مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىزچىل ئۆگىنىش

    تەرەققىياتنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك

    زاھىدە مۇتەللىپ2016-10-12 10:55:24شىنجاڭ گېزىتى

    ـــ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا (5)

    شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

       تەرەققىيات بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ پۇختا ئۇل تېشى ۋە كۈچلۈك كاپالىتى. مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك›› دەپ مۇھىم يوليورۇق بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تەرەققىياتنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

       شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تىرىكى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

       تەرەققىياتنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشتا، ئالدى بىلەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېڭىلاپ، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچىنى ئىگىلەش كېرەك. ‹‹بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى نورمال ھالەت ئىدىيەسىنى پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى نورمال ھالەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يېڭى نورمال ھالەتنى ئىگىلەپ، يېڭى نورمال ھالەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش بىلەن بىللە ئىشلەپچىقىرش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، ئامبار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، پىشاڭنى تۈگىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى ئاكتىپ يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدىن ئىبارەت قىممەتلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئىستىھكاملىق، باشلامچىلىق، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش؛ خەلق تۇرمۇشىنى تۇتقا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتە، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش جەھەتتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

       تەرەققىياتنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشتا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم پۇرسەت، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشنى مەقسەت قىلىپ، جۇڭگوچە تەرەققىيات يولىدا، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش كېرەك. 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، 3 – كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسىپلىرىنى، ساياھەتچىلىكنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سودا – ئەشيا ئوبوروتچىلىقى، چېگرا سودىسى، مەدەنىيەت، ساغلاملىق كەسىپلىرى ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش؛ تەرەققىيات قاتتىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، ئالاقىچىلىك، شەھەر – بازار قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە بازىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ تەرەققىيات يۇمشاق مۇھىتى يارىتىش كېرەك. مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئادىل، باراۋەر بازار تەرتىپى ئورنىتىش كېرەك. مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىنى قويۇۋېتىپ، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ زور ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

       تەرەققىياتنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشتا ئالاھىدە سىياسەتنى تولۇق، ياخشى ئىشلىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن مەخسۇس تۈزگەن ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۈچەپ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ، رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قاتناش تۈگۈنى ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربتىن چىقىرىشتەك خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى داغدام يولى ۋە ‹‹ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى››دىن ئىبارەت مۇھىم تۈگۈن بەرپا قىلىش؛ چېگرا سودىسى ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا سودا يىغىش – تارقىتىش ئورنى، خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، چوڭ تىپتىكى چېگرا سودا بازىرى ۋە زاپاس ساقلاش – توشۇش مەركىزى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەشيا ئوبوروت ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ چۆل – جەزىرە، قۇملۇقتىن چىقىپ، ئىچكىرى ۋە خەلقئارا بازارلارغا كىرىپ، ئىچكىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ ساياھەت ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى ئاشۇرۇپ، بايلىق توپلىنىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرغىلى ھەم خەلقنى بېيىتقىلى بولىدۇ. بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئېنېرگىيە، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىك، تەرەققىيات ئەۋزەللىكى، خەلقنى بېيىتىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش؛ شۇنداقلا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلىش كېرەك.

       تەرەققىياتنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشتا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئاچقۇچ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىساد خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.