مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    كىلاسسىك دىراماتورگ تاڭ شيەنزۇنىڭ قەبرىسىنىڭ كونكرېت ئورنى جەزملەشتۈرۈلدى

    پەرغانە غوپۇر2017-08-29 09:33:51تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        تاڭ شيەنزۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچىنچى خانىمىنىڭ قەبرىسى.

      شىنخۇا تورى خەۋىرى: تاڭ شيەنزۇ جەمەتىنىڭ قەبرىستانلىقىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 28 -ئاۋغۇست تاڭ شيەنزۇنىڭ يۇرتى بولغان جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئارخېئولوگلار دالا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشى ئارقىلىق جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرى ۋېنچياڭ رايونى ئەتراپىدىكى تاڭ شيەنزۇ قەبرىستانلىقىدا تاڭ شيەنزۇ قەبرىسىنىڭ كونكېرت ئورنىنى ئاساسىي جەھەتتىن جەزىملەشتۈردى. قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان تاڭ شيەنزۇنىڭ قول يازمىلىرى شۇنىڭدەك قەبرە تەزكىرىسى تاڭ شيەنزۇ مەدەنيىتىنى تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

      تاڭ شيەنزۇ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان داڭلىق ئەلنەغمەشۇناس، دىراماتورگ، ئەدىبتۇر. ئۇ يەنە «شەرقتىكى شېكىسپېر» دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ «مۇدەن شىپىڭى»، «خەندەن خاتىرىسى» قاتارلىق ئەلنەغمە ئەسەرلىرى ئېلىمىز كىلاسسىك سەنئىتىدىكى بىباھا گۆھەرلەردۇر.

    (ليۇ چيەن فوتوسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.