مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوبزور

    شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىدە باش نىشاننى چۆرىدەش كېرەك

    زاھىدە مۇتەللىپ2016-09-28 10:27:09شىنجاڭ گېزىتى

    ــ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەش توغرىسىدا (6)

    شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

        يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ۋە ئىلمىي ھۆكۈم شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، تۈپ مىزان ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، بۇ شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بايراق ھەم يۆنىلىش. ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىدە باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باش نىشانغا بويسۇنۇش ھەم باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

       شىنجاڭدا بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تۈرلۈك خىزمەتنى باش نىشانغا بويسۇندۇرۇش ۋە باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. مۇقىملىق بولمىسا ھېچقانداق ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتىگە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك. تارىختىن بۇيان شىنجاڭدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىگە بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. شىنجاڭنىڭ قالايمىقانچىلىقنى، زوراۋانلىقنى تۈگىتىپ گۈللىنىشكە يۈزلىنىش تارىخى شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بەردىكى، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىغاندىلا، ئاندىن ئەلرايىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملىگىلى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ، ھەر مىللەت خەلق تىنچ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، مۇقىملىقنى قوغداشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويۇش، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختا سېلىش كېرەك.

       بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۇختىلاشقا پايدىلىق بولۇش – بولماسلىقنى بارلىق خىزمەتلەرنى ئۆلچەشتىكى ئالدىنقى ئۆلچەم قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەن ياكى ئىشلىمىگەننى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئەڭ مۇھىمى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ياخشى قىلغان – قىلمىغانلىقىغا،

       تىنچ، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى ساقلىغان – ساقلىمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولىدىكەن، ئۇنى قەتئىي قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىسىز بولىدىكەن ئۇنى قەتئىي قىلماسلىق كېرەك. شىنجاڭدا بارلىق خىزمەتلەر يەنى مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، مىللەت ۋە دىن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلىنىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، نىشاندىن ئېزىپ كەتمەسلىكى، مۇھىم نۇقتا چىڭ ئىگىلىنىشى، ئوخشىمىغان تەرەپتىن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۈچۈن ‹‹قان تولۇقلىنىشى››، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسى تېخىمۇ پۇختا سېلىنىشى كېرەك.

       بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلىمە نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى، تەرەققىيات ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى ۋە تېز تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، تەرەققىيات جەزمەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىدىكى تەرەققىيات بولۇشى، ‹‹مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ››دا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناق ھەم مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ھەم تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك.

       بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ھەقىقىي چىڭ تۇتقاندىلا، ئاندىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، ئاندىن ئارزۇنى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جەزمەن راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، راست سۆزلەش، كۈچنى ھەقىقىي توپلاش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇش، ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئىشلەش، ئېغىزدىن چىققان سۆزنى قىلىش، ئىشنى قىلغان ئىكەن پۈتكۈزۈش، ئىشنى قىلغان ئىكەن ياخشى قىلىش، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي بوشاشماي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە قىلغان خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىش، ئاخىرىغىچە ئىزچىللاشتۇرۇش، يېرىمىدا توختىتىپ قويماسلىق، قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر بىر خىزمەتنى، ھەر بىر ھالقىنى تۇتىدىغان ئادەم، باشقۇرىدىغان ئادەم، مەسئۇل بولىدىغان ئادەم بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، قەتئىي بوشاشتۇرماسلىق، ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتۇش، ئۈنۈمىنى كۆرمىگىچە بولدى قىلماسلىق، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ھازىر قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈمنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

       ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئومۇمىي پىروگرامما، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە يارىتىشى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.