مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭلىقلار

    ئابلەت: گۇاڭجۇنى سۆيىمەن، يۇرتۇمنى تېخىمۇ سۆيىمەن

    ئامانگۈل2016-09-08 10:56:14شىنجاڭ گېزىتى

     جىڭ بو

      ئابلەت مەمەتنىڭ ھاياتى شۇڭغۇما پاراشوتنى چېگرا قىلىپ، پاسسىپ تاللىنىش بىلەن ئاكتىپ تاللاشتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن.

       ئۇسسۇل ئارتىسىدىن شۇڭغۇما پاراشوت تىرېنېرىغىچە ئابلەتنىڭ ھايات يولىدا زور ھالقىش خاراكتېرىدىكى ئۆزگىرىش بولدى، بۇ ئۆزگىرىش ئابلەتنىڭ كىشىلىك ھايات نىشانىغا بولغان ئىنتىلىشىدىن، قەلبىدىكى يېڭىلمەس روھتىن كەلگەن. ئۇ قۇملۇقتەك چەكسىز جۇشقۇن ھېسسىياتى، توغراقتەك ئېگىلمەس روھى بىلەن ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، شۇنداقلا گۇاڭجۇنى سۆيىمەن، يۇرتۇمنى تېخىمۇ سۆيىمەن، دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

       كەلگۈسى تۇرمۇش ئالدىدىكى گاڭگىراش

       ئابلەت 1971 – يىلى مارالبېشى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. كىچىك چاغلىرىدا ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئابلەت 14 ياشقا كىرگەن يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپى جەمئىيەتتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، كېلىشكەن ئابلەت ئوقۇتقۇچىسىغا يېقىپ قېلىپ، ئۇسسۇل فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇدى.

       ھېچقانداق ئۇسسۇل ئاساسى بولمىغان ئابلەت ھەسسىلەپ تىرىشتى. ئۇسسۇل مەشىقى ناھايىتى جاپالىق ئىدى، ئابلەت ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويدى. ئۇ كېچە – كۈندۈز مەشىق قىلىپ، بارلىق ۋاقتىنى كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە سەرپ قىلدى. ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن، دېگەندەك، بىر يىلدىن كېيىن سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئابلەت كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى بىلەن تاللاندى.

       ئابلەت ئۆزىنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلىدۇ. ‹‹ئەينى چاغدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى بىزگە بىر قانچە ماھارەت ئۆگەتكەن، يەنى بىز كىگىز گۇمپىسى دەپ ئاتايدىغان موللاق ئېتىشنى ئۆگەتكەنىدى. ئوقۇتقۇچى مېنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن دەپ ھېس قېلىپ، مېنى قوبۇل قىلغانىدى›› دېدى ئابلەت بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەپ كۈلۈپ تۇرۇپ.

       1986 – يىلى ئابلەت يەككە – يېگانە ھالدا شىمالغا ئاتلىنىپ، ئالتە يىللىق مىللىيچە ئۇسسۇل ئۆگىنىش سەپىرىنى باشلىدى. كىچىك تۇرۇپلا كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئابلەت ئۇسسۇل ئارقىلىق ھاياتىنى ئۆزگەرتتى. 1992 – يىلى دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسلاھاتنىڭ باھار شامىلى گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، گۇاڭجۇ ئاۋات ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن قەلبىگە يۈكسەك ئارزۇ – ئارمانلارنى پۈككەنلەر تەلپۈنىدىغان جايغا ئايلانغانىدى، ئابلەتمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى.

       ‹‹گۇاڭجۇنى تاللاشتىكى سەۋەب ناھايىتى ئاددىي، يەنى بۇ جاينىڭ كىرىمى يۇقىرى بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرەلەيتتى›› ئابلەتنىڭ خىيالى ناھايىتى ساددا ئىدى.

       ئىمتىھاندىن كېيىن، ئابلەت ئوڭۇشلۇق ھالدا گۇاڭدۇڭ چېگرا مۇداپىئە سىياسىي بۆلۈمى سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىندى. 14 ياشتىن 32 ياشقىچە، ئابلەت بىر سەھرا بالىسىدىن قىسىمنىڭ غوللۇق سەنئەت كادىرىغا ئايلاندى. ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرى ئۇنىڭ رەڭگارەڭ ھاياتى، راھەت تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىشتى، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن گاڭگىراپ قالغانىدى.

       ‹‹شۇنچە يىللاردىن بۇيان مەن قىلىۋاتقان ئىشلار مەن قىلىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان، مەن قىلىشنى خالايدىغان ئىشلار ئەمەس ئىدى›› دېدى ئابلەت.

       ‹‹ئىنساننىڭ ھاياتى ئاساسەن 20 نەچچە مىڭ كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن تاماملىنىدۇ، مەن ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ياشاپ بولدۇم، يەنە قانچىلىك ياشايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، لېكىن بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئەپسۇسلانغىم يوق. مەن ئۆمرۈمدە ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ئىشتىن بىرنى قىلسام، ھەتتا يايما ئاچساممۇ بۇ ھاياتىمدىن ئەپسۇسلانمىغان بولاتتىم، شۇڭا مەن ھەربىيلىكتىن چېكىنىپ ئۇچۇشنى ئۆگەندىم››. ئابلەت ئۆزىنىڭ ھايات يولىنى ئۆزگەرتىش قارارىغا كەلدى.

       بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇسىغا ئىنتىلىش

       ئابلەتنىڭ قارارى ئۇنىڭ ئاددىي خىيالى بولماستىن، بەلكى بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇسىغا بولغان ئىنتىلىش ئىدى. ئۇ بەزى ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى.

       ‹‹ئىلگىرى بىرەيلەن يۈزۈمدىن يۈزۈمگىلا، سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن نېمە كېلىدۇ؟ ناھايىتى شۇ ئاشخانا ئېچىپ، كاۋاپ ساتىسىلەرغۇ؟ دېگەنىدى، ئۇنىڭ بۇ سۆزى غورۇرۇمغا تەگدى، مەن بىرەر چوڭراق ئىش تەۋرىتىپ، ئۆزۈمنىڭ ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن سىرت، مىللىتىمنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىدىم›› دېدى ئابلەت.

       بىر تاسادىپىي پۇرسەت ئۇنىڭغا ئۈمىد ئاتا قىلدى.

       ‹‹بىر قېتىم مەن دېڭىز بويىغا ئوينىغىلى بارغاندا، موتورلۇق ئۈچبۇلۇڭلۇڭ ئۇچقۇنى كۆردۈم، ئەينى چاغدا ناھايىتى ھاياجانلانغانىدىم، توۋا، بۇ دەل مەن ئىزدىنىپ يۈرگەن ئىش ئەمەسمۇ، بالىلىق چاغلىرىمدا يۇلتۇزلار بىزگە ناھايىتى يېقىن كۆرۈنەتتى، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ھېچقانداق بۇلغانمىغان، بۇلۇتلار قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغاندەكلا بىلىنىپ، كىشىنى ھاياجانغا سالاتتى، ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ كۆرۈپ باققۇم كېلەتتى، بەلكىم شۇ چاغلاردىلا ئۈمىد ئۇرۇقىنى كۆمگەن بولۇشۇم مۇمكىن››، ئابلەتنىڭ ئۇچۇش ئارزۇسى شۇنىڭ بىلەن باشلىنىپ كەتتى.

       ئابلەت ئۆيىدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرغىنىغا قارىماي، قەتئىيلىك بىلەن ھەربىي قىسىمدىن ئايرىلدى. 2003 – يىلى ئۇ خېنەن، يۈننەنگە بېرىپ ئۇستاز تۇتتى. يېرىم يىل ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇچۇش پىراۋىسى ئېلىپ، كۆك ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىش ئارزۇسىغا يەتتى. ئۇ ئېلىمىزدىكى شۇڭغۇما پاراشوت كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغان 50 نەچچە تىرېنېرنىڭ بىرى، شۇنداقلا بىردىنبىر ئۇيغۇر تىرېنېر.

       ئابلەت ئۆگىنىپ پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، كۇلۇب ئېچىشقا تەييارلاندى، بۇ تەنھەرىكەتنى ئۆمۈرلۈك كەسپى قىلىپ راۋاجلاندۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ھالبۇكى ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك ئاددىي بولمىدى.

       ئەينى ۋاقىتتا گۇاڭجۇدا شۇڭغۇما پاراشوت كۇلۇبى بولمىغاچقا، ئابلەتنىڭ بۇ كۇلۇبىنىڭ قايسى تارماقنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋەلىكىنى ئايرىش مۇمكىن بولمىدى. كۇلۇبنى تەستىقلىتىش ئىككى يىلغا سوزۇلدى، ئابلەت ھەرقايسى تارماقلارغا قاتراپ يۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ مۈشكۈللىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدى.

       ئاخىرىدا كۆپ تارماقنىڭ كېڭىشىشى ئارقىلىق، ئابلەت كۇلۇبىنى تەنتەربىيە مەدەنىيىتى شىركىتى شەكلىدە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇردى. 2005 – يىلى كۇلۇب قۇرۇلدى، ئابلەت ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باستى.

      ئەينى ۋاقىتتا شۇڭغۇما پاراشوت تەنھەرىكىتى جۇڭگودا تېخى ئومۇملاشمىغان، ئاممىنىڭ بۇ تەنھەرىكەت تۈرىنى چۈشىنىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە خىراجەتنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبلىك، دەسلەپتە كۇلۇبتا ئوقۇيدىغانلار ناھايىتى ئاز بولدى. ئابلەتنىڭ كۈتكىنىدەك كۆپچىلىك بەس – بەستە تىزىمغا ئالدۇرىدىغان مەنزىرە كۆرۈلمىدى، ئەمەلىيەتتە كۇلۇب قۇرۇلۇپ يېرىم يىلغىچە ھېچكىم سۈرۈشتۈرمىدى، شېرىكىمۇ ئۇنىڭدىن جىمجىتلا ئايرىلدى.

       كۇلۇب قۇرۇلغان دەسلەپكى نەچچە يىلدا چەكلىك ئوقۇغۇچى، يۇقىرى تىجارەت تەننەرخى ئابلەتكە چىدىغۇسىز ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلدى.

       ئابلەت ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەي، شىنجاڭلىقلارغا خاس ئىرادە ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن تۈرلۈك بېسىملارنى يەڭدى.

       يۇرتىغا تۆھپە قوشۇش

       قۇرۇلغىنىغا 11 يىل بولغان شۇڭغۇما پاراشوت كۇلۇبى بۇ يىل تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتتى. ئەسلىدىكى ئاساستا، ئابلەت دوستلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ گۇاڭجۇ ‹‹فېيبا›› تەنتەربىيە مەدەنىيىتى چەكلىك شىركىتىنى قايتا ئەنگە ئالدۇرۇپ، شۇڭغۇما پاراشوت تەنھەرىكىتى ئاساسىدا، تېخىمۇ كۆپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى.

       ‹‹شۇڭغۇما پاراشوت خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغان خەتەرلىك تەنھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئىستىراھەت ھەرىكىتى، شۇنداقلا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قالتىس ھەرىكەت››. ئابلەت مانا شۇ ئىدىيەسى بىلەن ئۇچۇشنى بېشىدىن كەچۈرگۈچىلەرگە تەسىر كۆرسەتتى.

       شۈ ۋېيئەن ئىلگىرى ئابلەتنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، ھازىر ئۇنىڭ شېرىكى. شۈ ۋېيئەن ئابلەت توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ‹‹تۇنجى قېتىم ئابلەت مۇئەللىمنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ تولىمۇ ھەيران قالغانىدىم، ئۇ ساقاللىق ھەم ئۆزگىچە ئىدى››.

       شۈ ۋېيئەن مۇنداق دېدى: ‹‹ئۇنىڭ مىجەزى ناھايىتى تۈز بولغاچقا، ئارىلاشقاندىن كېيىن ناھايىتى تەبىئىي، يېقىملىق بىلىندى، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ كەسىپنى تېخىمۇ زورايتىشنى ئويلاشتىم. بۇ شىركەتنى ئابلەت ۋە مەقسەت – نىشانىمىز بىر بولغان دوستلار بىرلىشىپ ئاچتۇق، ئابلەتنىڭ تەنتەربىيە كەسپى ۋە تۇرمۇشقا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشى بىزنى تەسىرلەندۈردى››.

       ئابلەت كەسىپ بىلەن غايىنى بىرلەشتۈردى.

       ئابلەتنىڭ شۇڭغۇما پاراشوت كەسپىنىڭ گۇاڭدۇڭدا تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ بۇ تەنھەرىكەتنى يۇرتىدا راۋاجلاندۇرۇشنى ئويلىدى.

       ‹‹شىنجاڭنىڭ كەڭ دالالىرىدا ئۇچۇش›› ئابلەتنىڭ يەنە بىر ئارزۇسى، بىراق بۇ ئارزۇ ئىزچىل ئىشقا ئاشمىدى. ئابلەت بۇ يىل روزا ھېيتتا يۇرتىغا قايتىپ يۇرتداشلىرى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ۋاقىت چىقىرىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ شىنجاڭ ‹‹كۆك ئېقىم›› شۇڭغۇما پاراشوت كۇلۇبىدىكى دوستلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بىللە ئۇچتى.

       ئابلەت 6 – سېنتەبىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قەلبىدىكى ھاياجېنىنى باسالماي مۇنداق دېدى: ‹‹يۇرتۇمنىڭ ئاسمىنىدا ئۇچۇش باشقىچە تۇيغۇ ئاتا قىلدى. مەيلى ھېسسىيات ياكى بوشلۇقتا ئۇچۇش تۇيغۇسى جەھەتتىن بولسۇن، ئوخشىمىغان بىر خىل ئۇچۇش تۇيغۇسى شەكىللەندى››.

       ئابلەت يۇرتىنىڭ شۇڭغۇما پاراشوت تەنھەرىكىتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇشنى ئويلايمەن! يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازارلىرى سىجىل جانلىنىپ، شۇڭغۇما پاراشوت قاتارلىق ئالاھىدە ساياھەت تۈرلىرىمۇ بازارغا كىرىشكە باشلىدى››.

       ئابلەت مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭ بۇ تەنھەرىكەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئۈرۈمچىنىڭ شۇڭغۇما پاراشوت تەنھەرىكىتى خېلى راۋاجلانغان بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان زېمىنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۇرغۇن جايلاردا يەنىلا بوشلۇق بار، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇ تۈرلۈك تەنھەرىكەت ئاساسەن قانات يايدۇرۇلمىغان››. سىياسەتنىڭ قوللىشى ۋە تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىنىڭ تەدرىجىي قويۇۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا، يۇرتىغا بېرىپ شۇڭغۇما پاراشوت كۇلۇبى ۋە مەكتىپى ئېچىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بۇ تەنھەرىكەت تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، بۇ تەنھەرىكەتتىن ھۇزۇرلاندۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

       ئابلەت مۇنداق دېدى: ‹‹يۇرتۇمغا بولغان مۇھەببىتىم مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، گۇاڭجۇنى سۆيىمەن، يۇرتۇمنى تېخىمۇ سۆيىمەن››.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.