مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    ئۇسسۇل بايرىمىدا ‹‹مۇقام ناۋاسى››

    ئامانگۈل2017-08-09 12:52:58شىنجاڭ گېزىتى

      مۇيەسسەر ئاباھامىت، پىراكتىكانت دىلنۇر ئەخمەتجان

    5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا ‹‹مۇقام ناۋاسى›› ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى 8 – ئاينىڭ 4 – كۈنى شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى تىياتىرخانىسىدا قويۇلۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ سېھرىي كۈچى خەلقئارا سەھنىدە يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى.

     شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلى تەييارلىغان تۆت پەردىلىك ‹‹مۇقام ناۋاسى›› چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىدە ھەم ۋەقەلىك، ھەم يېقىملىق ناخشا – مۇزىكا ۋە مول مەدەنىيەت بايلىقى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن، ۋەقەلىك جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە يەرلىك مۇقاملار ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

     كېچىلىكتە ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى سەنئىتى بىلەن كۆپ ۋاسىتىلىك زامانىۋى تېخنىكا ۋە ئالاھىدە سەھنە مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن. ئارتىسلارنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەل كىيىملىرى، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان نەپىس ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى، ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئورۇنلاش ماھارەتلىرى تاماشىبىنلارنى گۈزەل ھېس – تۇيغۇلارغا چۆمدۈردى. مىللىي سازلار ئوركېستىرنىڭ جاز مۇزىكىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ نەق مەيداندا ئورۇنلىنىپ، تاماشىبىنلارنى نەق مەيداندا ئورۇنلانغان ئېسىل مۇزىكىدىن ھۇزۇرلاندۇرغاندىن باشقا، سەھنە دېكىراتسىيەسىدە سايە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى، مەدەنىيىتى، تارىخىنى تېخىمۇ يېقىن ئارىلىقتىن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىندى. ‹‹مۇقام ناۋاسى››دا ‹‹ئون ئىككى مۇقام››، ‹‹دولان مۇقامى››، ‹‹تۇرپان مۇقامى››، ‹‹قومۇل مۇقامى››، ‹‹ئىلى مۇقامى›› قاتارلىق مۇقاملار ئورۇنلىنىپ، يۇرت – يۇرتلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

     شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى چوڭ تىپتىكى مۇقام كېچىلىكلىرىدىن ‹‹چەبىيات مۇقامى››، ‹‹ئۆزھال مۇقامى››، ‹‹ئوشاق مۇقامى›› ئاساسىدا ئىشلەنگەن ‹‹مۇقام باھارى››، ‹‹مۇقام ناۋاسى›› قاتارلىق ئۆزگىچە تۆت مەيدان چوڭ كۆلەملىك سەنئەت كېچىلىكىنى روياپقا چىقىرىپ، ئون ئىككى مۇقامنى دۆلەت ئىچى – سىرتىغا تېخىمۇ تونۇتتى. ‹‹مۇقام ناۋاسى›› سەنئەت كېچىلىكى بۇلتۇر 5 – ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا باھار مۇزىكا كېچىلىكى ۋە 8 – ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 5 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات – سەنئەت كۆرىكىدە يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى. بۇ يىل مۇزىكىلىق تىياتىر ‹‹مۇقام ناۋاسى›› قايتىدىن رېپېتىتسىيە قىلىنىپ، ئۇسسۇل بايرىمىدىن ئىبارەت خەلقئارا سەھنىدە تاماشىبىنلارغا يەنە بىر قېتىم يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى گۈزەل مۇقام كۈيلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتى يارىتىلدى.

     شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلىنىڭ باشلىقى داۋۇت مامۇت مۇنداق دېدى: مۇقام ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى. ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز. بۇ كېچىلىكتە مۇقامنىڭ ئەنئەنىۋى جەۋھەرلىرى ئاساسىدا، ھازىرقى زامان كۆپ ۋاسىتىلىك لايىھەلەش شەكلى ئارقىلىق، ئۆزگىچە سۈرەت ئىجادىيىتى، چىراغ، سەھنە، گۈزەل سەنئەت لايىھەلەش ئارقىلىق دەۋر ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەندى. بۇ كېچىلىكتە مۇقام قەدىمىي سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىلدى. ئەنئەنىۋى مۇزىكىنى زامانىۋى چالغۇ بىلەن ئورۇنلاپ، مۇقامنى تېخىمۇ رەڭدار ئىپادىلىدى. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىنىپلا قالماستىن، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەرنىڭ ئارزۇ – ئىستىكى تېخىمۇ روشەن نامايان قىلىندى.

     تاماشىبىن ئابدۇكېرىم مۇسا مۇنداق دېدى: كېچىلىك مۇقام سەنئىتىنىڭ ئەڭ نادىر جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپتۇ، مۇزىكا، ئۇسسۇل، مۇقام ئېيتىش قاتارلىق ئورۇنلاش سەنئىتىدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى نامايان قىپتۇ. ئون نەچچە كۈندىن بۇيان شىنجاڭلىقلار دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن ئېسىل نومۇرلارنى كۆردى. ئۇسسۇل بايرىمى ئاخىرلىشىش ئالدىدا ‹‹مۇقام ناۋاسى››دىن ئىبارەت نادىر كىلاسسىك ئەسەر ئارقىلىق ئون ئىككى مۇقامدىن پەخىرلەندۇق ھەم شىنجاڭدىكى ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىپ يەتتۇق، بۇ كېچىلىك بىزگە خۇشاللىق ھەم گۈزەللىك ئاتا قىلدى.

     بۇ قېتىمقى كېچىلىكتە ئۇسسۇللارنىڭ ئىشلىنىشىدىن ۋەقەلىككىچە ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تۇتتۇق. كېچىلىكتە ئوغۇللارنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنىڭ جەڭگىۋار، مەردانە، جۇشقۇن، قىزلارنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنىڭ نەپىس، يەڭگىل، نازۇك بولۇشىغا دىققەت قىلدۇق. تۇرمۇش مەدەنىيىتى ۋە يەرلىك مۇقاملارنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق، گۈزەل، خاتىرجەم تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردۇق، دېدى شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئۇسسۇل رېژىسسورى ئابدۇغىنى ئابدۇرازاق.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.