مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    دەرياغا سەكرەپ چۈشكەن باتۇر گنۇ

    زۆھرە تۇرسۇن2017-08-15 11:30:19تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-ئاۋغۇست خەۋىرى: يېقىندا كېنىيەنىڭ ماسايمارا دۆلەتلىك باغچىسىدا گنۇلار كۆچۈشكە باشلىغان بولۇپ، كالىفورنىيەلىك فوتوگراف شاين مايكۇر بىر گنۇنىڭ دەريادىكى تىمساھتىن قورقماي، باتۇرلارچە سۇغا سەكرىگەن كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.

     شايننىڭ ئېيتىشىچە، سۇغا سەكرىگەن گنۇ بىر ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ سۇغا سەكرەشتىن ئىلگىرى بىر توپ گنۇ دەريادىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ بولغان، نۆۋەت ئۇنىڭغا كەلگەندە دەسلەپتە ئۇ سۇغا سەكرەشتىن ئىككىلەنگەن، لېكىن يەنىلا دەرھال سۇغا سەكرەپ ئالدىدىكى بىر توپ گنۇغا يېتىشىۋالغان. دەريادا تىمساھ، بېگېموت بولغاچقا، گنۇلار دەريادىن بىر توپ ئۆتسە بىخەتەر بولىدىكەن، بۇ ياش گنۇنىڭ دەريادىن يالغۇز ئۆتۈپ قىرغاققا چىقىشى ھەقىقەتەن ئۇنىڭ باتۇرلۇقى ۋە تەلەيلىكلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.