مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹قىزىل ئىبىس››تىكى ئىناقلىق كۈيى

    ئامانگۈل2017-08-04 20:56:50شىنجاڭ گېزىتى

      ئەكبەر ئىسمائىل

     ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايە سۆزلەنگەن ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹قىزىل ئىبىس›› تاماشىبىنلارنى تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈش، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ۋە ئاسراش توغرىسىدا چوڭقۇر تەپەككۇرغا باشلايدۇ. ئىنسانلار بىلەن قىزىل ئىبىسنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇشى، بىللە ياشىشى، قىزىل ئىبىسنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشى، ئىنسانلارنىڭ قايغۇرۇشى، ئىنسانلارنىڭ قىزىل ئىبىسنى ئىزدىشى ۋە بۇ جەرياندا تارتقان جەبىر – جاپالىرى، ئىنسانلارنىڭ ئاخىرىدا قىزىل ئىبىسنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تېپىشى... ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹قىزىل ئىبىس››تا ئۇسسۇل ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قىزىل ئىبىسنى ئىزدەش جەريانىدىكى ئويغىنىشى ۋە قىزىل ئىبىسنىڭ قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىشى ھېكايە قىلىنىپ، تەبىئەت بىلەن ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ قىممىتى ھەقىقىي ئىپادىلەپ بېرىلگەن.

     شاڭخەي ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا ئېلىپ كەلگەن ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹قىزىل ئىبىس›› 7 – ئاينىڭ 22 –، 23 – كۈنلىرى شىنجاڭ مۇقام تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى.

     كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان قىزىل ئىبىسنىڭ ئۇپۇقتا ئاستا – ئاستا غايىب بولۇشى بىلەن ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، ئۇسسۇللۇق تىياتىردا قەدىمكى زامان، يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغانىدى. قىزىل ئىبىسنىڭ قەدىمكى زاماندىكى خۇشال ھاياتى ئىبىس پەرىزاتنىڭ گۈزەل ئۇسسۇلى ئارقىلىق تولۇق يورۇتۇلغان بولۇپ، گۈزەل ئۇسسۇل، لىرىك مۇزىكا تاماشىبىنلارنى ئىختىيارسىز يىراق قەدىمكى زاماندىكى گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەر ۋە مۇشۇ تەبىئىي مەنزىرىلەر قوينىدا ياشاۋاتقان قىزىل ئىبىس توپى ئارىسىغا باشلاپ كىردى. يېقىنقى زاماندىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ كۆپىيىشى، سانائەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىبىس پەرىزاتنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەردىن گاڭگىرىشى ۋە قايمۇقۇشى... ئۇسسۇللۇق تىياتىردىكى ئىككى باش قەھرىمان ئىبىس پەرىزات ‹‹جې›› بىلەن فوتوگراف ‹‹جۈن››نىڭ ئۇچرىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ قىزىل ئىبىسنىڭ ماكانىدا كۆرگەنلىرى، ئىبىس پەرىزاتنىڭ ئاخىرىدا ئەۋرىشكىگە ئايلىنىشى تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. ھازىرقى دەۋر يورۇتۇلغان ئۈچىنچى بۆلەكتە فوتوگراف ئىبىسنىڭ پېيىنى تۇتقىنىچە ئىبىس پەرىزاتنى ئىزدەۋاتاتتى، كىشىلەر مۇزېيدا ئىبىس پەرىزاتنىڭ ئەۋرىشكىسىگە قارىغىنىچە، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ گۈزەل ھېكايىنى ئاڭلاۋاتاتتى، ئاخىرىدا ئاشىق – مەشۇقلار مۇرادىغا يەتتى، ئىبىس پەرىزات قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ، فوتوگرافنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۈچىنچى بۆلەكتە ئىپادىلەنگەن گۈزەل تىلەك تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى ھەقىقىي لەرزىگە سالدى.

     كىچىكىدىن ئۇسسۇلغا قىزىقىدىغان نادىرە مەمەت بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلانغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹قىزىل ئىبىس››تا تەسۋىرلەنگەن ھېكايە بەك تەسىرلىك ئىكەن، بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر ھەم چىن مۇھەببەت سۆزلەنگەن ھەم ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشى تەشەببۇس قىلىنغان سەھنە ئەسىرى ئىكەن. شاڭخەي ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى ئۇسسۇلچىلارنىڭ ئۇسسۇل ماھارىتىمۇ مېنى قايىل قىلدى، ئۇلار يۇقىرى ئۇسسۇل ماھارىتى، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالىتى بىلەن بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپتۇ، بۇ مەن ئۈچۈن ھەم ھۇزۇرلىنىدىغان ھەم ئۆگىنىدىغان ياخشى پۇرسەت بولدى.

     ئۇقۇشىمچە، شاڭخەي ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹قىزىل ئىبىس››نى تەييارلاشقا تۆت يىل سەرپ قىلغان، بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر 2014 – يىلىدىن بۇيان دۆلەت ئىچى – سىرتىدا يۈز نەچچە مەيدان ئورۇنلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.