مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    جاھان يېڭىلىقلىرى

     يەر شارىدا 3 مىليارد 900 مىليون يىل ئىلگىرىلا ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن

    زۆھرە تۇرسۇن2017-10-02 18:27:05تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        شىنخۇا تورى خەۋىرى: فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 27–سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى ئالىملار يېقىندا 3 مىليارد 900 مىليون يىل ئىلگىرىلا يەر شارىدا ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا يەر شارىغا قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار كەينى–كەينىدىن سوقۇلۇپ تۇرغان، يەر شارىدا ئوكسىگېنمۇ يوق دېيەرلىك ئىكەن. بۇ گۇرۇپپىدىكى ئالىملار يەنە يەرشارىدا مەۋجۇت بولغان ھاياتلىقنىڭ تاشقا ئايلانغان تاشقاتمىسىنى ئىسپات قىلغان. بۇ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي تاشقاتما ئىسپاتى بولۇپ، كانادادىكى رابرادور رايونىدىن تېپىلغان.
    پىراكتىكانت خالمۇرات غۇپۇر تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.