مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭلىقلار

    سەنئەت ساھەسىدىكى قابىل ئايال لى شيا

    ئامانگۈل2015-10-29 15:15:59شىنجاڭ گېزىتى

     16 – ئۆكتەبىر لى شيانى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشكىنىمدە، ئۇ يەنە يىغىن ئېچىش بىلەن ئالدىراش ئىكەن. لى شيا ئەينى يىلىدىكى رىياسەتچىلەرگە خاس غەيرەت – شىجائىتى بىلەن، ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى ئەمەلىيەت تەربىيەسى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىدى.

     لى دۇڭمېي

       مېھمانساراي تەربىيەچىسىدىن باش رىياسەتچىگىچە

       مېھمانساراي تەربىيەچىسى لى شيا شۇغۇللانغان تۇنجى خىزمەت بولۇپ، نەچچە يۈز كىشىگە دەرس سۆزلەش لىن دەييۈگە ئوخشاش كەم سۆز، تارتىنچاق لى شيا ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيىن مەسىلە ۋە خىرىس ئىدى. لى شيا: مەن ئەسلىدىلا كەم سۆز بولغاچقا، ئۆزۈمنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۆزۈمگە: ‹‹مەن ئوقۇغۇچى بولسام، مۇئەللىمنىڭ دەرسنى قانداق ئۇسۇلدا سۆزلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم؟››، دېگەن سوئالنى قويدۇم، دېدى. لى شيا ياخشى تەييارلىق قىلىپ، دەرسنى نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك مىساللارنى كەلتۈرۈپ جانلىق ئۆتتى. مېھمانساراي تەربىيەچىسى بولغان بۇ بىر مەزگىل لى شيانىڭ رىياسەتچىلىك ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

       لى شيا 1995 – يىلى يۈز تۇرا ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ئۈرۈمچى سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا قوبۇل قىلىندى، ئەينى چاغدا خىراجەت كەمچىل بولغاچقا، تېما تاللاش، ماقالە يېزىش، رىياسەتچىلىك قىلىشتىن ئاخىرقى باسقۇچتىكى مونتاژلىققىچە ھەممىسىنى ئۆزى تاماملاشقا توغرا كېلەتتى. ئەزەلدىن تېلېۋىزىيە تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ باقمىغان لى شىيا جاپالىق بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزدى، يەنى، لى شيا باشقىلارغا دەخلى يەتكۈزۈشتىن ئەنسىرەپ، دائىم كەچ سائەت 12دىن كېيىن ئاپپارات ئۆيىگە كىرىپ، تەھرىرلەش ئاپپاراتىدا پىروگرامما ئىشلەيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەزىدە مەزمۇنلارنى ياخشى كىرىشتۈرەلمەي، جاپا تارتىپ تاماملىغان پىروگراممىنى قايتىدىن ئىشلىشىمگە توغرا كېلەتتى! بىرەر سان پىروگرامما ئىشلەش ئۈچۈن دائىم نەچچە كېچە جاپا چېكەتتىم.

       1996 – يىلى لى شيا بېيجىڭغا بېرىپ، بېيجىڭ رادىيو ئىنستىتۇتى(جۇڭگو ئاخبارات تارقىتىش ئۇنىۋېرسىتېتى)نىڭ تېلېۋىزىيە فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇردى. بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە، لى شيا ئامېرىكا MTV مۇزىكا قانىلىنىڭ باش مەسئۇلى بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ رىياسەتچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. لى شيا يۈز تۇرا ئىمتىھان ئالىدىغان چاغدا، كاماندىروپكىغا چىقىدىغان بولۇپ قالغاچقا، سىناپ بېقىش نىيىتىدە، ئۆزى ئىشلىگەن پىروگراممىنىڭ لېنتىسىنى باشقىلار ئارقىلىق قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بەردى، ئويلىمىغان يەردىن، لى شيا بىر ھەپتىدىن كېيىن كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلگەندە، خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى. لى شيا بۇ ھەقتە توختالغاندا كۈلۈپ تۇرۇپ: مەن تولىمۇ تەلەيلىك! دېدى.

       لى شيا بىر كېچىدىلا، ئامېرىكىدا كۆپ يىل ئالقىشقا ئېرىشكەن ‹‹MTV تەبىئەت ساداسى›› سەنئەت پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسىگە ئايلاندى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ پىروگراممىنىڭ رىياسەتچىلىرى نەچچە قېتىم ئالماشقانىدى. لى شيا ھەر كۈنى نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىنگلىز تىلىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى. لى شيانىڭ رىياسەتچىلىك ھاياتى دەسلەپتىلا خىرىسقا دۇچ كەلدى، دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇ ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچ قىلالمىدى، ئۇنىڭ رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبى ۋە ھالىتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. باش ئىشتابنىڭ پىروگرامما ئىشلەش يىغىنىدا قارشى تەرەپ ھەتتا رىياسەتچى لى شيانى ئالماشتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

       ئېلىمىزدىكى داڭلىق پىلانلىغۇچى، مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى شەنچى ئەينى چاغدا ‹‹MTV تەبىئەت ساداسى›› پىروگراممىسىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇ لى شياغا ئۆزىگە ئىشىنىشنى تاپىلىدى، يەنە پات – پات ئۇنى رىغبەتلەندۈردى، شەنچى لى شيانىڭ رىياسەتچىلىك قىلغاندا بىرەر ئېغىز گەپ خاتا بولۇپ قالسىلا توختاپ قايتىدىن باشلايدىغان ئادىتىنى بايقىغاندىن كېيىن، لى شياغا ئىلھام بېرىپ: خاتا سۆزلەپ قالسىڭىز ھېچقىسى يوق، خاتا سۆزنى تۈزەتسىڭىزلا بولىدۇ! دېدى. خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، لى شيا ئۈچ ئايدا بۇ خىزمەتكە كۆنۈپ قالدى، يەنە ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدا تەلتۆكۈس ئۆزگىرىش بولدى.

       20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگونىڭ مۇزىكىلىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى باشقىچە جانلاندى، ‹‹MTV تەبىئەت ساداسى›› پىروگراممىسى ناھايىتى تېزلا داڭلىق پىروگراممىغا ئايلىنىپ، كۆرۈش نىسبىتى ئاشتى. ‹‹MTV تەبىئەت ساداسى›› پىروگراممىسىنىڭ شۆھرىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن شىنجاڭدىن بېيجىڭغا بارغان خۇيزۇ قىز لى شيامۇ تونۇلدى! بىر يىلدىن كېيىن، لى شيا ئامېرىكا ‹‹دەۋر ھەپتىلىكى›› ژۇرنىلىنىڭ جۇڭگودىكى تۇنجى يېڭى ئەۋلاد رىياسەتچىسىگە ئايلاندى. ئۇ يەنە ئەنگلىيە BBC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇنجى جۇڭگولۇق سەنئەتكار بولۇپ قالدى. ئارقىدىنلا ئۇ قار ئۇچقۇنلىرىدەك كېلىۋاتقان نۇرغۇن خىزمەت تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. 1999 – يىلى ئۆكتەبىردە، ‹‹خەۋەرچى›› گېزىتى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن رىياسەتچىنى باھالاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلرايىنى تەكشۈرگەندە، لى شيا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئون رىياسەتچى ئىچىدە 3 – ئورۇندا تۇردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئايال رىياسەتچىلەردىن نى پىڭ، ياڭ لەن، لى شيالا بار ئىدى. 

       لى شيا ئۈن - تىنسىز تىرىشىپ ئەتراپلىق يېتىلدى

       1997 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە لى شيانىڭ كەسپى ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولدى. 1997 – يىلى ‹‹MTV تەبىئەت ساداسى›› پىروگراممىسىغا، 1999 – يىلىدىن باشلاپ نەق مەيدان سەنئەت پىروگراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تونۇلدى. بىر مەھەل كۈنىگە 16 سائەت خىزمەت قىلىپ، چاغاندىلا دەم ئالدى، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پىروگراممىنى سۈرەتكە ئېلىش، پائالىيەتلەرگە، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىش ئىشلىرى بىلەن كۈنلىرى تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۈرۈمچى سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلغاندا جۇغلىغان تەجرىبىلىرى لى شيانىڭ كېيىنكى كۈنلەردە سەنئەت پىروگراممىلىرىنى ئىشلىشىگە پۇختا ئاساس بولدى، ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئۇ سەنئەت ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئىشلىرى ئېقىن سۇدەك يۈرۈشۈپ كەتتى. ئۇزاق ۋاقىت چارچاپ خىزمەت قىلىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن دائىملىق ئىشقا ئايلانغان بولۇپ، كەسپىدە كۈنسايىن ئۇتۇق قازىنىۋاتقان كۈنلەردە، كۈتۈلمىگەن كېسەللىك ئازابى سەھنىدە چاقناۋاتقان لى شيانى يىقىتتى.

       لى شيا: 2005 – يىلى سېنتەبىرنىڭ بىر كۈنى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرغاندا، بېلىمنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئاغرىققا چىدىيالماي دومىلاپ كەتتىم، دېدى. ئايال رىياسەتچىلەر ئادەتتە داۋاملىق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيەتتى، دالىدا چوڭ تىپتىكى ناخشا كېچىلىكلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، مۈرىسى ياكى دۈمبىسى ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىشكە مەجبۇر بولاتتى، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇلار كېسەل پەيدا قىلاتتى، لى شيا ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ بەل ئومۇرتقىسىدا ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى بىلمىگەچكە، شۇ كۈنىمۇ نورمال خىزمەتكە بارغانىدى، كېيىن غال – غال تىترەپ مىكروفوننىمۇ تۇتقۇدەكمۇ ماجالى قالمىدى، ئاخىرىدا خىزمەتچى خادىملار ئۇنى سەھنىدىن كۆتۈرۈپ ئېلىپ چۈشتى.

       دوختۇر لى شياغا: بەل ئومۇرتقىڭىزنىڭ بىر قىسمى ئولتۇرۇشۇپ، بىر قىسمى پولتىيىپ چىقىپتۇ، يەنە داۋاملىق خىزمەت قىلسىڭىز پارالىچ بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، دېدى. لېكىن ئۇ ئۈچ مەيدان پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلمىسا بولمايتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىمۇ بار ئىدى. لى شيا دوختۇرغا: بۇ مۇراسىم تولىمۇ مۇھىم، جەزمەن قاتناشمىسام بولمايدۇ، دېدى. دوختۇر ئۇنىڭغا ياللۇغ قايتۇرۇش ئوكۇلى سېلىپ قويدى، يەنە شىنجاڭغا بارغاندىمۇ داۋاملىق ئۇرغۇزۇشنى تاپىلىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، ئەر رىياسەتچى لى شيانى يۆلەپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، كۆپچىلىككە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى. تەبرىكلەش كېچىلىكى ئاخىرلىشىپ، لى شيا ئاستاغىنە سىرتقا ماڭغاندا، نەچچە مىڭ تاماشىبىننىڭ ئۆزىنى ئۇزىتىپ چىققانلىقىنى بايقىدى، لى شيا: ئەينى چاغدا تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، تولىمۇ تەسىرلەندىم، دېدى.

       2000 – يىلى لى شيا 20 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹قۇملۇق خانىشى››دا باش رول ئالدى، ئارقىدىن يەنە ‹‹ئوڭغا، سولغا مېڭىش››، ‹‹ساھىل›› قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ۋە ‹‹تەنھا كۈتۈش›› ناملىق نۇرغۇن كىنودا باش رول ئالدى. 2005 – يىلىدىن كېيىن، لى شيا بىر تەرەپتىن، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدەندى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنى ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلدۇردى.

       ئۇ قىلىچۋازلىقنى ئۆگەندى، يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇردى.

       لى شيا 2010 – يىلى جۇڭگولۇق قېرىنداشلار شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ، ‹‹لى شيا خىزمەتخانىسى››نى قۇردى ھەم ھەقىقىي تۇرمۇش ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان تۇنجى پىروگرامما ‹‹سەمىمىيلىك سەپىرىدىكى ياتاقداشلار››نى ئىشلەپ، ئەينى چاغدىكى قىزىق نۇقتا بولغان ئاق ياقىلىقلار تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، تاماشىبىنلارغا شەھەرلەردە جان تىكىپ كۈرەش قىلىۋاتقان ئاق ياقىلىقلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۆي ئىجارە ئېلىپ بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. 2010 – يىلى ‹‹يان تېلېفون›› ناملىق دىرامىدا ۋۇ يۆنىڭ رولىنى ئېلىپ، ئاياللارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەيدىغان قەيسەرلىكىنى نامايان قىلدى؛ 2011 – يىلى يانۋاردا ‹‹شەھەردىكى خۇشال كىشىلەر›› ناملىق كومېدىيە دۆلەت تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى، لى شيا سېنارىيەدىكى جەزبىدار ئايال باش پېرسوناژ ئايروخانقىز ما لىليەننىڭ رولىنى ئېلىپ، شوخ، تېتىك قىياپىتى ۋە ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ھازىرقى زاماندىكى شەھەرلىك قىزچاقنىڭ ئوبرازىنى جانلىق يارىتىپ بەردى. 2014 – يىلى لى شيا باش فىلىم ئىشلىگۈچى سۈپىتىدە ‹‹بىر ئەۋلاد ئۇستاز›› ناملىق سېنارىيەنىڭ ئاپتورى شۈ خاۋفېڭ ئەپەندى بىلەن ھەمكارلىشىپ ‹‹ئۇستاز›› ناملىق كاتتا فىلىمنى ئىشلىدى.

       لى شيا 2009 – يىلى ئىيۇندا جۇڭگو كۆكەرتىش فوندى جەمئىيىتى بىلەن ‹‹تېجەشلىك تۇرمۇش، يېشىل جەمئىيەت پاراۋانلىقى ھەرىكىتى››نى يولغا قويۇپ، كىشىلەرگە تۇرمۇشتا تېجەشلىك بولۇپ، بىر ۋات توكنىمۇ تېجەپ، توك مەنبەسىنى ئېتىۋېتىشنى ئۇنتۇماسلىق؛ ئاپتوموبىلنى بىر كۈن ئاز ھەيدەپ، ماينى يېرىم قاچىلاپ، مۇھىت بۇلغاشنى ئازايتىشنى تەشەببۇس قىلدى؛ كارخانىلارنى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى. مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسىنى، پۈتۈنلەي يېڭى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بۇ ئىجتىمائىي ھەرىكەتكە جۇ شۈن، خەن خۇڭ قاتارلىق چولپانلار قاتناشتى، پائالىيەت ئۇدا يېرىم يىل داۋاملىشىپ، پائالىيەتكە قاتناشقانلار 100 مىليون ئادەم/قېتىمدىن ئاشتى. بۇ جەمئىيەت پاراۋانلىقى ھەرىكىتى يەنە ب د ت مۇھىت – پىلان مەھكىمىسى ۋە ‹‹PART OUR بىزنىڭ تۆھپىمىز›› مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش تۈرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. لى شيا يۇقىرىقى تۆھپىسى بىلەن 2010 – يىلى 15 – مارت ئىككى يىغىنغا بېغىشلانغان ئالاھىدە پىروگراممىغا چىقتى. لى شيا يەنە تاغلىق رايوندىكى ئون نامرات ئوقۇغۇچىغا يىل بويى ئىقتىسادىي ياردەم بەردى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ئوقۇغۇچىغا ياردەم بەردى؛ 2013 – يىلى ئۇ دوستى بىلەن بېيجىڭ بالىلار مېڭە پارالىچىنى داۋالاپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىگە بېرىپ، بالىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بەردى، كىتاب ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلدى، يەنە بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئويۇن ئويناپ، رەسىم سىزىپ، ناخشا ئېيتتى، 2012 – يىلى پاراسەتلىك ئايال شەرىپىگە ئېرىشتى.

       ‹‹رۇڭيى›› بالىلارنىڭ سەنئەت ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشىغا ياردەم بەردى

       سەنئەتكارلىق ئۇ مەجبۇرىي تاللىغان كەسىپ ئىدى، كۆپ يىللاردىن بۇيان لى شيا ئۆزى خالايدىغان ھەم ياخشى قىلالايدىغان كەسىپ ئۈستىدە توختىماي ئىزدەندى.

       يېقىنقى نەچچە يىلدا، لى شيا سەنئەت تۈرىدىكى ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىش بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلىپ، 2015 – يىلى 16 – ئىيۇن ‹‹رۇڭيى›› تەربىيەلەش مەكتىپىنى قۇردى، ئۇ ئەمدى رىياسەتچىدىن مەكتەپ مۇدىرىغا ئايلانغانىدى. لى شيانىڭ نىشانى سەنئەت ئىجادىيىتى بويىچە ئەمەلىي تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدى. لى شيا مۇنداق دېدى: بىز ئۈچ تۈرلۈك كىشىنى كۆزدە تۇتتۇق، بىرى، تۆۋەن دەرىجىدىكى خىزمەتچى خادىملار، ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؛ ئىككىنچىسى، سەنئەتكە ئالاقىدار كەسىپلەرنى پۈتكۈزگەن شۇ قاراردىكى ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خىزمەت تاپالمىسا، بىز‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››غىچە مۇلازىمەت قىلىمىز؛ ئۈچىنچىسى، ئىستېداتلىق كەسىپكارلار بولۇپ، بىز ئۇستازلار سىنىپى تەسىس قىلدۇق.

       لى شيا بۇ ساھەدىكى يۈزدىن ئارتۇق كارخانىنى زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، مەدەنىيەت، تارقىتىش، كىنو – فىلىم ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى داڭلىق شەخسلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق، ‹‹رۇڭيى›› تەربىيەلەش مەكتىپى ئۈچۈن ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان نۇرغۇن كەسپىي دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ، ئۇنىۋېرسال سەنئەت، كۆڭۈل ئېچىش، فىلىم ئىشلەش، ۋاسىتىچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلىپ، جەمئىيەتكە ئەمەلىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

       ‹‹سەنئەت ئارزۇسى بار بالىلارنى بۇ ساھەگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنى ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش›› ‹‹رۇڭيى›› تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ مەقسىتى ئىدى. لى شيا بۇنىڭ ئۈچۈن داڭلىق ئۇستازلار قوشۇنى قۇردى، يېتەكچى ئۇستازلاردىن فېڭ شياۋگاڭ، جاڭ يىموۋنىڭ مەخسۇس فىلىم ئىشلىگۈچىسى خۇ شياۋفېڭ، ۋۇ يۈسېننىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ياڭ دۇڭ، فىلىم تەشۋىقات يېتەكچىسى جاڭ ۋېنبو، چېن لىجى، جۇ شۈننىڭ ۋاسىتىچىسى خۇاڭ فېڭ، مۇزىكا يېتەكچىسى خۇ خەيچۈەن قاتارلىقلار بار ئىدى، لى شيا ئۆزى رىياسەتچىلىكتىن دەرس بەردى. ‹‹رۇڭيى›› تەربىيەلەش مەكتىپى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە ئىككى قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، كۇرستا شۇ ساھەدىكى داڭلىق پىروفېسسورلار دەرس سۆزلەپ، كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

       ‹‹<رۇڭيى> تەربىيەلەش مەكتىپىدە سىز بولغاچقا بىز ئارزۇيىمىزغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق! سىز بىز بىلەن بىللە بولغان، بىز بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشقان ئاشۇ دەقىقىلەر شۇ قەدەر ئىللىق! بۇ يېڭى ساھەگە نىسبەتەن بىزنىڭ تەجرىبىمىز يوق، خىزمەتتە كۈتۈلمىگەن ئىشلاردىن خالىي بولالمايمىز! ۋەھالەنكى، بىزنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنى، يەنىلا سىزنىڭ مەدەت ۋە ئىلھامىڭىز!›› لى شيا ھازىر پىشىپ يېتىلگەن قابىل ئايالغا ئايلانغان بولسىمۇ، يەنىلا بالىلارچە ساپ قەلبكە ئىگە، ئۇ ھەر قېتىم ئوقۇغۇچىلىرىدىن كەلگەن خەتلەرنى ئوقۇغاندا، ھاياجېنىنى باسالماي قالىدۇ. ‹‹رۇڭيى›› تەربىيەلەش مەكتىپىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش ئۇنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى!

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.