مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىزچىل ئۆگىنىش

    نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك

    ئامانگۈل2016-10-11 10:54:18شىنجاڭ گېزىتى

     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا نەزەر(1)

    ‹‹خەلق گېزىتى›› مۇخبىرى

       ‹‹كونا ئادەت بويىچە ئىش قىلغاندا چىقىش يولى بولمايدۇ، ئارىسالدى بولۇپ توختاپ قالغاندا، ياخشى پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئۆزگەرمەيدۇ؛ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات قەدىمى مۇستەھكەم، ئاستىلاپ قالمايدۇ››. 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدىكى بايانى دۇنيادا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ‹‹ئىجادچان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ھەمتۈرتكە بولىدىغان، سىغدۇرۇشچان بولۇش››تىن ئىبارەت جۇڭگو تەشەببۇسى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

       شىزىخۇ كۆلىدىن يەنچىخۇ كۆلىگە قايتىش، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا APEC باشلىقلار يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھات ئوخشاشلا بۇ قېتىمقى يىغىندىكى ھالقىلىق سۆزگە ئايلاندى. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ياڭراق ئاۋازدا ئېيتقاندەك: ‹‹ئىسلاھات ئېلىپ بارغۇچىلارلا ئىلگىرىلەيدۇ، يېڭىلىق يارىتالايدىغانلارلا كۈچىيىدۇ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا غەلىبە قىلىدۇ››، خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى ۋە بېيجىڭدا ئېچىلغان APEC باشلىقلار يىغىنىدا ‹‹جۇڭگو ئىدىيەسى›› ئورتاق جاكارلاندى.

       كېيىنكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى دەۋرىدە، دۇنيا گاڭگىراش ئىچىدە يۆنىلىش ئىزدەۋاتقاندا، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ‹‹پاراۋوزى›› دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى؛ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى دۇنيادا مۇقىم 2 – ئورۇندا تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %25 تىن ئاشتى؛ ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى... جۇڭگو يولى جۇڭگو تەسىرىنى پەيدا قىلدى، جۇڭگو مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگو زىلزىلىسىنى ئېلىپ كەلدى، ‹‹ئىسلاھات››تىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق سۆز دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

       دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىسلاھات باش نىشانى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ‹‹بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەت رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش›› تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالىتىنى تونۇش، ئۇنىڭغا ماسلىشىش ۋە ئۇنى يېتەكلەش تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ‹‹يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكىلىكى ۋە ئورگانىك بىرلىشىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە تۈرتكە بولۇش›› تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى...

       پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مۇنداق كۆپ ‹‹تۇنجى قېتىم››لار دۇنياغا سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە ئۆزىنىڭ سىياسىي جاسارىتىدە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى، خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بەردى. 38 يىلنىڭ ئالدىدا، ‹‹دەۋرگە يېتىشىۋېلىش›› قەسىمىنى ئىچكەن جۇڭگولۇقلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭ پەردىسى ئېچىلغاندا، بەلكىم بۇ قارارنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىدىكى مۇھىم تاللاش ئىكەنلىكى، بۇ قارارنىڭ جۇڭگونى دەۋر قەدىمىگە يېتىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە جۇڭگونى دۇنيا ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش توختاپ قالمىدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي، ھاياتىي كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەر شارى ئاھالىسىنىڭ بەشتىن بىرىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېرىشىش تۇيغۇسى بەخش ئەتتى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئۆزگىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلارنى ئۇسۇل، چارە ۋە نەزەر دائىرە، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت بىلەن تەمىنلىدى.

       ئەسلىي مەقسەت ۋە ئىرادە

       ئىسلاھاتنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ئىسلاھات ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىرادە بىلەن دەسلەپكى مەقسەتنىڭ بىرلىكى ئىسلاھات نىشانى بىلەن ئىسلاھات قىممىتىنىڭ بىرلىكىدە نامايان قىلىنىدۇ، ماددىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى بىلەن ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنىڭ بىرلىكىدە نامايان قىلىنىدۇ، ‹‹خەلق بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش››تەك تارىخىي مەسئۇلىيەتتە نامايان قىلىنىدۇ.

       گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى ليەنخۇاشەن تېغى 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا بىر ئايمۇ بولمىغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى. ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش توختاپ قالمايدۇ››. باش شۇجىنىڭ دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە بېغىشلاپ قويغان گۈل سېۋىتى، تاغ چوققىسىغا تىككەن ياۋا ئەنجۈر دەرىخى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ‹‹قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، خەتەرگە دادىل تەۋەككۈل قىلىش›› ئىرادىسىنىڭ شاھىتى بولدى.

       2016 – يىل 4 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى شياۋگاڭ كەنتىدىكى ‹‹ئەينى يىللاردىكى دېھقانلار ئائىلىسى›› ھويلىسىدا، شى جىنپىڭ ئەينى يىللاردا كەنتتىكى 18 ئائىلىلىكنىڭ قول بېسىپ تۈزگەن چوڭ ھۆددىگەرلىك توختامىنى كۆردى. ‹‹جۇڭگو ئىسلاھاتىدىكى زىلزىلىلىك ئاۋازنى››قايتا ئەسلەپ، ‹‹قىيىنچىلىق ۋە مۈشكۈلات ھەر قانچە ئېغىر بولسىمۇ، ئۇنى باشتىن باشلاپ يېڭىشىمىز كېرەك›› دېيىش ئارقىلىق، ‹‹داۋاملىق يېڭى سەھىپە›› يارىتىش ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

       جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىككى ئورۇندا ئىككى ئىش جاكارلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشى، ئىسلاھات ئۇسۇلى، ئىسلاھات يولى، ئىسلاھات سۇبيېكتى، ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى توغرىسىدىكى بىر قاتار شەرھلىرى ھەم كەسكىنلىككە، ھەم قەتئىي، ئېنىق يۆنىلىشكە ئىگە بولۇپ، ئىسلاھات ئىرادىسىنى، ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئەسلىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

       ‹‹سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرماسلىق، ئىسلاھات قىلماسلىق، ئېچىۋەتمەسلىك، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماسلىق ئۆلۈم يولىدىن ئىبارەت››. 20 يىلنىڭ ئالدىدا، يەنىلا ھېلىقى ليەنخۇاشەن تېغىدا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى دېڭ شياۋپىڭنىڭ قىلغان يۇقىرىقى سۆزى كىشىلەرنى غەپلەتتىن ئويغاتتى. ‹‹ئىسلاھات قىلماسلىق ئۆلۈم يولىدىن ئىبارەت›› دېگەن ھۆكۈمنىڭ ئارقىسىدا خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت ئىسلاھات قىممەت قارىشى بار ئىدى. ‹‹خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش››، سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش دەل ‹‹ئىسلاھاتنىڭ ئەسلىي مەقسىتى›› ئىدى.

       ‹‹خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز››. ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىدا، شى جىنپىڭ خەلقنىڭ ئارزۇسىنى بىراقلا ئون ‹‹تېخىمۇ›› دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلىدى: تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلىنىش، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت قىلىش، تېخىمۇ رازى بولغۇدەك كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى، تېخىمۇ راھەت تۇرالغۇ شارائىتى، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىت، بالىلارنى تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش... بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ئىسلاھاتنى قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن باشقا چارە يوق.

       ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قەدىمىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى، پارتىيەمىز ۋە خەلقنىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن دەۋر قەدىمىگە يېتىشىۋېلىشىدىكى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى››، ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى پەقەتلا داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇكى، ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ››، كەسكىن، قەتئىي ئىرادىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىسلاھات ئەسلىي مەقسىتىدە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇردى. ‹‹سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا، بىز تەرەققىيات ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى دەيدىغان بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمدە چىڭ تۇرۇپ، ماددىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى بىلەن ئادەملەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك››، ‹‹ئىسلاھاتقا قايتا ئاتلىنىش›› سەپىرىدە، پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدىكى بىر قاتار نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ۋە نەزەرىيە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ مەقسىتى يەنىلا خەلق.

       سوتسىيالىزم جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشتا ئەگەر ئىسلاھاتنىڭ ‹‹ئالدىنقى يېرىم مۇساپىسىدە››، ‹‹ئۈچكە پايدىلىق بولۇش›› ھۆكۈمى خەلقنىڭ ‹‹سوتسىيالىزىممۇ، كاپىتالىزممۇ›› دېگەن ئىدىيەۋى چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاشقا تۈرتكە بولدى دېيىلسە، ئۇ ‹‹قانلىق يولدىن بۆسۈپ چىقىش››نى نەزەرىيە ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى؛ ئۇنداقتا ‹‹ئىقتىساد، جەمئىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەكمۇ – يوق؟ خەلقنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدىمۇ – يوق؟›› دېگەن بۇ ئىككى مەسىلىنى باھالاش ئۆلچىمى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باسقۇچىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپقا ئايلاندى. ‹‹ئۈچ›› تىن ‹‹ئىككى››گە ئۆزگىرىش ئىسلاھات نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىسلاھات مۇساپىسىنىڭ ئىچكى داۋاملاشما خاراكتېرى ۋە بىردەكلىكىنى نامايان قىلدى.

       ‹‹بىز ئادىللىق، ھەققانىيەتكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىيات تورتىنى چوڭ ياساش بىلەن بىللە، ئۇنى ياخشى تەقسىملەپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىقىش قىلىپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك››. 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو دۇنياغا ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. خەلقنى ئەمەلىي ‹‹ئېرىشىش تۇيغۇسى››غا ئىگە قىلىش پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ لوگىكىلىق چىقىش نۇقتىسىغا، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قىممەت قارىشىنىڭ چىقىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئىسلاھاتتا توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىچانلىقى، ئومۇميۈزلۈكلىكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا ‹‹بەش چوڭ مۇناسىۋەت››نى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ‹‹ئالتە چوڭ مەسىلە››نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىزدىنىشىنى قوزغىتىپ، نازارەت قىلىش، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا ئاساسلىنىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش، ئالغا سۈرگۈچىلەر ۋە ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇش... بىلىش نەزەرىيەسى، ئۇسۇل نەزەرىيەسىدىن قىممەت نەزەرىيەسىگىچە، يۆنىلىش، نىشاندىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكىچە، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بىر تۈركۈم مۇھىم نەزەرىيە نەتىجىلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنى بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان ئەقلىي بىلىشى ۋە ئىسلاھاتنى زىممىسىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئىدىيەۋى كوردىناتقا ئايلاندى.

       نوپۇس ئىسلاھاتىدا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باشقا جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى سىناق قىلىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش... ‹‹ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىش كېرەك››، ‹‹ئىسلاھاتتا ھەم يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنى كۆپەيتىشكە پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەش، ھەم ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغداشقا پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەش كېرەك››، ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچىلىكىدىكى ئىسلاھات يېڭى ئەمەلىيىتى ئىسلاھاتنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئىزاھلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مەۋقەسى، مەقسىتى ۋە ئەمەل قىلىدىغان ئاساسىي پىرىنسىپ – ‹‹خەلق››. ئاخىرقى مەقسەت – ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە ۋە ئۇلۇغ دەۋردە ياشاۋاتقان جۇڭگو خەلقىنى رەڭدار كىشىلىك ھاياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش، ۋەتەن ۋە دەۋر بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە راۋاجلىنىش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت››.

       مەسىلە ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش

       مەسىلە داۋامىدا ئىسلاھات تومۇرىنى توغرا ئىگىلەش، مەسىلىنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئىسلاھات قائىدىسىنى تونۇش كېرەك. ‹‹دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دەۋر تەشەببۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش››تەك بىر يۈرۈش ئىسلاھات مېتودولوگىيەسى شەكىللەندى؛ ‹‹خەلقنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش››تەك ئەڭ تۈپكى ئىسلاھات قىممەت قارىشىنى نامايان قىلدى.

       نەزەرىيە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش كۆپ ھاللاردا قەدەم ئۆلچىمىنىڭ ئاساسى بولىدۇ. بەزى ‹‹تارىخىي پەيت››لەردە، بىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات پىلانىنىڭ مۇساپىسىنى چۈشىنەلەيمىز.

       2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنى شى جىنپىڭ قار – شىۋىرغانغا قارىماي تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە بېرىپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ فۇپىڭ ناھىيەسى لوڭچۈەنگۈەن بازىرى لوتوۋەن كەنتىدە دېھقانلارنىڭ نامراتلىق ئەھۋالىنى ھەقىقىي ئىگىلىدى؛ 2013 – يىل 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى جۇڭگۈەنسۈنگە كېلىپ، بۇلۇت ھېسابلاشتىن كۋانت ئىلمى تەجرىبىسىگىچە ئەڭ ئالدىنقى سەپتىكى پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئىگىلىدى؛ 2015 – يىل 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنى شى جىنپىڭ زۇمرەتتەك كۆپكۆك، چايقىلىپ ئېقىپ تۇرغان ئېرخەي دەرياسى بويىدا يەرلىك كادىرلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ‹‹شۇ بويىچە ساقلانسۇن›› دەپ گۈزەل تەبىئىي مۇھىتنى ساقلاپ قېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

       پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان قەدىمى مەملىكەت بويىچە 30 غا يېقىن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرگە يېتىپ، ئۇ مەھەللە، يېزا، كەنت، كارخانا، مەكتەپ، قىسىملاردا ئىز قالدۇردى. مەملىكەت بويىچە يەنىمۇ بىرلىككە كەلگەن بازار سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ماكرولۇق تەڭشەش، تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى يەنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش... شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆزىتىش، بايقاش ئىقتىدارى ۋە ئوڭۇشلۇق ۋەزىيەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسى بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش زۆرۈر بولغان ئالتە مۇھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

       پەيلاسوپلاردا: مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ باشلانغان ئىش سوئال بىلەن ئاخىرلىشىدۇ؛ سوئال بىلەن باشلانغان ئىش مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشتا ئالدى بىلەن ‹‹مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىش››تىن ئىبارەت بىلىش نەزەرىيەسىگە ئىگە بولۇش كېرەك. ‹‹ئاساسىي قىيىنچىلىق جاۋابتا ئەمەس، بەلكى سوئالدا››. ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا، تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى توغرا بايقاپ، چوڭقۇر ئانالىز قىلىش – قىلالماسلىق نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم.

       ‹‹بىز كوممۇنىستلار ئىنقىلابتا، قۇرۇلۇشتا ۋە ئىسلاھاتتا ئەزەلدىن جۇڭگودىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلدۇق››. زىددىيەتتىن قاچماسلىق، مەسىلىلەرنى يوشۇرماسلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق چارە. ئەدلىيە ئىسلاھاتىدا كۆزدە تۇتۇلغىنى پۇل دېلوسى، مۇناسىۋەت دېلوسى، ئادەمگەرچىلىك دېلوسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بولۇپ، ئۇنىڭدا ‹‹ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدا خەلق ئاممىسىغا ئادىللىقنى ۋە ھەققانىيەتنى ھېس قىلدۇرۇش››قا كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان؛ مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىدە ‹‹تۇماننى ئازايتىپ، ئەۋلادلارغا قەرزدار بولۇپ قالماسلىق››، زېمىنلىرىمىزنى يېشىل، سۇلىرىمىزنى سۈزۈك قىلىش مەقسەت قىلىنغان؛ ياخشى چارىلەر ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى تەڭشەپ – تىزگىنلەپ، ئىمتىھان مائارىپىنىڭ نۇقسانلىرىنى تۈگىتىپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، يەر ئوبوروتى ۋە خادىملارنىڭ يۈرۈشىشىنى چەكلەپ تۇرىدىغان تۈزۈملەرنى بۇزۇپ تاشلاشتا، ئىشلەپچىقىرىشتىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى جانلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان... ‹‹ئىسلاھات مەسىلىنىڭ مەجبۇرلىشى سەۋەبلىك پەيدا بولغان››. ئەمما مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانى دەل ئىسلاھاتنىڭ كىشىلەرگە ھەقىقىي ‹‹ئېرىشىش تۇيغۇسى›› ئېلىپ كېلىش جەريانىدۇر.

       ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان يېڭى ئىش بولغاچقا، توغرا مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ئىزدىنىش ئارقىلىق داۋاملىق ئىلگىرىلەش كېرەك››. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈرلۈك مۇرەككەپ ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئىسلاھاتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنىڭ بىر يۈرۈش مېتودولوگىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

       ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئارقىلىق ئومۇمىي ۋەزىيەتنى پىلانلاش كېرەك. ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىيات باش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قانات يايدۇرۇش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئارقىلىق ئىسلاھات تەرەققىيات باش ئىستراتېگىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ‹‹يېڭى نورمال ھالەت›› ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، ‹‹يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى›› ئارقىلىق تەرەققىيات، ئومۇمىيلىقتا ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولۇش، ‹‹ئۈچ ئۆزگەرمەيدۇ›› ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ باش ئاساسىنى تۇرغۇزۇش قاتارلىقلاردا... خەلقئارا ۋە ئىچكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك كۆزەتكەندە ۋە ئىسلاھات – تەرەققىيات پىلانىنى تۈزگەندە، شى جىنپىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى چىڭ ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، چوڭ ئىشلارنى كۆزدە تۇتۇش كېرەكلىكىنى قايتا – قايتا تەكىتلىدى.

       دىيالېكتىك تەپەككۇر ئارقىلىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم ۋە ياخشى بولسىمۇ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى يەنىلا بىرقەدەر ئېغىر؛ ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى سىجىل كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئامما نارازى بولۇۋاتقان مەسىلىلەر يەنىلا بىرقەدەر كۆپ؛ قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››نى يەنىلا كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ... شى جىنپىڭ رەھبىرىي كادىرلاردىن دىيالېكتىك تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زىددىيەتلەرنى ئېتىراپ قىلىش، تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىشنى؛ ھەم ‹‹ئىككى نۇقتا››نى، ھەم ‹‹مۇھىم نۇقتا››نى كۆرۈش، ھەم مەسىلىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلدى.

       قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى بويىچە ئىدارە قىلىپ باشقۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك. بۇ يىل 3 – ئايغىچە، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قانۇن، قانۇن يەشمىسى ۋە قانۇن مەسىلىسىگە ئالاقىدار قاراردىن 66 نى ماقۇللىدى. بۇلتۇر بىر يىلدا ئىسلاھات سىناق نۇقتىلىرىنى چۆرىدەپ، 25 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، 13 قارار ماقۇللىدى. ‹‹چوڭ – چوڭ ئىسلاھاتلاردا قانۇنىي ئاساسى بولۇش››، ‹‹ئىسلاھاتنى قانۇن ئىدارە قىلىش يولى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك››. شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلىدىن پايدىلىنىپ، ئىسلاھات ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تولۇق نامايان قىلدى.

       سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. زېھنىي كۈچنى دۆلەت كارخانىلىرى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، يەر تۈزۈمى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ يېتەكلەش رولى جارى قىلدۇرۇلدى؛ يېڭى تەمىنات، يېڭى ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئېلىمىزدىكى ئۆلكىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلدى؛ بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېي ماس تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، رايون ئىقتىسادى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە قاراپ يېتەكلەندى؛ بەش چوڭ ئاچقۇچلۇق ساھەدە، يېزا ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى... شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم: ‹‹ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇرەككەپ سىستېمىلىق قۇرۇلۇش››، ‹‹ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئىسلاھ قىلىش ۋە ياخشىلاش ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھات ۋە ياخشىلاشنىڭ ھەمتۈرتكىسى ۋە يىغىندىسى›› دەپ كۆرسەتتى.

       تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئارقىلىق پاسىلنى بېكىتىش كېرەك. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سەۋىيەسى% 7 ئەتراپىدا بېكىتىلىپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ ئارىلىقى مۇۋاپىق سەۋىيەدە ساقلاپ قېلىندى؛ ‹‹ئونغا ئەھمىيەت بېرىش››تە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ 11 خىل بىخەتەرلىك››نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇلدى... پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماي، مەسىلىلەرنى يوشۇرماي، ھەرقانداق ئىشتا خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييار تۇرۇپ، تىرىشىپ ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، ھەرقانداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە تەمتىرەپ قالماي، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

       يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك نۇسخىسىنى بەرپا قىلىشتا تەرەققىياتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قەيەردىن كېلىدۇ؟ قۇرۇلمىنى تەڭشەش يولى قانداق بولىدۇ؟ شى جىنپىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگۈەنسۈن، شاڭخەي، تيەنجىن، لياۋنىڭ، خۇنەن قاتارلىق جايلارغا بارغاندا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇشنى قايتا – قايتا تەكىتلەپ، يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ھەممە ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

       ئوچۇق تەپەككۇر ئارقىلىق نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئەركىن سودا رايونى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق تەرەققىياتتا يېڭى سەھىپە ئېچىش؛ ‹‹ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى››نى قۇرۇپ، دۇنياۋىلاشقان دەۋرنىڭ ‹‹دۇنيا ئىدىيەسى››نى بەرپا قىلىش... پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تېخىمۇ ئىجابىي ھەم تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار ھەم ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە يېڭى ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىپ، يېڭى بوشلۇق كېڭەيتىلدى.

       ‹‹مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش ماركسىزمنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. مەسىلە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى››. ئىسلاھات دولقۇنى ئەمەلىيىتىدە، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا ئەمەلىيەت داۋامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان چوڭ – چوڭ ھەم تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئارقىلىق تارىخىي ۋەزىيەتنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقتى.

    ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىسلاھاتنى بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئاساس قىلىنىپ، ئەدلىيە ئىسلاھاتى، ئارمىيە ئىسلاھاتى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ‹‹كۆپ يىللاردىن بۇيان ياخشى ھەل قىلىنمىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر، ئىلگىرى ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى››. ئىشنى ئامما ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان ساھەدىن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، دەۋرىمىزدىكى قىيىن تېمىلارنى ھەل قىلىش جەريانىدا، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان تەقەززاسى ۋە تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇلدى.

       ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە يوشۇرۇن كۈچ

       يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يوشۇرۇن كۈچنى ھەل قىلىش كېرەك. ‹‹سىستېمىلىق، تولۇق، ماسلىشىشچان›› بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى – تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش؛ ‹‹ھەم ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ھەم ئەمەلىي ئىسلاھات قىلغۇچىلار››دىن بولۇپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى نامايان قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

       ئەگەر جۇڭگونىڭ 30 نەچچە يىللىق ئىسلاھاتىنى بىر ئەزىم دەرياغا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا بىز ھازىر شىددەتلىك ئېقىنلاردىن ئۆتۈپ، تىپتىنچ ئاقىدىغان چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىردۇق. ئىسلاھاتنىڭ چوڭ پەردىسى ئېچىلغاندا، ئىسلاھاتنىڭ توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان ئىچكى ھاياتىي كۈچى بار ئىدى؛ 30 نەچچە يىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىسلاھاتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قانداق قېزىش ھازىر ئىسلاھاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە بولۇپ قالدى.

       ‹‹چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، چوڭ – چوڭ ئىشلارنى پىلانلاش››، ‹‹ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈش، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇش، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈش››، ‹‹ زامان ۋە ماكان ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولۇش›› كېرەك... شى جىنپىڭ ‹‹ۋەزىيەت››نى تەكىتلىدى، ‹‹ۋەزىيەت››كە ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى، قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋەزىيەت ھەم پۇرسەتنى ئالدىن ئىگىلەيدىغان ئوڭۇشلۇق ۋەزىيەتتە قۇدرەتلىك ئىقتىدار ھازىرلاندى. يەر ئوبوروتى دېھقانلارنى ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدى، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش كارخانىلارنىڭ نۇرغۇن سېلىقىنى يېنىكلەتتى، 29 ئۆلكە نوپۇس ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنىڭ لايىھەسىنى ئېلان قىلدى... ئۈچ يىلدىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوڭۇشلۇق ئورۇندالدى، ئىسلاھاتنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، سىستېما قۇرۇلمىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىشتا مەركەزنىڭ ئىسلاھاتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان كۈچلۈك نەزەرىيە ئىقتىدارى نامايان قىلىندى.

       ئىسلاھات داۋامىدا بىر قاتار نەزەرىيەلەردە يېڭىلىق يارىتىش پارتىيەمىزنىڭ ‹‹چوڭ مەنتىقە››نى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. 2012 – يىلى جۇڭگو ئىقتىسادى بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا دۇچ كەلدى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىپ، ئەمەلىي گەۋدە كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى تۆۋەنلەپ، مالىيە كىرىمى ئازىيىپ، ئىقتىسادىي خەۋپ – خەتەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى كۈچىيىپ كەتتى. بۇ ھالەت ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان جۇڭگوغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. ‹‹دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە كىرىشى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنىڭ مۇقەررەر ئىنكاسى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگەرمەيدۇ. يېڭى نورمال ھالەتنى تونۇش، يېڭى نورمال ھالەتكە ئۇيغۇنلىشىش، يېڭى نورمال ھالەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ چوڭ مەنتىقىسى››. شى جىنپىڭنىڭ بۇ زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا ئايلاندى.

       ئىسلاھات داۋامىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش پارتىيەمىزنىڭ ‹‹چوڭ يۆنىلىش››نى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك››. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم باش نىشاننىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئىسلاھ قىلىش تارماق نىشانلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بەزى چەت ئەل تاراتقۇلىرى بۇنى ‹‹جۇڭگودىكى 5 – زامانىۋىلاشتۇرۇش››، 1 مىلياردتىن ئارتۇقراق خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېيىشتى. بەزىلەر ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتىدىكى 5000 خەتلىكتىن كۆپرەك ھۆججەتتە ‹‹ئىسلاھات›› دېگەن سۆزنىڭ 59 قېتىم، ‹‹تەرەققىيات›› دېگەن سۆزنىڭ 37 قېتىم تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بايقىدى؛ بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا چىقىرىلغان ‹‹قارار››دا، 60 ماددىلىق، 300 نەچچە تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ‹‹ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر››لىك باشلاندى.

       ئىسلاھات داۋامىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش پارتىيەمىزنىڭ ‹‹چوڭ رامكا›› قۇرۇش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش ۋە مۇستەھكەملەشكە ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 27 قېتىم يىغىن ئېچىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى تەدرىجىي قۇرۇپ چىقتى. ماكرو قاتلامدا ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى باشلىنىپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ، باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ مىكرو قاتلامدا ھەم ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلدى، ھەم تاراتقۇلارمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلدى، ھەم ج خ قانۇن ئىجراسى قېلىپلاشتۇرۇلدى، ھەم تەرەققىيات پىدائىي مۇلازىمەت تەشكىلاتى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى... قاراپ چىقىلغان 190 پارچىگە يېقىن ھۆججەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەچچە يۈز تۈرلۈك ۋەزىپە ھازىرقى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىلەر ۋە ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەزمۇنلارغا بىۋاسىتە قارىتىلغان بولۇپ، ئامما ئىسلاھاتتىكى ئىلگىرىلەشنى ھەقىقىي كۆرۈپ، ئىسلاھات مۇساپىسىگە قاتناشتى. خۇددى چەت ئەل تاراتقۇلىرى باھا بەرگەندەك: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىگىلى، ھەتتا جۇڭگو جەمئىيىتى ۋە ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئالدىن كۆرگىلى بولىدىغان بولدى.

       تەسەۋۋۇر قانچە ياخشى بولسىمۇ، ئۇنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرمىسە قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئومۇميۈزلۈك پىلانلاشنى كۈچەيتىش ئىسلاھاتتىكى ‹‹ئەڭ ئالدىنقى بىر كىلومېتىر›› مەسىلىسىنى ھەل قىلدى دېسەك، ئىسلاھات تەپەككۇرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئىسلاھاتتىكى ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا تەپەككۇر يولى، چارە ۋە ئۈنۈم بولغاندىلا، ئاندىن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

       پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹ئىسلاھاتتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش›› قا دائىر بىر يۈرۈش نەزەرىيە يەشمىسىنى شەكىللەندۈردى. ‹‹تاشتا ئىز، تۆمۈردە بەلگە قالدۇرالايدىغان بولۇش›› تەلىپى ھەم ‹‹مىخ››لىق روھىدىن، ‹‹ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا، ئىسلاھات قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەكشۈرۈپ نەقلەشتۈرگىلى بولىدىغان ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت نەزەرىيەسى بەرپا قىلىشتىن ھەم ‹‹ۋەزىپە، سۈرئەت، ئۈنۈمنى نازارەت قىلىش، ھەم تونۇش، مەسئۇلىيەت، ئىستىلنى كۆزىتىش››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش قارىشىنى تۇرغۇزۇشقىچە؛ ‹‹ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى تولۇق تەكشۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەدبىرلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنچىكە مەشغۇلات قىلىپ، مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن، زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ›› دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسىنى قوللىنىشتىن ‹‹ھەم ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ھەم ئەمەلىي ئىسلاھات قىلغۇچىلار››دىن بولۇشقىچە... مەيلى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنلىرىنى ئاچسۇن ياكى جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا بولسۇن، مەيلى مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات – مۇھاكىمە كۇرسلىرىدا سۆز قىلسۇن ياكى مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنلىرىدا بولسۇن، شى جىنپىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتلىمىدىن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى تولۇق نامايان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

       ‹‹جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە چوڭقۇر سۇ رايونىغا قەدەم قويدى. شۇڭا، بىز باتۇرلارچە جاسارەت ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان جاھىل كېسەللىكلەرگە دادىل جەڭ ئېلان قىلىپ، چوڭقۇر قاتلامدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ۋە زىددىيەتلەرگە تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك››. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىسلاھاتنى بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيەسى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىنى چىڭىتقاچقا، كىشىلەر جۇڭگودىكى ئىسلاھاتچىلارنىڭ دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەھەتتىكى ئەقىل – پاراسىتى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىسلاھاتقا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى كۆرۈپ يەتتى.

       ‹‹تۈزۈمنى تېخىمۇ يېتىلدۈرۈپ ۋە مۇقىملاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك››. شى جىنپىڭنىڭ ‹‹1 – ئىيۇل››دا قىلغان سۆزىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹كۆزنەكلەرنى يورۇقلاشتۇرۇش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىش بېجىرىشنى راۋانلاشتۇرۇش، قانۇن ئىجراسىنى چىڭىتىش›› نىشانى پۈتۈن دۇنياغا ئىسلاھاتنىڭ چېكى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.