مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوبزور

    باش نىشان–پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي تەبىرى

    ئامانگۈل2016-09-26 11:13:25شىنجاڭ گېزىتى

    يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەش توغرىسىدا(3)

    گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

       ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قويۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئومومىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرەش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى ئاساس قىلىپ چىقارغان ئىلمىي تەبىرى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئومۇمىي قوللانمىسى ۋە ئومۇمىي قىبلىنەماسى.

       يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشى شىنجاڭ دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىنىڭ ئىچكى تەلىپى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىگە ئۇيغۇن، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلىگەنلىكىنى نامايان قىلدى. شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومومىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، ‹‹ئىككى 100 يىل›› كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پارتىيەمىز نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش دەل بۇ خىل كۈرەشنىڭ بىرى.

       مۇھىم تۇتقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئاساسلىق زىددىيەتلەرنى پۇختا ئىگىلىگەندىلا، باشقا زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئومۇمىيەتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ئورنىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان ئالاھىدە زىددىيىتى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ. بىراق، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈۋېلىشىمىز كېرەككى، شىنجاڭنىڭ زوراۋانلىق – تېررورلۇق قۇترىغان مەزگىل، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش كەسكىنلەشكەن مەزگىل، قول سېلىپ تۈزەش تەخىرسىز بولغان مەزگىلدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش›› ۋەزىيىتى تۈپتىن ئۆزگەرمىدى، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان كۈرىشى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە سەزگۈر بولۇپ، بەزى چاغلاردا، ھەتتا ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. دۇچ كەلگەن خىرىس يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىزگە تاپشۇرغان زور سىياسىي ۋەزىپىسى، تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك سىياسىي مەسئۇلىيەت.

       تارىخ شۇنى دەبدەبىلىك ھالدا ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا مۇقىملىق بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ خىرىسىنى يوقاتمىسا، شىنجاڭ ئەمىن تاپمايدۇ، تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەرگىلى بولمايدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. مۇقىملىق بولمىسا، ھەر قانداق ئىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ، قانچىلىك ياخشى يىرىك پىلان ۋە لايىھە بولسۇن، ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات نەتىجىسىمۇ قولدىن كېتىپ قالىدۇ. مۇقىم بولغاندىلا، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ؛ مۇقىم بولغاندىلا، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرگە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پائال تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ. مۇقىملىق خەلقنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى.

       شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈمىدى. شۇڭا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا چىقارغان ھۆكۈمى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەنى، تونۇشنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت پولات قورغاننى مۇستەھكەملەش كېرەك.

       شىنجاڭ خىزمىتى مۇھىم ۋە تەخىرسىز، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە مۇرەككەپ بولۇپ مۇقەررەر غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، باشتىن – ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش كېرەك. سېلىنمىنى زورايتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، پۇختا ئورۇنلىشىپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم كۈچنى مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەم ئۇزاق مۇددەتكىچە ئۇرۇش قىلىش ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقى قىلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك غەيرەت ۋە چىدامچانلىق بىلەن كەلگۈسى ئۈچۈن ئاساسنى ياخشى سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تاما – تاما كۆل بولار دېگەندەك ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، تەستە قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى رازى قىلىشىمىز كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.