مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەتتىكى دۇنيا

    ئوماق «مەلىكە» لەرنىڭ تاتلىق سۈرەتلىرى

    زۆھرە تۇرسۇن2017-07-28 13:16:45تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 26-ئىيۇل خەۋىرى: يېقىندا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ روۋېسۋىل شەھىرىدىكى ھامىلىدار فوتوگراف كېرىن مايىر 6 بوۋاق ئارقىلىق بىر يۈرۈش مەلىكىلەر سۈرىتى تارتقان بولۇپ، بۇ نۇرغۇن تورداشنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

     كېرىن مايىر داڭلىق فوتوگراف بولۇپ، ئۇ ئادەم پورترېتى خاتىرىلەشكە ماھىر، بۇ قېتىم ئۇ ئۇستا كىيىم لايىھەلىگۈچى تەكلىپ قىلىپ، بوۋاقلارغا مەلىكىلەر كۆينىكى تىكتۈرۈپ سۈرەتكە تارتقان.

     كېرىن زىيارەت قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئىنتايىن تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى، بالىلارغا ئامراقلىقىدىن پايدىلىنىپ مۇشۇ كەسپتە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بىراق بۇ نەتىجە بىلەنلا توختاپ قالماي، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېسىل سۈرەتلەرنى تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.