مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    «قۇياش ئارزۇسى»دا ئەكس ئەتكەن گۈزەل ئارزۇلار

    ئامانگۈل2017-08-06 14:56:08شىنجاڭ گېزىتى تورى

      مۇيەسسەر ئاباھامىت، پىراكتىكانت دىلنۇر ئەخمەتجان

     7-ئاينىڭ 30 -، 31-كۈنى كەچتە 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىدىكى بىردىنبىر سېرك ئويۇنى − «قۇياش ئارزۇسى»شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى. بۇ كېچىلىكتە شاڭخەي سېرك مەكتىپىدە يەتتە يىل تەربىيەلەنگەن شىنجاڭلىق بالىلار سېرك بىلەن شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلارغا ئۆزگىچە مەنىۋى زوق ئاتا قىلدى. بۇ كېچىلىكتە شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ شاڭخەيگە بېرىپ سېرك ئۆگىنىش جەريانىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەتلىك ھېكايىلەر سۆزلەنگەنىدى.

     2010-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كەلگەن 60 ئاز سانلىق مىللەت بالا شاڭخەي سېرك مەكتىپىگە ئوقۇشقا بارغانىدى، بۇ بالىلار يەتتە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ۋە شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە شاڭخەي سېرك مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن سېرك كەسپىنى ياخشى ئۆگىنىپ، زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.

     ئارغامچا ماھارىتى، ئاسما چىغرىق ئويۇنى، شارەك ئويۇنى، ئېگىز ۋېلىسىپىتتە قاچا تېپىش، ئاسما ھالقا ئويۇنى قاتارلىق بىر- بىرىدىن ئېسىل نومۇرلار تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى، كىچىكى 14 ياش، ئەڭ چوڭى 19 ياشلىق بالىلارنىڭ ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغان ئەھۋالدا، مۇئەللەقتە مۇرەككەپ ھەرىكەتلەرنى ئورۇندىشى، چەبدەس، يۇمۇرىستىك ھەرىكەتلىرى ۋە سېركنى ئۇسسۇلغا بىرلەشتۈرگەن ئۆزگىچە نومۇرلىرىدىن تاماشىبىنلار چەكسىز سۆيۈندى.

     تاماشىبىن شادىيە ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ مەن كۆرگەن ئالاھىدە بىر مەيدان سېرك ئويۇنى بولدى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ناخشا- ئۇسسۇلى بىلەن سېركنى بىرلەشتۈرۈپ ناھايىتى ياخشى ئورۇنلىدى. شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ مۇشۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدىكى سېرك نومۇرلىرىنى ئورۇندىيالىغىنىدىن شىنجاڭ سېرىكچىلىكىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

     بۇ يىل 2- ئاينىڭ 6- كۈنى مونتىكالور «يېڭى بىر ئەۋلاد» خەلقئارالىق ياشلار، ئۆسمۈرلەر سېرك بايرىمىدا شاڭخەي سېرك مەكتىپى شىنجاڭلىق تۆت سېركچى ئورۇنلىغان «ئەپكەش ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش» ناملىق نومۇرنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغانىدى، ئۇلار شۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ بىردىنبىر ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ۋەتىنىمىزگە شان- شەرەپ كەلتۈرگەنىدى.

     − مەملىكىتىمىزنىڭ سېرك سەھنىسىدە ئوخشاشلىقلار كۆپ، لېكىن شىنجاڭ سېركچىلىكى سېرك بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ناخشا- ئۇسسۇل ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەملىكىتىمىزنىڭ سېرك سەھنىسىدىلا ئەمەس، خەلقئارا سەھنىلەردىمۇ ئۆز خاسلىقىنى نامايان قىلدى. بىز شىنجاڭلىق 60 بالىنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ئۇلارنى كەسپىي جەھەتتىنلا ئەمەس، مەدەنىيەت پەنلىرىدىمۇ سىستېمىلىق تەربىيەلىدۇق. ئۇلارغا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى ئۆگەتتۇق، بۇ بالىلار ئۈچۈن تەيۋەندىن ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلدۇق. بالىلارمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىش ۋە جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، − دېدى شاڭخەي سېرك مەكتىپىنىڭ مۇدىرى يۈ يىگاڭ.

     − سېرك تەنتەربىيە بىلەن سەنئەت بىرلەشكەن ئالاھىدە بىر خىل سەنئەت شەكلى. بىز بۇ بالىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ياراملىق سېرك ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەش مەقسىتىدە، شاڭخەي سېرك مەكتىپىگە تاپشۇرغانىدۇق. يەتتە يىل جەريانىدا ئۇلادىن 15 بالا شاللىنىپ كېتىپ، 45 بالا ئوقۇش پۈتكۈزدى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلارچە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشى بىلەن ئۇلار غېرىبسىنىش، تېڭىرقاشلىرىنى يەڭدى. شاڭخەي سېرك مەكتىپى ئۆزىنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ھۈنەرلىرىنى بالىلارغا ئايىماي ئۆگىتىپ، بىزگە ياراملىق سېرك ئەزىمەتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. بالىلارنىڭ بۇ بىر مەيدان كېچىلىكىدىنلا ناھايىتى ياخشى تەربىيەلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇلار بۇ بىر مەيدان ئويۇنى ئارقىلىق مەكتەپكە، مۇئەللىملىرىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى، ئۆزلىرىگە مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى، − دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر مۇھەممەت.

     «قۇياش ئارزۇسى»سېرك كېچىلىكى شاڭخەي بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ نەتىجىسى. شاڭخەي سېرك مەكتىپى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىنى ھېكايە قىلىپ، «قۇياش ئارزۇسى» ناملىق سېرك كېچىلىكىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. كېچىلىكتە «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم»، «ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدىم»، «مەكتەپ ھاياتى»، «چۈش تەبىرى»قاتارلىق نومۇرلار ئارقىلىق بالىلارنىڭ شاڭخەيدىكى يەتتە يىللىق ئۆگىنىش نەتىجىسى نامايان قىلىندى. ئۇلار سېركچىلىكىمىزنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرى بولۇپ، ئۇسسۇل بايرىمىدىن ئىبارەت خەلقئارا سەھنىدە ئويۇن قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ سېركچىلىكىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى ئاۋامغا نامايان قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.