مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    گىرۇزىيەنىڭ جۇشقۇن ئۇسسۇللىرى تاماشىبىنلارنى ئىزگۈ ھېسقا چۆمدۈردى

    ئامانگۈل2017-08-04 20:56:48شىنجاڭ گېزىتى

     مۇيەسسەر ئاباھامىت

     5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان گىرۇزىيە دۆلەتلىك ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى 7 – ئاينىڭ 23 –، 24 – كۈنلىرى كەچتە شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىغا سەرخىل نومۇرلارنى تەقدىم قىلدى. تاماشىبىنلار گىرۇزىن يىگىتلىرىنىڭ چەبدەس قەدەملىرىدىن ئۇلارنىڭ باتۇر، قەيسەر، جۇشقۇن روھىنى ھېس قىلسا، گىرۇزىن قىزلىرىنىڭ نازۇك، لەرزان ھەرىكەتلىرىدىن نازاكەتلىك، شەرم – ھايالىق، چېۋەر، خۇش تەبەسسۇملۇقىنى ھېس قىلدى. ئويۇن باشلىنىشى بىلەن گىرۇزىيەلىك سازەندىلەر نەق مەيداندا چالغان لىرىك كۈيلەرگە جور بولۇپ، يىگىتلەر مەردانە ھەم چەبدەس قەدەملىرى بىلەن، قىزلار يېنىك، لەرزان ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى. تاماشىبىنلار لىرىك مۇزىكا، يېقىملىق ناخشىغا جور بولغان شوخ يىگىت، بەرنا قىزلارنىڭ خۇش تەبەسسۇمى، مەردانە ئۇسسۇلىدىن ئۆزگىچە زوق ئېلىپ، گىرۇزىيە خەلقىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى، تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىنى كۆرگەندەك بولدى.

     ئۇقۇشىمچە، گىرۇزىيە دۆلەتلىك ئۇسسۇل ئۆمىكى 2011 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۆمەك گىرۇزىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇسسۇلچىلار ۋە مۇزىكانتلاردىن تەركىب تاپقان، دۆلەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئۆمەك ئىكەن. بۇ ئۆمەك ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، تۈركىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئويۇن قويغان ئىكەن. بۇ ئۆمەكنىڭ ئارتىسلىرى ئورۇنلىغان ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئىنتايىن داڭلىق بولۇپ، ئۇلار ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىگە زامانىۋى تۈس بېرىشكە ئىنتايىن ماھىر ئىكەن.

     تاماشىبىن ئۆمەر سەيدۇللا مۇنداق دېدى: مەن ئىشىك ئالدىمدىلا خەلقئارالىق سەۋىيەدىكى ئۇسسۇل كېچىلىكىنى كۆرەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم، گىرۇزىيە دۆلەتلىك ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى شىنجاڭ خەلقىگە بىر مەيدان نادىر ئۇسسۇل كېچىلىكى ئېلىپ كەپتۇ. بۇ ئارتىسلارنىڭ كەسپىي ماھارىتى يۇقىرى ئىكەن، ئۇلارنىڭ كەسىپنى سۆيۈش روھى ۋە تىرىشچانلىقى شىنجاڭلىق ئۇسسۇلچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىكەن.

     تاماشىبىن مۇنىرە تۇرغۇن مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئۇسسۇل كېچىلىكىنى كۆرۈپ بەكلا ھاياجانلاندىم، بۇ كېچىلىكنىڭ ناخشا – مۇزىكىلىرى شوخ، ئۇسسۇللىرى لەرزان، جەزبىدار بولۇپ، ئۇيغۇر ناخشا – ئۇسسۇللىرىغا يېقىن ئىكەن. بۇ كېچىلىكتە ناخشا – مۇزىكىلارنىڭ ھەممىسى نەق مەيداندا بىۋاسىتە ئورۇنلاندى، بۇنداق كېچىلىكنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىمۇ ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، كىيىم – كېچەك جەھەتتە ئورتاقلىقىمىزنىڭ كۆپلۈكىنى ھېس قىلدىم. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارالىق سەۋىيەدىكى ئېسىل نومۇرلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنى بېيىتقىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.