مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مودا ۋە ئېقىم

    ياپونىيەدە دىسنېي مەلىكىلىرىنىڭ كۆينەكلىرىگە تەقلىد قىلىنغان توي كۆينەكلىرى ئىجارىگە بېرىلىدۇ

    رەنا2017-09-29 16:45:52تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     
        ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ياپونىيەدىكى داڭلىق بىر توي كۆينىكى لايىھەلەش شىركىتى دىسنېي بىلەن بىرلىشىپ لايىھەلەپ تىككەن بىر يۈرۈش دىسنېي مەلىكىلىرى كۆينەكلىرىنى بازارغا سالغان.
        بۇ بىر يۈرۈش مەلىكە كۆينەكلىرى «قار مەلىكىسى»، « ساھىبجامال بىلەن مەخلۇق»، «ئۇزۇن چاچ مەلىكە»، «كۈلقىز»، «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» ۋە «كىچىك ساھىبجامال بېلىق» تىن ئىبارەت ئالتە خىل تېمىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كۆينەكلەر جەمئىي 14 خىل پاسوندا ئىشلەنگەن. نويابىردىن باشلاپ، يېڭى پاسوندىكى بۇ مەلىكە كۆينەكلىرى ياپونىيەدىكى مېھمانسارايلاردا، توي مەرىكىسى زالىدا ۋە توي كىيىمى دۇكانلىرىدا ئىجارىگە بېرىلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، مەلىكە كۆينەكلىرىنىڭ ئىجارە ھەققى تەخمىنەن 3600 دوللار (تەخمىنەن 23 مىڭ 904 يۈەن)، شاھزادە كىيىملىرىنىڭ ئىجارە ھەققى تەخمىنەن 900 دوللار (تەخمىنەن 5976 يۈەن) ئىكەن.
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.