مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوبزور

    باش نىشان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى

    ئامانگۈل2016-09-26 10:37:50شىنجاڭ گېزىتى

    يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەش توغرىسىدا (4)

    گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

       مۇقىملىق خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، تېخىمۇ مۇھىمى ئەلرايىنىڭ مايىللىقى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىلىشى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى نامايان قىلدى.

       ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق ئاپەت. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنى چوڭقۇر بىۋاسىتە ھېس قىلدى شىنجاڭ تارىخىدىكى ھەر بىر قېتىملىق ئىسيان، توپىلاڭ ۋەقەسى ھەر مىللەت ئاممىغا ئاپەت ئېلىپ كېلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا زور تەسىر كۆرسەتتى. قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەللەرگىچە نەزەر سالساق، ئومۇمەن جەمئىيەت مۇقىم بولسا، دۆلەت تىنچ بولۇپ، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ، خەلق بەخت – سائادەتكە ئېرىشكەن؛ ئومۇمەن جەمئىيەتتە داۋالغۇش بولسا، دۆلەت بەختسىزلىككە ئۇچراپ، ئىقتىساد زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى زىيانغا ئۇچرىغان.

       ‹‹مۇقىم مۇھىت بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ››. بۇ تارىخ سانسىز قېتىم ئىسپاتلىغان يىمىرىلمەس ھەقىقەت. شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ساقلانمىسا، جەمئىيەتتە خاتىرجەملىك بۇزۇلىدۇ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بولمايدۇ، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالمايدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تىرەك كاپالىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. ۋەزىيەت مۇقىم بولماي، جەمئىيەت داۋالغۇپ قالايمىقان بولسا، تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.

       ‹‹تىنچلىق پۇقرالارنىڭ كىيىم – كېچىكى پۈتۈن، يېمەك – ئىچمىكى تەل مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىنكى بىرىنچى ئېھتىياجى، ئەڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى››. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ باھالاش سىستېمىسى ئۇنىۋېرسال، سىستېمىلىق بولۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن. ھازىرقى دۇنياغا نەزەر سالساق، داۋالغۇش، قالايمىقانچىلىق بولۇۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خەلق قاتتىق ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ياشاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ تەس بولۇۋاتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشان شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇسىغا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ.

       ھازىر شىنجاڭدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە دۆلەتنىڭ، شۇنداقلا ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى مۇجەسسەملىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى بولمىسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى.

       پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شەخسەن ئۆزى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ مۇھىم يوليورۇق بەردى، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشتىكى ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. مەملىكەتتىكى 19 ئۆلكە، شەھەر ۋە مەركەزدىكى مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەردى، شىنجاڭغا ئىقتىساد، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار، مائارىپ بويىچە ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلدى. ھازىرقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى، ئۇل ئەسلىھەلىرى كۈندىن – كۈنگە مۇكەممەللەشتى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملەندى ۋە كۈچەيدى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مەملىكەت بىلەن تەڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. ياخشى ۋەزىيەت ئاسان قولغا كەلمىدى، ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى جەزمەن ساقلىغاندىلا، ئاندىن ياخشى ۋەزىيەتنى ياخشى مۇستەھكەملىگىلى، تېخىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ؛ ئۇنداق بولمىغاندا تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرمۇ قولدىن كېتىدۇ.

       سەمىمىي غەمخورلۇق ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدۇ، زور ئىلھام كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر كۆيۈنۈشى بىلەن، شىنجاڭدىكى 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت خەلقنىڭ ‹‹گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش›› ئىرادىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. بىز مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئۈمىدنى ئاقلاپ، مېھىر – مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت، بۇرچ تۇيغۇمىز بىلەن باش نىشاننى ئىگىلەپ، چۈشىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىگە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.