مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوبزور

    ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرەيلى

    ئامانگۈل2016-09-23 11:23:12شىنجاڭ گېزىتى

    يولداش شىجىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەش توغرىسىدا

     گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

       ‹‹تىنچلىقتا خەۋپ – خەتەرنى، ھاياتلىقتا ماماتلىقنى، ئىدارە قىلىشتا مالىمانچىلىقنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇ››. ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى››، بۇ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەيتنى پەملەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتا دەۋر بۆلگۈچ، نامايەندە خاراكتېرلىك، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

       ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت قاتتىق جەڭنىڭ ئاتاكا سىگنالى چېلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق ۋە يۆنىلىش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدىگەن ھالدا پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ كۈچلۈك سىگنال بېرىلدى.

       پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدىن قاراپ چىقىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇردى. 2014 – يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك، بۇ باش نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، باشلامچىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك››. بۇ شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، تۈپ مىزان ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

       ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدى ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بەرگەن مۇھىم تاپشۇرۇقى. قەدىمدىن تارتىپ، چېگرا رايون تىنچ بولسا، دۆلەت تىنچ بولغان؛ چېگرا رايون مالىمان بولسا، دۆلەتنى تىنچلاندۇرۇش قىيىن بولۇپ كەلگەن.

       شىنجاڭ ۋەزىيىتى ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، شۇنداقلا ‹‹ئىككى 100 يىل›› كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى، چوقۇم يىراقنى كۆزلەپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىپ، ئۇزاق ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ قايتا – قايتا تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ قانداق قىلىنىۋاتقانلىقىنى، تىنچ، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ساقلانغان – ساقلانمىغانلىقىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

       ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم. ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك توساق بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، شىنجاڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە. ئالاھىدە رايون ئورنى، تارىخى ۋە رايون ئەھۋالى، شۇنداقلا خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەت دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ شاھمات تاختىسىدا شىنجاڭنى چوقۇم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، غەربىي شىمالنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرغاندىلا يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلغىلى، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.

       ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئورنىنى بېكىتىشتىكى ئىلمىي تەبىرى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى ئاساسەن مۇقىم بولۇپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ.لېكىن، شۇنىمۇ ئېنىق كۆرۈش كېرەككى، ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› كەسكىن ۋەزىيەتتە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان كۈرىشى ئۇزاق مەزگىللىك، مۇرەككەپ ھەم ئۆتكۈر بولۇپ، بەزىدە ناھايىتى كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار يەنىلا كەسكىن ھەم مۇرەككەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ھەم ئېغىر بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ساقلاش يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇھىم ۋەزىپە، شۇنداقلا مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت.

       ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مۇقىملىق ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ساقلانمىسا، جەمئىيەت تىنچ بولمايدۇ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بولمايدۇ، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالمايدۇ، ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كاپالەتكە ئىگە بولماي، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىدى، شىنجاڭ ۋەزىيىتىدە پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن، خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچىيىپ، قەلبىدە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى تولۇپ تاشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە تۈپ مەنپەئىتىگە تامامەن ئۇيغۇن بولۇپ، تامامەن توغرا، شۇڭا چوقۇم قىلچە تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاش كېرەك.

       باش نىشان يېتەكچى، بايراق ھەم يۆنىلىشتىن ئىبارەت. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ساقلاشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بارلىق خىزمەتلەردە بۇ باش نىشاننى چۆرىدەپ، بۇ باش نىشانغا بويسۇنۇش ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىدىيە، تونۇش، قەدەم ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹ۋاقىت كۈتۈپ تۇرمايدۇ›› دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەۋر بىزگە يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مىخلىق روھى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭ تۇتۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يېزىپ چىقىشىمىز كېرەك.

     

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.