مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭلىقلار

    شىنجاڭدىن چىققان بۇلبۇل سۇڭ شۆ

    ئامانگۈل2016-09-29 12:29:33شىنجاڭ گېزىتى

        ۋاڭ يايۈن

      جۇڭگو ‹‹شەرق›› ئويۇن قويۇش گۇرۇھىدىكى شىنجاڭلىق ئوتتۇرا ئاۋازلىق ئايال ناخشىچى سۇڭ شۆنىڭ ئۈندىدارىغا مۇنداق ئۇچۇرلار يېزىلغان: 12 – سېنتەبىر، مۇسۇلمان دوستلىرىمنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن، ئائىلەڭلەر بەختلىك بولسۇن؛ 13 – سېنتەبىر، دوستلارنىڭ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلگەن پىروگراممىنىڭ سۈرەتلىرىنى يوللىغىنىغا رەھمەت! بۈگۈن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2 –، 3 – يۈرۈش قانىلىدا ‹‹مۇھەببەت. قەلب. چېگرا›› ناملىق جامائەت پاراۋانلىقى ناخشا كېچىلىكىم كۆرسىتىلدى؛ 19 – سېنتەبىر، قورغاس ناھىيەسىنىڭ جامائەت ئۈندىدارىدا قورغاس ناھىيەسىنىڭ ‹‹مەملىكەتلىك خەلقئارا شاھمات يۇرتى›› دېگەن نامغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر تارقىتىلغاندا، پەخىرلەنگەن ھالدا ‹‹مېنىڭ يۇرتۇم›› دېگەن سۆز قالدۇرۇلغان، كالتە ئۆرۈمە چاچلىق بىر قىزنىڭ تىلىنى چىقىرىپ كۈلگەن سۈرىتى قوشۇمچە قىلىنغان... سۇڭ شۆنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغا 30 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەسلىنى ئۇنتۇماي، يۇرتىنىڭ غېمىنى يەپ، يۇرتىنى ناخشىسى بىلەن مەدھىيەلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يۇرتداشلىرىغا جاۋاب قايتۇردى.

       مۇنبەت تۇپراقتا تاۋلانغان قەلب

       25 – سېنتەبىر، يەكشەنبە. مەن جۇڭگو ‹‹شەرق›› ئويۇن قويۇش گۇرۇھىدىكى شىنجاڭلىق ئوتتۇرا ئاۋازلىق ئايال ناخشىچى سۇڭ شۆ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ ئۆيىدە دەم ئېلىۋاتقان ئىكەن، قىسقا چېچىنى ئۆرۈۋالغان بولۇپ، خۇددى قوشنا يەڭگىمىزدەك يېقىملىق ئىدى. سۆھبىتىمىز ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولغان ھەر قايسى مىللەت تىلىدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ نادىر خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىشتىن باشلاندى.

       سۇڭ شۆ گۇچۇڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئىلى ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيەسى لەڭگەر يېزىسىدا كۆپ مىللەتلىك تىل مۇھىتىدا چوڭ بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹كىچىك ۋاقتىمدا ھەر مىللەتتىن بولغان دوستلىرىم بار ئىدى. قوشنىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئىدى، يەنە خۇيزۇ، تاتار قوشنىلارمۇ بار ئىدى. تەڭتۇشلىرىم بىلەن لاي ئوينايتۇق، لاييېگەك تۇتاتتۇق، ئالمىنى تەڭ بۆلۈشۈپ يەيتتۇق. 1982 – يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىلى ئوبلاستلىق سەنئەت مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم، ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپ قىسمى قازاق بولۇپ، ئوقۇتقۇچىمىز داڭلىق سەنئەت مائارىپچىسى، پىروفېسسور شا خېي ئىدى››.

       خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلىنى پىششىق بىلىدىغان سۇڭ شۆ: ‹‹قىزغىن ئىشتىياق ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشتىكى ھەقىقىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ›› دېدى. ئۇ: ‹‹قېرىنداش مىللەتلەرگە مېھرىم، يۇرتقا مۇھەببىتىم بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشكە تىرىشىپ، تىلىنى ئىشتىياق بىلەن ئۆگەندىم. شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، ھەر بىر قېرىنداش مىللەتتىن نۇرغۇن نەرسە ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى بەك گۈزەل، ناخشىلىرىمۇ بەك مۇڭلۇق›› دېدى.

       سۇڭ شۆنىڭ ئاۋازى يېقىملىق، قىياپىتى جەزبدار، سەھنە ئىستىلى ياخشى بولغاچقا، قويغان ھەر بىر قېتىملىق ئويۇنىدا ياخشى نەتىجە قازانغان. ئۇ سەنئەت مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلى ۋىلايەتلىك ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان. 1986 – يىلى ئۆمەك تەرىپىدىن شاڭخەي مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن، 1988 – يىلى تيەنجىن مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، 1992 – يىلى مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، سەنئەتكارلار تەلپۈنىدىغان ‹‹شەرق›› ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە كىرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدىن چىققان بۇ بۇلبۇل دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك سەنئەت ئۆمىكى ھازىرلاپ بەرگەن سەھنىدە پۇخادىن چىققۇچە ناخشا ئېيتقان. بۇ جەرياندا جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ، مىللىي ناخشىلارنى رەتلەپ، ئەلنەغمىچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئىنتىلگەن.

       ھېسسىياتىمنى ناخشامغا سىڭدۈرۈپ يۇرتۇمنى كۈيلەيمەن

       ‹‹ياڭراق ئاۋازىم بىلەن قۇملۇقتىكى ھەر بىر بوستانلىقنى، ئۈزۈمدىن ئېلىنغان مول ھوسۇلنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئېرىشكەن خۇشاللىقلارنى، غەمكىن ھەم ئۇزاققا سوزۇلغان يۇرت مۇھەببىتىنى كۈيلەشنى ئويلايمەن. مۇڭلۇق ناخشامنىڭ يىپەك يولىدىكى تۆگە كولدۇرمىسىدەك جاراڭلاپ، بىپايان زېمىندا ئەكس سادا ياڭرىتىشىنى، سەمىمىي تىلەكلىرىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تەسىر كۆرسىتىشنى، شۇ ئارقىلىق يۇرتۇمنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن››. سۇڭ شۆ 2016 – يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسى ‹‹سېغىنىش . شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرى››نى تارقاتتى، پىلاستىنكىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە، قازاقچە، شىبەچە، موڭغۇلچە، تاتارچە ئېيتىلغان ‹‹سېغىنىش››، ‹‹يۇرتۇم››، ‹‹قىزچاق››، ‹‹ئاپئاق ئايدىڭ كېچىدە››، ‹‹قارا كۆز››، ‹‹كۆك ياقۇت››، ‹‹ئانامغا›› قاتارلىق 10 ناخشىغا سۇڭ شۆنىڭ يۇرتىغا بولغان چەكسىز سېغىنىش ھېسسىياتى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن.

       ‹‹ئىلگىرى ئالدىراش ۋاقىتلىرىمدا ئايدا 20 كۈن ئويۇن قويغان چاغلىرىممۇ بولغان›› دېدى سۇڭ شۆ. ئۇ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سەھنىسىدە، سەنئەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، ئوخشىمىغان مىللەت، ھەتتا ئوخشىمىغان دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى 100گە يېقىن ناخشىسىنى پىششىق ئىگىلىدى. قازاقچە ‹‹ئايدىڭ كېچە››، ‹‹ئالتۇن ئوتلاق››، ‹‹ماھىرە››، ئۇيغۇرچە ‹‹قارا كۆز››، ‹‹بۇلبۇللار››، شىبەچە ‹‹شىبەلەر يېزىسىغا بارسىڭىز›› قاتارلىق ناخشىلاردىن تارتىپ رۇسچە ‹‹بۆلجۈرگەن چېچەكلىدى››، ‹‹مەيىن شامال چىققاندا››، ‹‹دولانە دەرىخى›› قاتارلىق ناخشىلارغىچە، يەنە ھىندونېزىيە ناخشىسى ‹‹سارىنەندې››، مالايسىيا ناخشىسى ‹‹سۇمۇ››، پاكىستان ناخشىسى ‹‹گۈزەل زېمىن››، ‹‹بۇخەيبارىيان››غىچە بولغان ناخشىلارنى ئېيتتى، ياڭراق ئاۋازى، كەڭ ئاۋاز دائىرىسى ۋە پىشقان تېخنىكىسى بىلەن بىر قاتار كىلاسسىك ناخشىلارنى رۇسىيە، قازاقىستان، ياپونىيە، كورېيە، ھىندىستان، پاكىستان، بىرما ۋە جۇڭگو تەيۋەن، شياڭگاڭ سەھنىلىرىدە ئېيتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ماختىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىش بىلەن بىللە، ئېلىمىز بىلەن چەت ئەل خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتتى.

       ئانا يۇرتى تەكلىپ قىلسىلا، سۇڭ شۆ شۇ ھامان يۇرتىغا كېلەتتى، بىراق يېقىندىكى بىر قېتىملىق ‹‹ئۆيى››گە قايتىش نۇرغۇن كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. يەرلىك سەنئەتكارلارنىڭ نەق مەيداندا تەڭكەش قىلىشى، قۇم سىزمىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ئەتلەس كىيىملەر... سۇڭ شۆ 2016 – يىلى 20 – ئاۋغۇست كەچ ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت يۇرتىدا ياش كىيىم لايىھەلىگۈچى دىلارە لايىھەلىگەن كىيىملەرنى كىيىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە تىللاردا ‹‹ئەسلەش››، ‹‹ماھىرە››، ‹‹چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت›› قاتارلىق شىنجاڭنىڭ كىلاسسىك خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، ‹‹مۇھەببەت. قەلب. چېگرا›› ناملىق پاراۋانلىق ناخشا كېچىلىكىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى، قىزغىن كەيپىيات سانسىزلىغان كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇ سۇڭ شۆنىڭ تۇنجى قېتىم يۇرتىدا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشى ئىدى.

       سۇڭ شۆ ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە ناخشىلارنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتاتتى. 2010 – يىلى دياۋيۈتەيدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرتتا قازاقچە ناخشا ئېيتىپ، نەق مەيداندا يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹يۇرتۇمغا بولغان چىن ھېسسىياتىم بىلەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر ناخشىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئېيتىپ، ناخشام بىلەن مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن››.

       ئانا يۇرتىغا كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىش

       ‹‹ئۇ ماڭا ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەتتى، ئۆسۈپ يېتىلىش قەدەملىرىمگە جور بولۇپ كۈلۈپ باقتى، يەنە تېخىمۇ كۆپ جاينى كېزىپ، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىش ئۈچۈن مېنى قول پۇلاڭلىتىپ ئۇزىتىپ قويدى. يۇرتۇمغا بولغان سېغىنىش خۇددى ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىدەك تومۇر – تومۇرلىرىمدا دولقۇنلاپ ئاقماقتا›› دېدى سۇڭ شۆ. ئۇ يەنە: ‹‹يېشىم چوڭايغانسېرى يۇرتۇمنى تېخىمۇ سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم، يۇرتۇمدىن ئايرىلغاندىن بېرى يۇرتۇم ئۈچۈن ئاز – تولا ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلاپ كەلگەنىدىم›› دېدى.

      سۇڭ شۆ بىر قېتىم خەلق ناخشا – قوشاقلىرىنى يىغىش جەريانىدا كۆرگەنلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەندى. ‹‹قەھرىتان سوغۇقتا، دەرسخانىدا ئۇچىسىغا كونىراپ كەتكەن يالاڭ كىيىملەرنى كىيگەن بىر بالا دەرس ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ يۈزى توڭلاپ كۆكىرىپ كېتىپتۇ، قارىسام توڭلىغىنىدىن ھە دەپ پارتىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ›› دېدى ئۇ. ئۇ يۇرتىدىكى بالىلارغا ئازراق ئىش قىلىپ بېرىش قارارىغا كەلدى.

       سۇڭ شۆ 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، قىسقىغىنا ئون نەچچە كۈندە 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، ئىلى ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، لەڭگەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ، كۈرە بازارلىق نۇرىيە باشلانغۇچ مەكتىپى، سەندىخوزا يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ، كېلەڭ يېزىسى كېلەڭ باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىق 10 باشلانغۇچ مەكتەپكە باردى، ئۇ بارغانلىكى جايدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئۇيغۇرچە، شىبەچە، قازاقچە ناخشىلارنى ئېيتتى ھەم بالىلارغا قىشلىق كىيىم – كېچەك ۋە ئوقۇش قوراللىرىنى سوۋغا قىلدى.

       ‹‹جامائەت پاراۋانلىقى نوقۇل سوۋغا بېرىش دېگەنلىك ئەمەس، ئىدىيە بىلەن روھنىڭ بىرىكىشى تېخىمۇ مۇھىم›› دېدى سۇڭ شۆ. ئۇ ھەر قېتىم خالىس ئىئانە قىلغاندا، سوۋغاتلارنى بالىلارغا بىۋاسىتە تۇتقۇزۇپ قويماي، ئۇلار بىلەن ئويۇن ئوينايتتى. مەسىلەن: ئۇ شىنجاڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، بالىلارغا ئېيتقان ناخشىسىنىڭ ئىسمىنى تاپقۇزاتتى، توغرا تاپقانلارغا كىيىم – كېچەك، سومكا قاتارلىق سوۋغاتلارنى بەردى. ‹‹بالىلارغا تىرىشقاندىلا ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرسەم دەيمەن. ئۈن – تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، بالىلاردا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ۋە قەتئىي كۈرەش قىلىدىغان روھنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشقا رىغبەتلەندۈرىمەن›› دېدى سۇڭ شۆ.

       سۇڭ شۆ مۇنداق دېدى: ‹‹شۇنچە كۆپ بالىنىڭ ياردىمىمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. قانداقلا بولمىسۇن بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارى چەكلىك، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ قاتارغا قوشۇلۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بەرسەم دەيمەن››. سۇڭ شۆ 2016 – يىلى 20 – مارت بېيجىڭغا قايتىپ، ‹‹غەربىي دىيارغا بولغان مۇھەببەت›› ناملىق بىر مەيدان مۇزىكا مەدەنىيىتى سالونىنى ئۇيۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹مۇزىكا مەدەنىيىتى سالونى ئارقىلىق نۇرغۇن سەنئەتكار ۋە جامائەت پاراۋانلىقى سېپىدىكى زاتنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق چارە – تەدبىر كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلدىم››.

       نېمە ئۈچۈن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ياردەم ئوبيېكتى قىلىپ تاللىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، سۇڭ شۆ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹بالىلار كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرى، ئۈمىدىمىز شۇلاردا. ھەممە كىشىنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز بالىلىقى بولىدۇ، كىچىكىمدە دادام <شەرق> سەنئەت ئۆمىكىنىڭ چېگرا رايون ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىدىن ھال سوراپ قويغان ئويۇنىغا ئېلىپ بارمىغان بولسا، ھازىرقى كۈنلىرىم بولمىغان بولاتتى››.

       سۇڭ شۆ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: ‹‹ناخشامنى يۇرتۇمدىكى بالىلارغا بېغىشلاپ، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىش ئارقىلىق بالىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارغا شىنجاڭدىن ئىبارەت مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىناقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى شاد – خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىش شارائىتىغا ئىگە قىلىش يولىدا ئىزچىل تىرىشىمەن››.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.