مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭلىقلار

    ئىستېداتلىق ئاخباراتچى ۋېن بو

    ئامانگۈل2016-10-13 11:56:42شىنجاڭ گېزىتى

      ياۋ تۇڭ

       ‹‹ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاخبارات مۇخبىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىنىڭ بەلگىسى، ئاخبارات مۇخبىرلىرى كەسىپكە قايناق ھېسسىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ۋە كەسىپنى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك››، دېدى 10 – ئۆكتەبىر سەھەر سائەت بىردىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭدوڭدا تۇرىۋاتقان ۋېن بو ماڭا ئۈندىداردا.

       ۋېن بو شىنجاڭلىق، 1986 – يىلى بېيجىڭ رادىيو ئىنىستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا تەقسىم قىلىنغان ھەم ئەينى چاغدا مۇنتىزىم تەربىيەلەنگەن بىردىن بىر رىياسەتچى بولۇپ قالغان ۋە 1990 – يىلى ئاڭلىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن.

       ۋېن بو شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلىدە، توختاپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان ‹‹تەلەپ ۋە تەقدىم›› پىروگراممىسىنى قايتىدىن پىلانلىدى. ۋېن بونىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ئۇ ئۆزى پىلانلىغان ۋە رىياسەتچىلىك قىلغان ‹‹تەلەپ ۋە تەقدىم›› پىروگراممىسى يىپ يېڭى قىياپەتتە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئەينى چاغدا كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسى ئانچە كۆپ بولمىغاچقا، يېڭىچە شەكىلدىكى ‹‹تەلەپ ۋە تەقدىم›› پىروگراممىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ئايلانما سەھنە››، شاڭخەي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹بۈيۈك دۇنيا››، گۇاڭدوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹رەڭگارەڭ›› پىروگراممىسى بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

       شىنجاڭلىقلار بۇ پىروگرامما ئارقىلىق مايكول جېكسوننى تونىدى، 1988 – يىلىدىن 1993 – يىلىغىچە، چېن داۋمىڭ، جۇ شىماۋ، چېن پېيسى قاتارلىق داڭلىق ئارتىسلار بۇ پىروگراممىغا تەكلىپ قىلىندى. ‹‹ئەينى چاغدا تاماق يىگىلى بارساقمۇ، تاكسى چارقىرساقمۇ قارا كۆزئەينەك تاقىۋالاتتۇق، ئاشخانا خوجايىنلىرى، تاكسى شوپۇرلىرى بىزنى تونۇپ قالسا، پۇل ئالغىلى ئۇنىمايتتى››، دېدى ۋېن بو. ۋېن بو ‹‹تەلەپ ۋە تەقدىم›› پىروگراممىسى ئارقىلىق تاماشىبىنلار پىششىق بىلىدىغان داڭلىق رىياسەتچىگە ئايلاندى.

       1993 – يىلى قىرانلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان ۋېن بو گۇاڭدوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا يۆتكەلدى، ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولغان گۇاڭجۇ شەھىرىگە كېلىپ، گۇاڭدوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بىر ئىشلىگىنىچە 23 يىل ئىشلىدى، ئۇ بۇ جەرياندا ھەممىنى نۆلدىن باشلىدى ھەمدە ئۆز ئالدىغا يول ئاچتى.

       بىلەت ئېلىپ ساتقۇچىلارنىڭ قارا ئۇۋىسىنى پاش قىلىش

       ۋېن بو 1993 – يىلى گۇاڭدوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىغا يۆتكىلىپ كەلگەن دەسلەپكى چاغلىرىنى ئەسلەپ: ‹‹يېڭى كەلگەن چاغدا ناھايىتى يالغۇزلۇق ھېس قىلدىم، ئەتراپىمدا ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم ۋە دوستلىرىم يوق ئىدى، ھەممىدىن يامىنى شىنجاڭدىكى تاماشىبىنلاردىن ئايرىلىپ قالدىم، ئەمما كۆڭلۈمدە مەن شىنجاڭلىق بولغان ئىكەنمەن، شىنجاڭغا شەرەپ كەلتۈرۈشۈم كېرەك، دەپ ئويلىدىم››، دېدى.

       يېڭى مۇھىت، كىشىدە بېسىم پەيدا قىلىش بىلەن بىللە، يەنە كىشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېغىشلايدۇ، ۋېن بو تېخىمۇ زور قىزغىنلىق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.

       ئاخبارات خىزمەتچىلىرى جەزمەن بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىشى كېرەك. ۋېن بونىڭ 2000 – يىلى گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ، پويىز ئىستانسىسىدىكىلەرنىڭ بىلەت ھايانكەشلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پويىز بېلىتىنى ھايىنىغا ساتىدىغان قارا ئۇۋىنى پاش قىلغان چاغدىكى ئەھۋاللار پەقەت ئىسىدىن چىقمايدۇ.

       ‹‹ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشى گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىنىڭ مەينەت، قالايمىقان، ناچار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. قاتناش تۈگۈنى بولغان بۇ جايغا كۈندە كېلىپ – كېتىدىغانلار كۆپ بولۇپ، پويىز ئىستانسىسىنىڭ ناچار ئوبرازى كىشىلەرنىڭ گۇاڭجۇغا بولغان قارىشىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزگەن ئىدى››، دېدى ۋېن بو ئەينى چاغدىكى پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ. يوشۇرۇن زىيارەتنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، ۋېن بو دەسلەپتە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پويىز ئىستانسىسىدىكى بىر قىسىم خادىملارنىڭ بىلەت ھايانكەشلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئارىدىن پايدا ئالىدىغانلىقىدەك پاكىتنى ئىگىلىدى. ‹‹مەن بۇنى تۇتقا قىلىپ، پىلەك بويلاپ خەمەك ئىزدەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەكشۈرۈپ، پويىز ئىستانسىسىدىكى بىلەت سېتىۋېلىش تەس بولۇش، بىلەت ھايانكەشلىرىنىڭ يولۇچىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىشىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئاممىغا زىيان يەتكۈزگۈچىلەرنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىدىم››، دېدى ۋېن بو.

       ۋېن بو بىلەت ھايانكەشلىرىنى يوقىتىش مەقسىتىدە، پويىز بېلىتىنى ئېلىپ سېتىش نۇقتىسىدىكى خوجايىن سىياقىدا كېيىنىپ، بىلەت ھايانكەشلىكى قىلىدىغان بىر قارا گۇرۇھنىڭ كىچىكرەك كاتتىبېشى بىلەن مۇناسۋەت ئورناتتى. سۈرەتكە ئالىدىغان كۈنى، ئۇ مىكرو تېلېكامېرانى سومكىسىغا سېلىپ، بىلەت ھايانكەشلىرى ئىجارىگە ئېلىپ تۇرىۋاتقان ئۆيگە كەلدى، ئۇ سومكىسىنى شىرەگە قويۇپ، تېلېكامېرانى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئوبيېكتىغا توغرىلىدى، ئەمما بىلەت ھايانكەشلىرىدىن بىرى ۋېن بونىڭ سومكىسىنى بايقاپ قېلىپ سومكىدا نېمە بارلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ‹‹بۇ دوستلىرىمنىڭ تويىنى سۈرەتكە ئالىدىغان تېلېكامېرا››، دەپ جاۋاب بەردى. ۋېن بو يوشۇرۇن زىيارەتنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئويلاپ قويغانىدى. شۇنداق قىلىپ، ۋېن بو بىلەت ھايانكەشلىرى بىلەن ئادەتتىكىدەك پاراڭلىشىپ، ئاستا – ئاستا ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

       ‹‹تەلىيىمگە ئەينى چاغدىكى ھىلىگەر ھايانكەشنى قايتا ئۇچراتمىدىم، ئۇنداق بولمىغاندا سىزىلىپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى، راستىنلا شۇنداق بولغان بولسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىر نېمە دېيىش تەس ئىدى››، دېدى ۋېن بو. ۋېن بو ھەققانىيەت، ۋىجدان ۋە مۇخبىرلىق مەسئۇلىيىتى ئالدىدا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئانچە ئويلاشماي، بىرىنچى قول ماتېرىيالنى تېلېكامېرادا سۈرەتكە تارتىپ ئېلىپ كەلدى. 2004 – يىل 5 – ئاينىڭ 24 – كۈنى گۇاڭدوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋېن بو سۈرەتكە تارتىپ ئېلىپ كەلگەن كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى، فۇنكىسىيەلىك تارماقلار گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىنى تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش سالمىقىنى زورايتتى، ھازىر پاكىز، رەتلىك پويىز ئىستانسىسى گۇاڭجۇغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ گۇاڭجۇنى چۈشىنىشى، تونۇشىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى.

       ‹‹مەن بۇ ئىشىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن. مېنىڭچە، مېنىڭ قىلغانلىرىم ھەر بىر ئاخبارات خادىمى جەزمەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، رېئاللىققا يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، رەزىللىكنى ئېچىپ تاشلاپ، ھەققانىيەت، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن خەۋىرىم شۇ يىلى مەملىكەت بويىچە تېلېۋىزىيە ئاخبارات خەۋەرلىرىنى باھالاشتا 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى››، دېدى ۋېن بو كۈلۈپ تۇرۇپ.

       باشتىن – ئاخىر ئېكرانغا مۇھەببەت باغلاش

       ‹‹كىچىك چاغلىرىمدا رادىيو ئاڭلاشقا بەك ئامراق ئىدىم، ئارزۇيۇم دىكتور بولۇش ئىدى، دىكتورلارنى ناھايىتى ئالاھىدە ھېس قىلاتتىم››، دېدى ۋېن بو.

       ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ۋېن بونىڭ مەكتەپتىن قايتىپ قىلىدىغان تۇنجى ئىشى رادىيونى ئېچىپ، رومان، نەسىر ئاڭلاش ئىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، رادىيو ۋېن بوغا دىكتورلۇقنى ئۆگەتكەن. 1982 – يىلى ۋېن بو ئارزۇسى بويىچە بېيجىڭ رادىيو ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، شۇ يىلى بېيجىڭ رادىيو ئىنىستىتۇتى شىنجاڭدىن پەقەت بىرلا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغانىدى.

       ۋېن بو گۇاڭدوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا رىياسەتچى، سېنارىسىت، رېژىسسور، پىلانلىغۇچى ۋە باش نازارەتچى قاتارلىق ئوخشىمىغان ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىپ، ئۇنتۇلغۇسىز ئىزلارنى قالدۇردى. 2000 – يىلى بىر قېتىملىق ئەتىگەنلىك ئاڭلىتىش ۋاقتىدا، ۋېن بو بىر قانچە خەۋەرنى ئاڭلىتىپ بولغاندا، ئۇنىڭ بۇرنى تويۇقسىز قاناپ، قىپ قىزىل قان خەۋەر ئارگىنالىغا تېمىپ كەتتى. ۋېن بو كۆپ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئاساسەن، تېزدىن ئۆزىنى ئوڭشاپ، ئاڭلىتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردى. ئىشتىن كېيىن، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رەھبەرلىرى ۋېن بونىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېغىر زۇكامداپ قالغانلىقى، شۇنداق ئەھۋالدىمۇ بىر كېچە ئىشلەپ، سەھەر سائەت بەشتە يەنە ئەتىگەنلىك پىروگراممىغا چىققانلىقى، شۇڭا زىيادە چارچاشتىن تاساددىپىي ئەھۋال كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدى.

       شۇ ئىشتىن كېيىن، كۆپلىگەن تاماشىبىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا تېلېفون قىلىپ، ۋېن بونىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ۋېن بونى ناھايىتى سۈيۈندۈردى.

       بۇ يىل دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 67 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋاقتىدا، ۋېن بو APP يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ‹‹مېنىڭ ۋەتىنىم›› دېگەن شېئىرغا مۇزىكا كىرىشتۈرۈپ، لېنتىغا ئېلىپ دېكلاماتسىيە قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، بۇ لېنتىنىڭ قويۇلۇش قېتىم سانى 5748 قېتىمغا يەتتى. ‹‹مەن شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، گۇاڭدوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا كەلگەن دەسلەپكى چاغدا، مەن خەۋەر ئاڭلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆيگە قايتىپ كەسىپ مەشىقى قىلاتتىم، پولات تاۋلاش ئۈچۈن پولاتتەك ئىرادە بولۇش كېرەك ئەمەسمۇ››، دېدى ۋېن بو. يەنە ‹‹كىشى بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەن، باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، باشقىلار بىلەن خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بولۇشى كېرەك، ياشاش بىر خىل پوزىتسىيە، پوزىتسىيە كىشىنىڭ روھىي ھالىتىنى بەلگىلەيدۇ، كونىلار: تۇرمۇشىڭنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خۇشال – خۇرام ياشا دەپتىكەن ئەمەسمۇ››، دېدى.

       ۋېن بو ياخشى روھىي ھالىتى، يۇمۇرىستىك، قىزىقارلىق گەپ – سۆزلىرى بىلەن پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ 100 مەيداندىن كۆپرەك كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ گۇاڭدوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ ئىككىنچى يىلىلا ‹‹مەملىكەت بويىچە ئون ياخشى رىياسەتچى›› دېگەن نامغا ئېرىشتى.

       باشقىلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرگە باشقىلارمۇ ياردەم بېرىدۇ

       ۋېن بو گۇاڭجۇنىڭ چوڭ كوچىلىرىدا 40، 50 ياشلاردىكى شىنجاڭلىقلارنى دائىم ئۇچرىتىپ قالىدۇ، ئۇلار ۋېن بونى كۆرگەندە قىزغىنلىق بىلەن سالاملىشىدۇ. ‹‹ئۇلار مېنى كۆرسىلا: بۇ بىزنىڭ شىنجاڭلىق رىياسەتچى ئەمەسمۇ؟ دېيىشىدۇ، مەن دائىم شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىن مېھىر – مۇھەببىتى، مېھماندۇستلىقىدىن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن››، دېدى ۋېن بو.

       ۋېن بو شىنجاڭدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ‹‹شىنجاڭلىقلار ئائىلىسى›› پىروگراممىسىنى تەسىس قىلدى، گۇاڭدوڭدىكى شىنجاڭلىقلار ‹‹شىنجاڭلىقلار ئائىلىسى›› ئارقىلىق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئۆزئارا ياردەمدە بولۇشتى. ‹‹قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەر بۇ جايدا ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ، شىنجاڭغا بېرىپ تىجارەت قىلىدىغانلار مۇشۇ پىروگراممىدىن مەسلىھەت سورايدۇ، بۇ پىروگرامما ئۇلارغا ۋاسىتىچى، كۆۋرۈك بولدى››، دېدى ۋېن بو.

       ھەر يىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەندە، ۋېن بو شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناپ بېرىدۇ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ناخشا – ئۇسسۇللۇق پىروگرامما ئىشلىگەندە، ۋېن بو ئۇنىڭغا شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى قوشىدۇ، ‹‹مېنىڭ مۇنداق قىلىشىم شىنجاڭغا بولغان مېھىر – مۇھەببىتىمدىن بولسا كېرەك››، دېدى ۋېن بو.

       شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش مەزگىلىدە، ۋېن بو گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق خىزمەت كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سەھنىدە شياڭگاڭلىق تاماشىبىنلارغا شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناپ بەردى، ئۇ مەيلى نەگىلا بارمىسۇن، پۇرسەت بولسىلا كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادىتىنى تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئويناپ بېرىپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلدى.

       ۋېن بو ھەر قېتىم شىنجاڭغا تۇغقانلىرىنى يوقلىغىلى كېلىپ گۇاڭدوڭغا قايتقاندا، خىزمەتداشلىرىغا شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئالغاچ بارىدۇ، ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى تونۇشتۇرىدۇ. ‹‹ئەتراپىمدىكى كۆپلىگەن كىشى مېنىڭ تونۇشتۇرۇشۇم بىلەن شىنجاڭغا بارغان››، دېدى ۋېن بو خۇشال ھالدا.

       خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزەرىدە ۋېن بو مەسئۇلىيەتچان، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىدىغان كىشى، خىزمەتداشلىرى ئۇنى چىقىشقاق، قەلبى مېھىر – مۇھەببەت، مېھرىبانلىق بىلەن تولغان كىشى، دەپ قارايدۇ، ۋېن بونىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى ئاسما كۆۋرۈكتە ئولتۇرىدىغان ياشانغان مېيىپ كىشىگە ئۇدا ئىككى يىل تاماق ئاپىرىپ بەرگەنلىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىنى تېخىمۇ قوزغايدۇ. ‹‹ھەر قېتىملىق كەچلىك خەۋەر ئاڭلىتىش سائەت ئوندىن ئاشقاندا تۈگەيدۇ، ئىشخانىغا زاكاز قىلغان تاماقنى يەپ بولالمايمەن، ئېشىپ قالغىنىنى تاشلىۋەتسەم ئىسراپ بولىدۇ، شۇڭا ھەر قېتىم ئىشتىن چۈشكەندە، بۇ تاماقنى كۆۋرۈكتىكى ھېلىقى ياشانغان كىشىگە ئاپىرىپ بېرىمەن››، دېدى ۋېن بو. شۇنداق قىلىپ ۋېن بونىڭ ياشانغان بۇ كىشىگە تاماق ئاپىرىپ بېرىشى تاكى بۇ كىشى كۆۋرۈككە كەلمەيدىغان بولغۇچە داۋاملاشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.