مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    تاجىكىستاننىڭ سەرخىل ئۇسسۇللىرى قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى

    پەرغانە غوپۇر2017-08-28 17:49:21شىنجاڭ گېزىتى

     مۇيەسسەرئاباھامىت

        5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان تاجىكىستان لورا دۆلەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سەرخىل نومۇرلىرى شىنجاڭ ئوپېرا تىياتىرخانىسىدا ئىككى مەيدان، شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئىككى مەيدان قويۇلۇپ، ئۇسسۇل بايرىمى بويىچە ئەڭ كۆپ قويۇلغان كېچىلىك بولۇپ قالدى. بۇ كېچىلىك گەرچە تۆت مەيدان قويۇلغان بولسىمۇ، ھەر قېتىملىق ئويۇندا زال ئىچى تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولۇپ، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. بۇ ئۆمەكنىڭ ئۇسسۇل بايرىمىغا ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ، ئالدىنقى قېتىمدىمۇ ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشكەن ئىكەن.

        ئۇقۇشىمچە، تاجىكىستان لورا دۆلەتلىك سەنئەت ئۆمىكى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىغا تەۋە بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئىران، ھىندىستان، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئويۇن قويۇپ، ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشكەن ئىكەن. لورا تاجىكچە سۆز بولۇپ، پورەكلەپ ئېچىلغان قىزىلگۈل، دېگەن مەنىگە ئىگە بولۇپ، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىققا سىمۋول قىلىنغان ئىكەن.

        شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىمىت ئىسمائىل تاجىكىستان لورا دۆلەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئۇ نومۇرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: تاجىكىستان لورا دۆلەتلىك سەنئەت ئۆمىكى تاجىك مىللىتىنىڭ قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دىيارىمىزغا ئېلىپ كەپتۇ، ئۇلار كىيىم – كېچەك، گىرىمدا ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەن. بۇ نومۇرلارنى كۆرگەن شىنجاڭ خەلقى جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن تاجىكىستان مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ھېس قىلالايدۇ، بۇ كېچىلىك دىيارىمىز ئۇسسۇلچىلىرى بىلەن تاجىكىستان ئۇسسۇلچىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

        تاماشىبىن گۈلنار تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ ئۆمەكنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، بۈگۈن ئالايىتەن نومۇرلىرىنى كۆرگىلى كەلدىم. دەرۋەقە، ئۇلارنىڭ ئۇسسۇللىرى ناھايىتى ئۆزگىچە، ئارتىسلىرى بەكلا چىرايلىق ئىكەن. تاجىكىستان ئۇسسۇللىرى بىلەن شىنجاڭدىكى تاجىكلارنىڭ ئۇسسۇللىرىدا پەرق بار ئىكەن. تاجىك ئۇسسۇللىرىغا ياۋروپا ئۇسلۇبىنى سىڭدۈرۈپ، ئۆزگىچە ھەم جەلپ قىلارلىق، چىرايلىق بىر مەيدان كېچىلىكنى ۋەتىنىمىزگە ئېلىپ كېلىپ، بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەم ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مۇشۇنداق خەلقئارالىق كۆرەكلەردە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.