مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    ‹‹سەككىز قىزنىڭ دەرياغا سەكرىشى›› شىنجاڭ خەلقىنى ھاياجانغا سالدى

    ئامانگۈل2017-08-04 20:56:51شىنجاڭ گېزىتى

     مۇيەسسەر ئاباھامىت

     بۈك – باراقسان قېيىنزارلىق، سارغايغان بۇغداي باشاقلىرى، ھاۋادا ئۇچۇۋاتقان قىزىل قول ياغلىق، نەپىس سەھنە لايىھەسىگە مۇڭلۇق كۈي قوشۇلۇپ، شەرقىي شىمال ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەسىدىكى سەككىز ئايال جەڭچىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى جەڭدە دەرياغا سەكرەپ قۇربان بولغانلىقىدەك قەھرىمانلىق ئىش – ئىزلىرى سەھنىدە نامايان بولۇشقا باشلىدى.

     7 – ئاينىڭ 25 – ، 26 – كۈنلىرى جۇڭگو لياۋنىڭ بالېت ئۇسسۇل ئۆمىكى تەييارلىغان ‹‹سەككىز قىزنىڭ دەرياغا سەكرىشى›› ناملىق بالېت تىياتىرى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا قويۇلدى. تاماشىبىنلارنىڭ بەزىلىرى ھەقىقىي ۋەقەلىك ئاساسىدا ئىشلەنگەن بۇ بالېت تىياتىرىدىن تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلسا، يەنە بەزىلىرى ياپون باسقۇنچىلىرى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغاندا نۇرغۇن جەڭچىنىڭ ئۆز ھاياتى بەدىلىگە ۋەتەننى قوغدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىم چۈشىنىپ يەتتى. ھەقىقىي ۋەقەلىكنىڭ جانلىق ئىپادىلىنىشى نەق مەيداندىكى ھەر بىر تاماشىبىننى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى.

     بۇ ئۇسسۇلۇق تىياتىر شەرقىي شىمالدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقە ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، تىياتىردا قىزغىن تۇرمۇش مەنزىرىسى، شۇنداقلا جەڭچىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن قورقماي، دۈشمەن بىلەن ئاداققىچە ئېلىشقانلىقىدەك تەسىرلىك ۋەقەلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

     ئۇقۇشىمچە، ‹‹سەككىز قىزنىڭ دەرياغا سەكرىشى››ناملىق بالېت تىياتىرى 11 – نۆۋەتلىك جۇڭگو سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، ‹‹مەدەنىيەت مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن. بۇ تىياتىر 2016 – يىلى دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، شىئەن قاتارلىق جايلاردا 60 نەچچە مەيدان قويۇلۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

     تاماشىبىن گۈلنار تۇرسۇن مۇنداق دېدى: مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئويغىتىش ۋە كىشىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ بالېت تىياتىرىنىڭ دىيارىمىزدا قويۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن ئون ياشلىق ئوغلۇمنى بىللە ئېلىپ كىرىپ، ئۆز ۋاقتىدا جەڭچىلىرىمىزنىڭ ۋەتەننى قوغداش يولىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغانلىقىنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن چۈشەندۈردۈم، بۇ تىياتىر ۋەقەلىكى بالېت ئۇسسۇلى ئارقىلىق سەنئەتلىك بايان قىلىنغاچقا، تەسىر كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بوپتۇ. ئوغلۇم سەككىز قىزنىڭ ئۆزىنى دەرياغا تاشلىغان كۆرۈنۈشىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى. سەھنىنىڭ لايىھەلىنىشىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، بىز سەھنىدە نومۇر كۆرۈۋاتقاندەك ئەمەس، بەلكى، شەرقىي شىمالنىڭ قېيىنزارلىقلىرى، تاغلىق رايونلىرىدا تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلدۇق. بۇ تىياتىرنىڭ ياشلار ۋە بالىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بېرىشتە ئەھمىيىتى ناھايىتى زور ئىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.