مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سەيلىگاھ

    ئەنگىليەدىكى ئاددىيغىنە ياغاچ ئۆي قىممەت باھادا سېتىلدى

    رەنا2017-09-29 17:44:23
     
        شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە دېۋون ئۆلكىسىنىڭ خونتون كەنتىدىكى 75 ئېنگلىز موسى (تەخمىنەن 455 مو) كېلىدىغان بىر ئورمانلىقتا «كولۋېل» ناملىق ياغاچ ئۆي بار، بۇ ياغاچ ئۆي خىلۋەت تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلار ئۈچۈن ياخشى تاللاشتۇر. بۇ ئۆي يېقىندا ئەتراپتىكى زېمىنلار بىلەن قوشۇلۇپ 1 مىليون 250 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 11 مىليون 200 مىڭ يۈەن) غا سېتىلدى. چۈنكى، بۇ ئۆي قارىماققا ئاددى كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ تارىخىي قىممىتى زور ئىدى.

        بۇ ئورمانلىق 15-ئەسىردىكى ئەتىرگۈل ئۇرۇشى مەزگىلىدە پادىشاھ چارلىز  نىڭ ئىلكىدە بولۇپ، 16-ئەسىردە ئىلگىرى-كېيىن  بولۇپ تۆت ئېسىلزادىنىڭ قولىدىن ئۆتكەن. 1793-يىلىدىكى كوپېنھاگېن ئۇرۇشىدا گېنېرال توماس گىراۋېس 210 فوندستېرلىڭ (مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ئامىللارنى قوشقاندا تەخمىنەن 11 مىڭ يۈەن) خەجلەپ سېتىۋېلىپ، قىزىغا سوۋغا قىلغان. بۇ ياغاچ ئۆي ئەنە شۇ چاغدا ياسالغان. 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئۆيدە كىشىلەر تۇرمۇش كەچۈرگەن، كېيىن ئەتراپ خارابلىشىشكە يۈزلەنگەن. ئۆينىڭ ھازىرقى ئىگىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا بۇ ئۆينى ئەتراپتىكى زېمىنلار بىلەن قوشۇپ سېتىۋېلىپ، قايتىدىن بېزىگەن ھەمدە دەم ئالىدىغان تۇرالغۇ قىلغان. ئۆي ئىگىسى يېقىندا بۇ ئۆينى 1 مىليون 250 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 11 مىليون 200 مىڭ يۈەن) غا ساتقان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.