مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    ياپونىيەدىكى قۇببىسىمان ئۆگزىلىك مېھمانساراي

    زۆھرە تۇرسۇن2017-08-08 10:34:51تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-ئاۋغۇست خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ ساياھەت رايونى ئاسو دېھقانچىلىق مەيدانىدا پولىستىرېن كۆپۈكىدە ياسالغان قۇببىسىمان ئۆگزىلىك مېھمانسارايلار بولۇپ، قارىماققا جەلپكار بولۇپلا قالماي، يەنە يەر تەۋرەشكە چىدامچان ئىكەن.

     ئاسو دېھقانچىلىق مەيدانى ياپونىيەنىڭ كيۇشيۇ ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1800 ئېنگلىزچىسى (تەخمىنەن 549 مېتىر) كېلىدۇ. 2016-يىلى ئاپرېلدا ئاسو دېھقانچىلىق مەيدانى كيۇشيۇ ئەتراپىدىكى 7 بال يەر تەۋرەشتىن مۇۋەپپەقىيەتلىق ھالدا ساقلانغان بولسىمۇ، قايتا قۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن دېھقانچىلىق مەيدانى 4 ئاي تاقالغان. شۇ يىلى ئاۋغۇستتا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئوخشىمىغان باش تېمىلىق 480 تۇرالغۇ ھازىرلانغان.

     ئىگىلىنىشىچە، قۇببىسىمان ئۆگزىلىك مېھمانخانىنىڭ بىر كېچىلىك ھەققى 75 فوندسىتېرلىڭ (تەخمىنەن 667 يۈەن) دىن 136 فوندسىتېرلىڭ (تەخمىنەن 1209 يۈەن) غىچە ئىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.