مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوبزور

    باش نىشان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى

    ئامانگۈل2016-09-26 11:58:02شىنجاڭ گېزىتى

    يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەش توغرىسىدا (2)

    گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

       ‹‹شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك، بۇ باش نىشاننى تۇتۇپ، باشلامچىلىق رول ئويناش كېرەك››. بۇ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە ئاساسەن چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى، بۇنىڭدا ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە رېئال يېتەكچىلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە.

       بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىغا بولغان چوڭقۇر تونۇشى ۋە ئۇنى توغرا ئىگىلىگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. شىنجاڭ خىزمىتىنى پىلانلاش ۋە ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە بولغان تەسىرىنى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ئومۇمىيىتى ۋە خەلقئارا ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاشتىكى ئورنىنى ئېنىق كۆرۈش كېرەك. شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان چېگرا رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك توساق، ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازا، ئىستراتېگىيەلىك بايلىقنىڭ مۇھىم بازىسى ھېسابلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، شىنجاڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە بولۇپ، پارتىيەمىز قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان نۇرغۇن يېڭى، تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنىڭ بىرى. شۇڭا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدىن تەپسىلىي قاراپ چىقىپ ۋە ئۇنى پىلانلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىگەنلىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىم ئىشى.

       ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىش يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تارىخ بىلەن رېئاللىق، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ دەۋر يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتقانلىقى ۋە يۈكسەلدۈرگەنلىكى ھېسابلىنىدۇ. تارىختىن قارىغاندا، شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ تارىخى ئۇزاق، يىلتىزى چوڭقۇر، مۇرەككەپ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە، تارىخ بىلەن رېئاللىق، چېگرا ئىچى بىلەن چېگرا سىرتى، تور ۋە تور سىرتى قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللارنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىپ، چىگىشلىشىپ، ئۇزاق مۇددەت توپلىنىپ شەكىللەنگەن. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغ نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدە ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ساقلانمىسا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىگە، ‹‹ئىككى 100 يىل›› كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ. خەلقئارادىن قارىغاندا، چېگرا سىرتىدىكى بەزى كۈچلەرنىڭ ياردىمىدە، كۆپ يىللاردىن بۇيان، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› كۈچلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىگە ئېتىبارسىز قاراپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، شىنجاڭدا بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان سالدى.

       ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا غايەت زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭنىڭ 60 نەچچە يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، جەمئىيەت مۇقىم بولغاندا، ئىقتىساد ساغلام راۋاجلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم، ئاسايىشلىق بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ راۋاجلانغان؛ قاچانكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئىقتىساد توختاپ قالغان، چېكىنگەن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان، مىللەتلەرنىڭ ئىناق مۇناسىۋىتىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. شۇڭا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئاندىن تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياخشى شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ.

    شىنجاڭ خىزمىتىنى جەزمەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاش، باھالاش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، جەمئىيەت ۋە خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بويىچە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلغانلىقى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، دانا، توغرا بولۇپ، جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي، قىلچە تەۋرەنمەي ئەينەن، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ يېتەكچى ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.