مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوبزور

    باش نىشان شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ

    ئامانگۈل2016-09-27 11:15:05شىنجاڭ گېزىتى

    يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەش توغرىسىدا (5)

    گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

       ئىقتىساد ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، خەلق تېخىمۇ بەختىيار بولدى، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىش ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت، فاڭجېنلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىنغانلىقى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ.

       ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى، ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ ئىگىلىگەندىلا، ئومۇمىيەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ماھىيىتى ۋە روھىنى چىڭ ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسى ۋە تونۇشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى ۋە بىرلىككە كەلتۈردى. نۆۋەتتە شىنجاڭ خىزمىتى ۋەزىيىتىدە ئىجابىي، ياخشى، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، لېكىن دۇچ كەلگەن خىرىس داۋاملىق كەسكىن ھەم مۇرەككەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ھەم ئېغىر، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ يۆنىلىشى ۋە نىشانى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ تەخىرسىز ئارزۇسى، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

       ‹‹ئەگەر كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشقا توغرا كەلسە، جەزمەن تارىخقا قاراش كېرەك››. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، ھەر مىللەت خەلق بۆلگۈنچىلىك ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، ھەر خىل دۈشمەن كۈچلەر مەيلى قانداق ئاماللارنى ئىشقا سالسۇن ياكى ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ قانچىلىك قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرسۇن، ھامان مەقسىتى ئىشقا ئاشمايدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان كەسكىن كۈرەش داۋامىدا، ھەر مىللەت خەلق قانداق ۋاقىتتا ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتسە، جەمئىيەتنىڭ شۇ چاغدا مۇقىم بولىدىغانلىقى، تەرەققىياتنىڭ شۇ چاغدا ياخشى بولىدىغانلىقى، خەلقنىڭ تىنچ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقى، ھەرمىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشتىن – ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىنغانلىقى، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇلغانلىقىدىن بولدى.

       مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ نىشانىغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچى مۇجەسسەملەنگەن. تارىخ، تەبىئىي شارائىت قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەبىدىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر ئارقىدا قالغان. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال سىڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئىناق ھەم مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بارلىق ئىشلارنىڭ ئالدىنقى شەرتى. مۇقىملىق بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ؛ مۇقىملىق بولمىسا، ھېچ ئىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭدا ھەممە كىشى مۇقىملىقنى، تىنچلىقنى، تەرەققىياتنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، ئاممىنىڭ ئۈمىدى. بىز كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، خەۋپ ئېڭىنى باشتىن – ئاخىر تۇرغۇزۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرسەكلا ئاندىن ھەممە ئىشنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.

       پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما يولداش شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىپ، ئۇل مۇئەسسەسىلەر كۈندىن – كۈنگە مۇكەممەللەشتى. خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملىنىپ ۋە كۈچەيتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشى قوغدالدى. ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقى، مەملىكەت خەلقىنىڭ باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭغا خالىس ياردەم قىلغانلىقى ۋە شىنجاڭنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىدىن بولغان.

       ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى – تۆۋەندىكى ھەممە كىشى ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ھەم بوشاشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك روھى، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ ئىستىلى، قەتئىي بوشاشماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن پۈتۈن دىققەتنى باش نىشانغا قارىتىپ، باش نىشاننى چىڭ ئىگىلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئائىت تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.