مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    قاناتلانغان ‹‹ئۇسسۇل ئارزۇسى››

    ئامانگۈل2017-08-04 20:56:50شىنجاڭ گېزىتى

      مۇيەسسەر ئاباھامىت

    7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، بايىنغولىن، ئاقسۇ، تۇرپان، قومۇل، تارباغاتاي، ئۈرۈمچىدىن كەلگەن 16 بالىنىڭ ‹‹ئۇسسۇل ئارزۇسى›› ئاخىر ئەمەلگە ئاشتى. ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل بالىلىرى ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ ‹‹ئۇسسۇل ئارزۇسى››نى قاناتلاندۇردى.

     شۇ كۈنى بۇ 16 بالا 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ تور ئارقىلىق سەپەرۋەرلىك قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان ‹‹ئۇسسۇل ئارزۇسى››مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پاراۋانلىق پائالىيىتىگە قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇلى›› پىروگراممىسىنىڭ چېمپىيونى، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى تور ئارقىلىق سەپەرۋەر قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى گۈلمىرە مۇھەممەتتىن ئۇسسۇل ئۆگەندى، بالىلار بەس – بەستە گۈلمىرە مۇھەممەتتىن قانداق قىلغاندا ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسىغا يەتكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سوراشتى. گۈلمىرە مۇھەممەت بالىلارنىڭ سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىپ، ئۇلارغا مەدەنىيەت ۋە كەسپىي جەھەتتىكى ساپاسىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرگەندىلا، مەملىكەت سەھنىسى، ھەتتا خەلقئارا سەھنىلەردىمۇ چاقنىيالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. گۈلمىرە ھەدىسىنىڭ ھەر بىر سۆزى بالىلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى.

     شىنجاڭ ‹‹تەڭرىتاغ تورى››بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ تور ئارقىلىق سەپەرۋەر قىلىش پائالىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئورۇن ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇسسۇل كەسپىگە ئالاھىدە قىزىقىدىغان، بۇ جەھەتتە تالانتى بار ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇش ئۈچۈن، 16 بالىنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ دىيارىمىزدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق كاتتا بايرام 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى.

     ‹‹ئۇسسۇل ئارزۇسى›› مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پاراۋانلىق پائالىيىتىدە بۇ بالىلار ئۇسسۇل بايرىمىدىكى سەر خىل ئويۇنلارنى كۆرگەندىن سىرت يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە گۈلمىرە مۇھەممەت قاتارلىق سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇسسۇل دەرسىگە قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، شىنجاڭ پەن – تېخنىكا سارىيى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

     ھەر قايسى يۇرتتىن كەلگەن بالىلار داڭلىق ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ، خەلقئارا سەھنىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇسسۇللارنى كۆرۈپ، بۇ كەسىپكە بولغان ئىشتىياقى ۋە قىزىقىشى تېخىمۇ ئاشتى، دېدى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خىزمەتچىسى راھىلە ئېزىز.

     بىلىمگە تەشنا ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىش بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇقەددەس بۇرچى، تېخىمۇ كۆپ ‹‹ئۇسسۇل ئارزۇسى››بار بالىلارغا ئۆزۈمدە بار بىلىملەرنى يەتكۈزۈش مەن ئۈچۈن ئەڭ شەرەپلىك ئىش. بالىلارنىڭ ئۇسسۇلغا بولغان ئىشتىياقى ۋە ئۇلارنىڭ جاپاغا چىداش روھىدىن كەسپىمىزنىڭ كېيىنكى ئىز باسارلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. بۇ ئۇسسۇل پەرۋانىلىرىغا كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرەلىسەك، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۇسسۇل سەھنىسىدە چاقنىشىغا بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشالىساق، بىز شۇنىڭدىن خۇش، بۈگۈنكى دەرس پەقەت بالىلار ئۈچۈن قىممەتلىك بولۇپلا قالماي، مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدىكىمۇ ئەھمىيەتلىك دەرس بولدى، دېدى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى گۈلمىرە مۇھەممەت.

     گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسىدىن كەلگەن مېھرىگۈل ئابدۇرازاق مۇنداق دېدى: مەن بۇنداق ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشەلىگەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن، مەن بۇ پۇرسەتتە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم، مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە‹‹ئۇسسۇل ئارزۇيۇم››نى قاناتلاندۇرىمەن. يۇرتۇمغا قايتقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىمنى دوستلىرىم ۋە يۇرتداشلىرىمغا سۆزلەپ بېرىپ، بۇ قېتىملىق جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ تەشۋىقاتچىلىرىدىن بولىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.