مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    بالدۇر قېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 11 ياشلىق ئۆسمۈر

    زۆھرە تۇرسۇن2017-09-12 11:43:00تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     شىنخۇا تورى، 11-سېنتەبىر خەۋىرى: 11 ياشلىق ھىندىستانلىق ئوغۇل شېرىياش بارمىت بالدۇر قېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن قارىماققا قېرى بوۋايلارغا ئوخشاپ قالغانىدى. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قېرىش سۈرئىتى ئادەتتىكى بالىلارنىڭكىگە قارىغاندا 8 ھەسسە تېز بولىدۇ، شۇڭا شېرىياش گەرچە 11 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ چىرايىنى قورۇقلار باسقان، چاچلىرى چۈشكەن، پۇت-قوللىرى جانسىز ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ گەرچە ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، بىراق كەلگۈسىدىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن. ئۇ ناخشا ئېيتىش، مۇزىكا چېلىش، ۋېلىسپىت مىنىش، ئاپتوموبىل ھەيدەش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىزغىن سۆيىدىكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ يەنە داڭلىق ناخشىچى بولۇش ئارزۇسى بار ئىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.