مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭلىقلار

    ياۋ دىشيۇڭ: ئات سىزىش مېنىڭ مەڭگۈلۈك ھەۋىسىم

    ئامانگۈل2016-10-20 18:08:00شىنجاڭ گېزىتى

     لى لى

      ياۋ دىشيۇڭ ئاۋسترالىيە تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق رەسسام بولۇپ، بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن، ئۇ جۇڭگو – چەت ئەل ئالاقە جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ئاتچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئالىي سەنئەت مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو ئات مەدەنىيەت – سەنئىتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، ئاۋسترالىيە – جۇڭگو يەرلىك سەنئەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئاۋسترالىيە – جۇڭگو ھۆسنخەت ۋە رەسىم ئالاقە جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، رۇسىيە ئىلىم – پەن، سەنئەت يۇرتىنىڭ پەخرىي ئاكادېمىكى. ياۋ دىشيۇڭ ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ، ئات ماكانى غۇلجىدا چوڭ بولغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنى ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدىغىنى خورازنىڭ چىللىشى بولماستىن، بەلكى ئاتنىڭ كىشنىشى ئىدى، ياۋ دىشيۇڭ كىچىكىدىنلا ئاتنى كۆرۈپ چوڭ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئات بىلەن رىشتى باغلانغانىدى، ئىلگىرى ياۋ دىشيۇڭ ماي بوياق رەسىم، ئويما رەسىم، سۇ بوياق رەسىم سىزىش بىلەن شۇغۇللانغانىدى، ھازىر ئۇ ئاساسلىقى ئات تېما قىلىنغان جۇڭگوچە رەسىم سىزىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

       بۇ يىل 8 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ياۋ دىشيۇڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول. ھارماس تۇلپار›› تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچى گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىر كۆرگەزمىگە قويۇلغان ‹‹بەسلىشىپ چېپىۋاتقان سەككىز ئارغىماق››، ‹‹شاش ئاتلار››، ‹‹قامچىلانغان چاپقۇر ئات››، ‹‹تېز غەلىبە قىلىش›› قاتارلىق بىر قاتار ئەسەرلەردە بەزى ئاتلارنىڭ يايلاقتا جىمجىت تۇرسا، بەزىلىرىنىڭ ئوخچۇپ چېپىۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆرۈلۈپ كىشنەۋاتقانلىقىنى ۋە ياكى سۇدا چاپچىۋاتقانلىقىنى، ھەر بىر ئاتنىڭ چوڭقۇر مەناغا ئىگە قىلىنغانلىقىنى كۆردى. ‹‹سەنئەتكارلاردا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بولۇشى، سەنئەت بېغىدا ئۆز <ئېتى>غا مىنىپ يۈرۈشى كېرەك. ئاتنىڭ تەقى – تۇرقى قاملاشقان، كۆزلىرى چوڭ، نۇرلۇق، مىجەزى ياخشى بولۇپ، بىراقلا نەچچە مىڭ كىلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ، ئۇ بىر خىل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھىغا باي بولىدۇ. رەسىم سىزىش مېنىڭ كەسپىم، ئات سىزىش مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەۋىسىم›› دېدى ياۋ دىشيۇڭ 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا.

       تۇلپار يۇرتى ۋە ئات بىلەن باغلانغان رىشتە

       ياۋ دىشيۇڭنىڭ ئاپىسى رۇس مىللىتىدىن، دادىسى جېجياڭنىڭ خۇجۇ دېگەن يېرىدىن بولۇپ، ئۇ ئۈچ ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا كۆچۈپ بارغان، ياۋ دىشيۇڭ كىچىك ۋاقتىدىلا چوڭلار بىلەن ئات مىنىپ، ئات مىنىشنىڭ راھىتىنى ھېس قىلغان، بەش ياشقا كىرگەندە، تۇنجى قېتىم ئاتنىڭ رەسىمىنى سىزغان.

       ‹‹ئاپام كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا دەرىزە پەردىسى ۋە داستىخاننىڭ چۆرىسىگە چىلتەك تىكەتتى، ئېسىمدە قېلىشىچە ئاپام تۇنجى قېتىم ماڭا قارا قەغەزنى ئات سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن رەختنىڭ ئاستىغا قويۇپ بېرىپ، يايلاقتا بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر پۇتىدا يەرنى تىپچەكلەپ تۇرغان بىر تايچاقنى سىزدۇرغان. بۇ رەسىم مەندە بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، مەن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئات سىزىشقا ئامراق بولۇپ قالغانىدىم›› دېدى ياۋ دىشيۇڭ ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلەپ.

       ئالقانچىلىكمۇ كەلمەيدىغان، دوراپ سىزىلغان بۇ رەسىم گۆدەك ياۋ دىشيۇڭنىڭ رەسىم سىزىش ئارزۇسىنى تېخىمۇ قاناتلاندۇرغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ئات سىزىشنى باشلىغان. ئەينى چاغدا جۇڭگودا ماددىي ئەشيا كەمچىل، قەلەم، سىياھ، قەغەزمۇ قىس ئىدى، بۇنداق ئەھۋالدا ياۋ دىشيۇڭ گېزىت، كونا كىتابلارغا، ھەتتا ئۆزىنىڭ ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابىغا رەسىم سىزاتتى.

      تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا، ئۇ كىشىلىك ھاياتىدىكى تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى شىئەن گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن پەن دىڭدىڭ مۇئەللىمنى ئۇچرىتىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەسىم سىزىشقا تېخىمۇ كىرىشىپ كەتتى.

        ‹‹پەن دىڭدىڭ مۇئەللىم بىزگە سەككىز ئاي گۈزەل سەنئەت دەرسى ئۆتتى، ئۇ مەكتەپكە كېلىپلا مېنىڭ رەسىم سىزىشقا ئېپىم بارلىقىمنى سېزىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ھەر ھەپتىدىكى بىر سائەتلىك گۈزەل سەنئەت دەرسىدىن كېيىن مېنى غۇلجا شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونى، خەنزۇلار كوچىسى، ئىلى دەرياسى بويى ھەمدە چارۋىچىلىق رايونىغا ئېلىپ بېرىپ، كۆرگەن ئەمەلىي نەرسىلەرنى سىزدۇراتتى›› دېدى ياۋ دىشيۇڭ.

       پەن دىڭدىڭ مۇئەللىم ياۋ دىشيۇڭنىڭ رەسىم سىزىش ئارزۇسىنى تېخىمۇ قاناتلاندۇردى، كەسپىي ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆپلەپ سىرتقا چىقىپ ئەمەلىي نەرسىلەرنى سىزىش داۋامىدا، 12 ياشلىق ياۋ دىشيۇڭ پۇختا رەسىم سىزىش ئاساسىنى – تېز سىزما ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋالدى.

       ياۋ دىشيۇڭنىڭ رەسىم سىزىش يولى ئانچە تۈز بولمىدى. 1966 – يىلى ئۇ رەسىم سىزىشنى ئەمدىلا باشلىغاندا، بىر ئائىلىدىكى ئالتە كىشى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 68 – تۈەنىگە چۈشۈرۈلدى. نامرات، جاپالىق تۇرمۇش، ئېغىر ئەمگەك 16 ياشلىق بۇ ياشنىڭ رەسىم سىزىشقا بولغان ئىنتىلىشىنى يوقىتىۋېتەلمىدى، ئۇ توختىماي ئات سىزدى. تۈەن – مەيداندىكى سەككىز يىللىق تۇرمۇش داۋامىدا ياۋ دىشيۇڭ 100دىن كۆپرەك دەپتەرگە تېز سىزما رەسىم سىزدى.

       پەن دىڭدىڭ مۇئەللىم ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلغان ‹‹ھايۋاناتلارنىڭ سۈرىتىنى سىزىش ماھارىتى ۋە ئۇسۇلى›› دېگەن كىتابتىكى رەسىملەرنى، بولۇپمۇ ئاتنىڭ رەسىمىنى ياۋ دىشيۇڭ ئۈچ قېتىم دوراپ سىزدى. ‹‹مۇشۇ كىتاب ئارقىلىق مەن ئاناتومىيە نۇقتىسىدىن ئاتنىڭ ئۇستىخانلىرى، مۇسكۇلىنى بىلىۋالدىم، ئەمما ئاتنى ياخشى سىزىش ئۈچۈن، ئات مىنىپ، ئۇنىڭ چېپىۋاتقان چاغدىكى تېز نەپەس ئېلىشىنى ھېس قىلىپ، ئاتنىڭ ئالغا ئىنتىلىدىغان، جان تىكىپ ئېلىشىدىغان، مەقسەتكە يەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان روھىنى چۈشىنىش كېرەك؛ ئات مىنگەندە سىزنىڭ مۇسكۇلىڭىز ئاتنىڭ بەدىنىگە تېگىشىپ تۇرىدۇ، سىز ئاتنىڭ مۇسكۇلى ھەرىكەتلەنگەندە كۆپۈشۈپ چىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز، كۆپۈشۈپ چىققان بۇ مۇسكۇل تارتىشىش، سوزۇلۇشتىن شەكىللەنگەن، ئاتنىڭ مۇسكۇلى، ئۇستىخىنى قانداق قىلىپ تېرىنىڭ ئاستىدا سوزۇلۇپ، قىسقىراپ ھەرىكەتلىنىدىغانلىقى، ئاتنىڭ جىم تۇرغان ۋە ھەرىكەت قىلغان چاغدىكى ئوخشىمىغان ھالىتىنى ھېس قىلغاندىلا، ئاندىن سىز ئاتنىڭ ئىچكى – تاشقى جەھەتتىن بىرلەشكەن گۈزەللىكنى نامايان قىلىدىغان ئوبرازى ۋە روھىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيسىز. سىز سىزغان ئاتمۇ ھەقىقىي مەنانى ئىپادىلەيدىغان، جانلىق ئات بولىدۇ›› دېدى ياۋ دىشيۇڭ.

       جۇڭگوچە رەسىمنى ئاۋسترالىيەدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، بىخلاندۇرۇش

       ياۋ دىشيۇڭ 1979 – يىلى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى پاناھ تارتىپ ئائىلىسى بويىچە ئاۋسترالىيەگە كۆچۈپ باردى. 30 ياشقا كىرگەن ياۋ دىشيۇڭ دېڭىز – ئوكيانلاردىن ھالقىپ ئاۋسترالىيەگە كەلدى.

       ‹‹شىنجاڭدىن ئايرىلغان ئەينى چاغدا مەن كۆپ ئويلاندىم، غەرب ئەللىرىنىڭ سىزىش ئۇسلۇبى، تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، ئاۋسترالىيەدە نەتىجە قازىنامدىم ياكى بۇنىڭدىن كېيىنكى يولۇمنى جۇڭگوچە رەسىم سىزىش ئۇسۇلى بىلەن داۋاملاشتۇرامدىم؟ ئەڭ ئاخىرىدا مەن شەرق بىلەن غەرب سەنئىتىنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىنى تېپىپ، جۇڭگوچە رەسىمنى ئاۋسترالىيە زېمىنىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، بىخلاندۇردۇم. بىر پىرسەنت ئۈمىد بولسىمۇ، مەن ئۇنى %100 رېئاللىققا ئايلاندۇردۇم›› دېدى ئۇ.

       ياۋ دىشيۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاۋسترالىيەنىڭ ئۈچ گۆھىرىنىڭ بىرى بولغان كېنگۇرۇنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تېمىسى قىلدى. ‹‹ئاۋسترالىيەدە كۆپلىگەن كىشى كېنگۇرۇنى ماي بوياق، تېز سىزما رەسىم شەكلىدە سىزىدۇ، ئەمما كېنگۇرۇنى قەلەم – سىياھ بىلەن سىزىدىغانلار يوق. مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم خۇاڭ جۇ ئېشەكنىڭ رەسىمىنى سىزىش بىلەن نام چىقارغان، ئۇ جۇڭگوچە رەسىم سىزىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كۆپلىگەن ئېشەكنىڭ رەسىمىنى سىزغان، مېنىڭچە ئېشەكنىڭ تۈكى، تېرىسى كېنگۇرۇنىڭ تۈكى، تېرىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، جۇڭگوچە رەسىم سىزىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كېنگۇرۇنى سىزىپ بېقىشقا بولىدۇ›› دېدى ياۋ دىشيۇڭ.

       ياۋ دىشيۇڭ 1983 – يىلى 12 – ئايدا تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيەنى ئايلىنىش ساياھىتىنى باشلىدى. بىر يېرىم ئايدىن كېيىن ئۇ ئاۋسترالىيەنىڭ يەتتە ئىشتاتىنى ئايلىنىپ، كېنگۇرۇنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆردى. ئۇ 1984 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 1985 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە ئۆيدىن چىقماي رەسىم سىزدى، ‹‹ كېچە – كۈندۈز رەسىم سىزىپ، قولۇمنىڭ بېغىشلىرى ئاغرىپ كەتتى، ئەڭ ئاخىرىدا داكا بىلەن تېڭىۋېرىپ سەزمەس بولۇپ قالدى›› دېدى ئۇ. ئۇ ئاۋسترالىيەنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش داۋامىدا كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنى، ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە تەبىئىي مەنزىرىسىنى جۇڭگوچە رەسىم شەكلىدە 63 مېتىرلىق شۈەنزى قەغىزىگە سىزىپ ئىپادىلىدى، بۇ رەسىمنىڭ جېنى ئۇنىڭدىكى 200 كېنگۇرۇ ئىدى. 1985 – يىل 4 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ياۋ دىشيۇڭ ‹‹200 كېنگۇرۇنىڭ رەسىمى››نى(كېيىن ‹‹2000 كېنگۇرۇنىڭ رەسىمى››گە ئۆزگەرتىلگەن) ئېلىپ جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا تۇنجى قېتىم شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. ‹‹ئەينى چاغدا بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى ناھايىتى داغدۇغىلىق بولدى. خۇاڭ جۇ مۇئەللىم مېنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ، مېنى دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىغا ئۇ سىزغان رەسىملەرنى كۆرۈشكە ئېلىپ باردى ھەمدە ماڭا ئېشەكنى سىزىش تېخنىكىسىنى كېنگۇرۇنى سىزىشقا قانداق تەتبىقلاشنى ئۆگىتىپ قويدى›› دېدى ئۇ.

       ياۋ دىشيۇڭنىڭ ‹‹200 كېنگۇرۇنىڭ رەسىمى›› ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى، ئاۋسترالىيە ۋىكتورىيە ئىشتاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ھاۋايغا بارغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە كۆرگەزمە قىلىنغان ھەم جىننس دۇنيا رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن. ياۋ دىشيۇڭ ۋە ئۇنىڭ ‹‹200 كېنگۇرۇنىڭ رەسىمى›› ئاۋسترالىيە سەنئەت كۆرگەزمىسىدە زور ئىنكاس قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ جۇڭگولۇق رەسسامغا ۋە جۇڭگوغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان.

       ئاۋسترالىيە ۋىكتورىيە ئىشتاتىنىڭ سابىق سەنئەت مىنىستىرى رېس مەيف زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: مەن ياۋ ئەپەندى سىزغان 200 كېنگۇرۇنىڭ رەسىمىدىن تولىمۇ زوقلاندىم، كۆچمەن سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرى ئاۋسترالىيە سەنئىتىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى بېيىتقانلىقى ئۈچۈن، ياۋ ئەپەندىگە ئوخشاش كۆچمەن سەنئەتكارلارغا يۈكسەك باھا بېرىمەن، ياۋ ئەپەندى سىزغان كېنگۇرۇنىڭ رەسىمىدە جۇڭگوچە رەسىمنىڭ سىزىش ئۇسۇلى ۋە ماھارىتى غەربنىڭ رەسىم سىزىش تېخنىكىسى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ساپ غەربچە رەسىم ھاسىل قىلالمايدىغان كۆرۈش سېزىمى ۋە سەنئەت ئۈنۈمىنى ياراتقان.

       ‹‹مەن تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيەنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلغىنىمدا ئاۋسترالىيە تۇپرىقىدا بۇ ئالاھىدە تېمىنى بايقىغانىدىم ھەم بۇ تۇپراقتىكى كىشىلەرنى تەبىئەت بىلەن ئىناق ياشايدىغان تۇرمۇش ھالىتىگە قايتۇرۇشنى ئويلىدىم›› ياۋ دىشيۇڭ 18 يىل مۇلاھىزە قىلىپ، ئاۋسترالىيەنى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ ساياھەت قىلىپ، ئىككى يىل يەتتە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 2001 – يىلى ھەيۋەتلىك رەسىمنى پۈتتۈرۈپ بولدى، بۇ ئاۋسترالىيەنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتى تەسۋىرلەنگەن 100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ‹‹ئادەم ۋە تەبىئەت. ئاۋسترالىيە روھى›› دېگەن يۆگىمە رەسىم ئىدى. بۇ رەسىم 2002 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭگو – ئاۋسترالىيە دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىدا جۇڭگو مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىندى.

       يۇرتۇمنى مەڭگۈ ياد ئېتىمەن ۋە سېغىنىمەن

       ‹‹2000 كېنگۇرۇنىڭ رەسىمى››، ‹‹ئادەم ۋە تەبىئەت . ئاۋسترالىيە روھى›› قاتارلىق رەسىملەرنىڭ كەينى – كەينىدىن ئىجاد قىلىنىشى بىلەن ياۋ دىشيۇڭنىڭ دۇنياۋى رەسىم كۆرگەزمىسى باشلاندى. ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاتنىڭ رەسىملىرىنى 1985 – يىلىدىن ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 160 نەچچە قېتىم كۆرگەزمە قىلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودا 120 نەچچە قېتىم كۆرگەزمە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى پارچە رەسىمنى سىزغاندىمۇ ئات سىزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. ھەر قانداق يۆگىمە رەسىم كۆرگەزمەمدە ئات رەسىمىمۇ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

       2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 3 – نۆۋەتلىك دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ خەتتاتلىق، گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى تارىخىي مۇزېيىدا باشلاندى، ياۋ دىشيۇڭ جۇڭگولۇق مۇھاجىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئات رەسىملىرىنى سوۋغا سۈپىتىدە نەق مەيداندا تەقدىم قىلدى.

       ياۋ دىشيۇڭ مۇنداق دېدى: رەسىم سىزىش مېنىڭ كەسپىم، ئات سىزىش بولسا ئۆمۈرلۈك ئىشىم، چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق ھارپىسىدا سىزغان رەسىملىرىمنى جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىگە، ۋەتەنگە تەقدىم قىلالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم.

       ياۋ دىشيۇڭ ئۈندىدارىدا دائىم گۈزەل شىنجاڭ تونۇشتۇرۇلغان نۇرغۇن رەسىمنى يوللايدۇ، ئۇ دەسلەپتە كۆچمەن بولۇپ ئاۋسترالىيەگە بېرىش يولىدا شياڭگاڭدىن ئۆتكەندە، شىنجاڭلىق رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرىنى بىرلەشمە كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئابدۇكېرىم نەسىردىن، گۇڭ جيەنشىن، شۈ شۇجى، خۇاڭ گېجيې، گۇەن ۋېيشياۋ قاتارلىق شىنجاڭلىق داڭلىق رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹شياڭگاڭدىكى شۇ قېتىملىق رەسىم كۆرگەزمىسىدە كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان قىزىقىشى قوزغالدى، رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى شىنجاڭنى كۆرۈپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى››، يۇرت ياۋ دىشيۇڭنىڭ قەلبىدىكى مەڭگۈلۈك ئەسلىمە ۋە سېغىنىش ھېسابلىنىدۇ. ياۋ دىشيۇڭنىڭ ئەسەرلىرى يۇرتىدا نۇرغۇن قېتىم ئىئانە قىلىنغان ۋە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان، ياۋ دىشيۇڭ 1996 – يىلى جۇڭگو ياش – ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىگە ئون پارچە رەسىمىنى ئىئانە قىلغان، رەسىم سېتىپ توپلانغان 200 مىڭ يۈەن بىلەن ئاقسۇدا بىر ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلغان.

       ياۋ دىشيۇڭ بىر قېتىم بىر ساياھەتچى دوستىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ باققان – باقمىغانلىقىنى سورىدى، دوستى بېرىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ دوستىنى قىزىقتۇرۇپ: شىنجاڭغا بېرىپ باقمىغان بولساڭ، ئۆزۈڭنى ساياھەتچى ھېسابلىمىساڭمۇ بولىدۇ، دېدى، ئارقىدىنلا شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بىردىنبىردىن سۆزلەپ، دوستىنىڭ شىنجاڭغا بېرىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

       ياۋ دىشيۇڭ 2008 – يىلى جامائەت پاراۋانلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن پرىژىۋالىسكى ئېتى ياۋ شۈەنفېڭنى بېقىۋالىدۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ پرىژىۋالىسكى ئېتىنى سىزىش ياۋ دىشيۇڭنىڭ رەسىم ئىجادىيىتىگە قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ ئات سىزىشىدىكى بىر تېمىغا ئايلىنىدۇ.

       يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋدىشيۇڭ ئىلى تۇلپار ساياھەت بايرىمىغا ئۈلگۈرۈپ شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ كەلدى، ئۇ: مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە غۇلجىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرسىتىپ، كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ مول ساياھەت بايلىقىنى تونۇشتۇرغۇم بار، يۇرتۇمنىڭ بارغانسېرى گۈللىنىشىنى، تەرەققىياتىنىڭ بارغانسېرى تېز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.