنى سەھەردە يۈسۈپ تۇرسۇن سىرتتىن ئاڭلىنىۋاتقان ناخشا – سازلارنىڭ ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كېتىدۇ. ئۇ ئەمدىلا ئىگىلىك تىكلىگەچكە، دوستلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىدىغان بۇ ئەشيا ئوبوروتى شىركىتىدە تۇراتتى، مۇشۇنداق بولغاندا نۇرغۇن تۇرمۇش چىقىمىنى تېجەپ قالالايتتى. يۈسۈپ تۇرسۇن ئادەتتىكىدەك ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئالدىراپ تىجارىتىگە كىرىشىپ كېتەتتى.

     يۈسۈپ تۇرسۇن 2004 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات تارقىتىش كەسپىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، بىر قېتىملىق مۇخبىرلىق قىلىش پۇرسىتىدە ئۇ كېچياۋدىكى قەشقەرلىك سودىگەر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئەزەلدىن شىنجاڭدىن ئايرىلىپ باقمىغان يۈسۈپ تۇرسۇننىڭ سىرتقى دۇنياغا بولغان قىزىقىشى قوزغىلىدۇ.

     يۈسۈپ تۇرسۇن دەسلەپتە بۇ قەشقەرلىك سودىگەرگە ئەگىشىپ ھاۋالىلىك يۈك توشۇش ئورنىنىڭ كاسسىرى ۋە بوغالتىرى بولدى. بىر يىلدىن كېيىن، يۈسۈپ تۇرسۇن تۇرغان ھاۋالىلىك يۈك توشۇش ئورنى شاۋشىڭدىن بىۋاسىتە قىرغىزىستانغا بارىدىغان قۇرۇقلۇق تىرانسپورت تۇنجى لىنىيەسىنى ئاچتى ھەم يۈكلەرنى قەشقەردە تاموژنىغا يوللايدىغان بولدى.

     زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تومۇرىنى ئاچتى. يۈسۈپ تۇرسۇن سەزگۈرلۈك بىلەن بۇ سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قەشقەرگە قايتىپ، ھاۋالىلىك يۈك توشۇش ئورنى ئېچىپ، يۈكنى ئوتتۇرا ھالقىدا ئالماشتۇرۇپ تاموژنىغا يوللاش كەسپىنى ئۈستىگە ئالدى.

     ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى، ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەننەرخى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، كەسىپ رىقابىتى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى، بۇلار يۈسۈپ تۇرسۇنغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلدى. يۈسۈپ تۇرسۇن قەدىمىي يىپەك يولىدا مىڭ يىللاپ يۈرگەن باشقا شىنجاڭلىق سودىگەرلەردەك تاللاشقا دۇچ كەلدى.

     رىقابەت پۇرسەت دېمەكتۇر. ئىللىق سۇ يۇرتى كېچياۋدا كىشىلەرنىڭ باسقان قەدىمى توختاپ قالمىدى. يۈسۈپ تۇرسۇن 2013 – يىلى قەشقەردىن كېچياۋغا قايتىپ، ئەشيا ئوبوروتى شىركىتىنى قۇرۇپ، كېچياۋدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يۈك توشۇشنى داۋاملىق ئۈستىگە ئالدى.

     ‹‹ساندۇققا قاچىلاشنى كىچىك ئىش كۆرمەڭ، ساندۇققا قاچىلاشنى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرساق، خېرىدارلارغا تېخىمۇ كۆپ پايدا يەتكۈزەلەيمىز››. ئەشيا ئوبوروتى كەسپى بىلەن ئون يىلدەك شۇغۇللانغان يۈسۈپ تۇرسۇن كونتېينېرغا يۈك قاچىلاش كەسىپ ئەھلى بولۇپ، ئوخشىمىغان سۈپەت، ئوخشىمىغان تىپتىكى رەختلەرنى قاچىلاپ، ھەم بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلدى، ھەم كونتېينېرغا ئەڭ زور چەكتە تولۇق قاچىلاپ، مول تەجرىبىگە ئىگە بولدى.

     يۈسۈپ تۇرسۇن مۇنداق دېدى: نەچچە مىڭ يىللىق يىپەك يولىدا بازارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، مۇلازىمەت ئىدىيەسىدە ئالدىدا مېڭىپ، خېرىدارلار ئۈچۈن ھەرقايسى ھالقىلاردا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا، كەسكىن رىقابەتتە پۇت دەسسەپ تۇرالايمىز.

     يۈسۈپ تۇرسۇن يېقىندىن بۇيان ھەر تەرەپكە قاتراپ ئۆي كۆرۈپ كېچياۋغا ماكانلىشىشنى ئويلىدى. ئۇ بالىلىرىنى ئىچكىرىدە تېخىمۇ ياخشى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، تىرىشچانلىقى بىلەن ئائىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

     مەمەتئىمىن ئابدۇقادىرنىڭ ئون يىللىق كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇش يولى

     ھەممە كىشى ئىگىلىك تىكلىمەك ئاسان، داۋاملاشتۇرۇش قىيىن، دەيدىكەن. شاۋشىڭ كېچياۋدا رەخت ماتېرىياللىرى كەسپى بىلەن ئون يىلدىن ئارتۇق شۇغۇللانغان مەمەتئىمىن ئابدۇقادىر 70 – يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ تىركىشىشى ۋە توختاپ قېلىشىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپلا قالماي، يەنە كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۈشكۈلچىلىكلىرىگىمۇ دۇچ كەلگەن.

     بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، كېچياۋ رايونى بىر تۈركۈم يۇقىرى سەرپىياتلىق، يۇقىرى بۇلغىمىلىق گۈل بېسىش ۋە بوياش كارخانىلىرىنى تاقاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە باشلىدى، مەمەتئىمىن ئابدۇقادىرنىڭ گۈل بېسىش زاۋۇتى بۇ يىل 5 – ئايدا كۆچۈش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى.

     30 نەچچە يىل بۇرۇن، مەمەتئىمىننىڭ دادىسى كېچياۋدا رەخت سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، كېچياۋدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان سودا يولىنى ئەڭ بۇرۇن ئاچقۇچىلار ھېسابلىنىدۇ. بۇلتۇر، ئائىلىۋى كارخانىنى ئۆتكۈزۈۋالغان مەمەتئىمىن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ كورېيەنىڭ يېڭى گۈل بېسىش ماشىنىسىنى كىرگۈزۈپ، نوقۇل رەخت توپ سېتىش سودىسىدىن گۈل بېسىش ۋە بوياش كەسپىگە ئۆتتى.

     گۈل بېسىش زاۋۇتى قۇرۇلۇپ بىر يىل بولغاندا، ئىشتىن توختاپ كۆچۈرۈشكە توغرا كەلدى، بۇ، پايدىنىڭ تۈگەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، يەنە قان تەرىنىڭ بىكارغا كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى، مەمەتئىمىننىڭ بۇنىڭغا كۆزى قىيمايتتى، بىراق دېڭىز بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن رايوندا كۆپ يىل تىرىشقان مەمەتئىمىن كۆز ئالدىدىكى بۇ ئۆزگىرىشكە ماسلاشتى.

     10 – ئاينىڭ 5 – كۈنى كونا زاۋۇتتىكى ئۈسكۈنىلەر يېڭى زاۋۇتقا كۆچۈرۈلدى. ئەسلىي گۈل بېسىش ۋە بوياشنىڭ يۇقىرى دولقۇنلۇق مەزگىلى بولسىمۇ، بىراق مەمەتئىمىن تىجارىتىگە كىرىشەلمەي تولىمۇ تىت – تىت بولدى.

     نەچچە ئايلىق ئالدىراشچىلىقتىن كېيىن، مەمەتئىمىننىڭ زاۋۇتى ماشىنىنى تەڭشەپ سىناش باسقۇچىغا كىرىپ، ناھايىتى تېزلا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى. گۈل بېسىش زاۋۇتى يېرىم يىلدىن ئارتۇق توختىتىلغاچقا، ئىشلەپچىقىرىشنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا مەمەتئىمىن ئىلگىرىكى شېرىكلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېڭى زاكاز ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇ تۈركىيەلىك سودىگەر بىلەن يېڭى توختام ئىمزالىدى ھەم يىل ئاخىرىدىكى ئىككى ئايغىچە تىرىشىپ قىسمەن زىيىنىنى تولدۇرۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلدى.

     ئىگىلىك تىكلەشتە ئىلھام ۋە قايناق ھېسسىيات بولۇش كېرەك، كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئەقىل – ئىدراك ۋە يىراق پىلانغا، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىپ، سىرتقى تۇرمۇشقا ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىشكە تايىنىش كېرەك، مەمەتئىمىن ئون يىللىق كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدا، نەزەر دائىرىسىگىلا ئەمەس، يەنە كۆڭلى – كۆكسىنى كەڭ تۇتۇشقا تاياندى. زاۋۇتنى كۆچۈرۈشتىكى زىيان، كەسىپ ئىقتىسادىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، يەنە كېلىپ نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلار ئۇنى بۇ ئىشتىن ۋاز كەچكۈزەلمىدى.

     بۇ يىل مەمەتئىمىن كېچياۋدا شىنجاڭچە ئاشخانا ئاچتى، جۇڭگوچە، غەربچە تاماق بىلەن مىللىيچە يېمەك – ئىچمەكلەر تەڭ چىقىرىلدى، ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان مىللەت كىشىلىرى بۇ جايدا جەم بولدى، مەمەتئىمىن بۇ ئاشخانىغا ‹‹يىپەك يولى›› ئاشخانىسى دەپ ئىسىم قويدى.

     يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن، يېڭى كۆچۈرۈلگەن گۈل بېسىش زاۋۇتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، ئىشچىلارنىڭ كۆپچىلىكى كۆپ يىللاردىن بۇيان مەمەتئىمىنگە ئەگىشىپ ئىشلىگەن، زاۋۇت يېرىم يىلدىن ئارتۇق توختىغان بولسىمۇ، بىراق كۆپچىلىكنىڭ زاۋۇتتىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى. مەمەتئىمىن مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، زاۋۇت ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن ئىشچىلارنى شىخوغا ئاپىرىپ ئويناتتى.

     مەمەتئىمىن ‹‹يىپەك يولى›› ئاشخانىسىدا ئىشچىلارغا مول كەچلىك زىياپەت ھازىرلىدى، خۇشال كەيپىيات كىشىلەرگە خۇددى يۇرتىغا قايتقاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلدى...

     ئابلىكىم مەمەت پۇتبول ئارقىلىق شۇ جايغا سىڭدى

     ئىگىلىك تىكلەپ، كەسپىنى داۋاملاشتۇرغان ئالدىنقى ئىككى يۇرتداش بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، 90 – يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئابلىكىم مەمەت شاۋشىڭدا تىجارەت قىلىپلا قالماي، يەنە قوشۇمچە تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسىنى قۇردى. شاۋشىڭ كېچياۋدىكى بۇ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسىغا ئابلىكىم مەمەتنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن.

     ئابلىكىم مەمەت 2015 – يىلى پۇل غەملەپ 1 – نۆۋەتلىك كېچياۋ شىنجاڭ بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

     ئابلىكىم مەمەت 18 ياشقا كىرگەن يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، كېچياۋغا كېلىپ ئاكىسىغا ياردەملىشىپ سودا بىلەن شۇغۇللاندى.

     ئابلىكىم مەمەت دائىم شاۋشىڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە پۇتبول ئوينىغاچقا، رەخت سودىسى قىلىدىغان نۇرغۇن پۇتبول ھەۋەسكارلىرى بىلەن تونۇشۇپ دوستلىشىپ، كېچياۋ ‹‹جىنشىباۋ›› پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندى.

     ئابلىكىم مەمەت بۇلتۇر پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاۋشىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىشتىن سىرتقى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ نۇرغۇن كوماندا ئەزاسى بىلەن تونۇشتى ھەم ئۇلار بىلەن سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

     شىنجاڭلىقلار ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدۇ. ئابلىكىم مەمەت بۇ قىزغىنلىقنى كېچياۋغا ئېلىپ كەلدى، ئۇ قۇرغان ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسى تونۇشمايدىغان نۇرغۇن شىنجاڭلىقنى پۇتبول مۇسابىقىسىگە جەم قىلىپ، كۆپچىلىكنى تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

     شاۋشىڭ شەھىرى ‹‹چىشيەن›› باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ پۇتبول تەشكىلاتىغا مەكتەپ سىرتىدىن يېتەكچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئابلىكىم مەمەت قاتلاممۇقاتلام تاللاشتىن ئۆتۈپ بالىلارنىڭ پۇتبول تىرېنېرىغا ئايلاندى. ئابلىكىم مەمەت كىچىكىدىن تارتىپلا كەسپىي پۇتبولچى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، ئۇ ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن بولسمۇ، بىراق بالىلارنىڭ پۇتبولنى ياقتۇرۇشى ۋە قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ، بىلىمى ۋە تەجرىبىسىنى بالىلارغا ئۆگەتتى.

     يېقىندا ئابلىكىم مەمەت ‹‹تەڭرىتاغ بۈركۈتى›› پۇتبول كوماندىسىنى ئەگەشتۈرۈپ شاۋشىڭ شەھىرىنىڭ 2016 – يىللىق ئىشتىن سىرتقا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ‹‹تەڭرىتاغ بۈركۈتى›› پۇتبول كوماندىسى 4كە قارشى 6 نەتىجە بىلەن شەرقىي شىمال يولۋاس كوماندىسىنى يەڭدى، ئابلىكىم مەمەت پۇتبول كوماندىسىنى ئەگەشتۈرۈپ چېمپىيونلۇق نىشانىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى. ئۇ كۆڭلىدە بۇ پۇتبول كوماندىسىنى تېخىمۇ چوڭ مۇسابىقە مەيدانىغا باشلاپ كىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

     شاۋشىڭ شەھىرى پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ بىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىقلار پۇتبول جەھەتتە تۇغما تالانتقا ئىگە، ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويۇشقا باش ئەگمەيدىغان روھى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. پۇتبولنىڭ دۆلەت، مىللەت چېگراسى يوق، ئورتاق قىزىقىش بىلەن قاتناشقان مۇسابىقىدە كۆپچىلىك سېنىڭ – مېنىڭ دېيىشمەيدۇ. ئابلىكىم مەمەت پۇتبول ئارقىلىق شۇ جايغا سىڭىپ كىردى، ئۇ پۇتبول ئارقىلىق شىنجاڭلىقلارنىڭ شاۋشىڭدا تېخىمۇ خۇشال خىزمەت قىلىشى ۋە ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.