مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    ئۆزى بىلەن «توي» قىلغان قىز

    رەنا2017-10-02 16:07:37تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     يەر شارى تورى خەۋىرى : ئىتالىيەلىك لاۋرا مېسى يېقىندا 40 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە 70 تىن ئارتۇق دوست-بۇرادىرىنى چاقىرىپ، تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۆزى بىلەن «توي» قىلغان.

     تاراتقۇلار خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېسى ئىلگىرى: «ئەگەر 40 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئەڭ مۇكەممەل ھەمراھ تاپالمىسام، ئۆزۈم بىلەن توي قىلىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن. ۋەدىسىدە تۇرۇش ئۈچۈن مېسى 40 ياشقا كىرگەندە «باشقىلارنى ياخشى كۆرۈشتىن ئىلگىرى ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش كېرەك» دېگەن ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، 10 مىڭ ياۋرو سەرپ قىلىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

     گەرچە ئۆزى بىلەن توي قىلىش قانۇنىي ئۈنۈمگە ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما مېسى يەنىلا ئۆزىنىڭ قارارىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.