مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەتتىكى دۇنيا

    كامېراغا قىزىقىپ قالغان قوڭۇر ئېيىقلار

    زۆھرە تۇرسۇن2017-08-15 12:45:05تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى» نىڭ 13-ئاۋغۇست خەۋىرى: يېقىندا رۇسىيەلىك ياۋايى ھايۋاناتلار فوتوگرافى مايك كوروستولېف كامچاتكا يېرىم ئارىلىدىكى بىر كۆلگە كامېرا ئورنىتىپ قويغان بولۇپ، بۇ كامېرا ئارقىلىق سۇ ئىچكىلى كەلگەن قوڭۇر ئېيىق سۈرەتكە ئېلىنغان.

     مايك سۇ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويغان كامېرانى يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق سۇ ئىچكىلى كەلگەن قوڭۇر ئېيىقلارنى سۈرەتكە ئالغان. ئاۋۋال توساتتىن يانغان كامېرا چىرىغى ئانا ئېيىقنىڭ دىققىتىنى تارتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاپپاراتنى «تېتىپ» كۆرمەكچى بولغان، بۇ ۋاقىتتا بالا ئېيىقلار ئانىسىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىغا قىزىقىپ، كامېراغا يېقىنلاشقان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئوماق ھەم تەبىئىي چىراي ئىپادىسى كامېرادا ئېنىق خاتىرىلىنىپ قالغان.

     ئىگىلىنىشىچە، مايك سۇ ئاستى مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ رايوندا قوڭۇر ئېيىق بارلىقىنى بىلىپ، سۇ ئاستىغا كامېرا قويۇپ قويغان ھەمدە قوڭۇر ئېيىقلارنىڭ كېلىشىنى كۈتكەن. بىراق ئۇ قوڭۇر ئېيىقنىڭ كامېراغا قىزىقىپ، كامېرانى خۇددىي ئويۇنچۇقىدەك ئويناپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەن. بۇ سۈرەتلەر ناھايىتى قىممەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل سۈرەتلەرنى تارتىۋېلىشى تەلىيى ھېسابلىنىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.