مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    ئەڭ بىمەنە كىنو

    رەنا2017-07-21 12:16:57
        ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تارىختىكى ئەڭ بىمەنە، ئۇزۇنلۇقى 8 سائەت كېلىدىغان، ئاستا ھەرىكەتلىك فىلىم «قوي ساناش» نىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى سېنتەبىردە لوندوندىكى چارلىز شاھزادە كىنوخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
        ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشقا ھېچقانداق ئارتىس قاتناشمىغان، فىلىمدە دىيالوگ ياكى ياندىن بايانمۇ يوق ئىكەن. فىلىم مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى بىلەم ھېسابلىشىپ كەتمەيدىكەن، پەقەت بۇ فىلىمنىڭ ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە ياردىمى تېگىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
        فىلىم ئىشلىگۈچى پېتېر فىرېدمان بۇ فىلىمنىڭ تارىختىكى ئەڭ بىمەنە فىلىممۇ ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىزمۇ شۇنداق دەپ قارايمىز، كۆرۈرمەنلەرنىڭمۇ شۇنداق ئويلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.