مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مودا ۋە ئېقىم

    «ئەنگلىيە ئەپەندىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن مېيىپ مودېل

    رەنا2017-07-18 16:10:11تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     
        يەر شارى تورى خەۋرى: «ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 14-ئىيۇل ئەنگلىيە دورسېت ئۆلكىسىنىڭ بورنېموئۇس كەنتىدىن كەلگەن بىر پۇتىدىن ئايرىلغان 28 ياشلىق ئەر مودېل جېك ئېيېرس 24 ماھىر ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك «ئەنگلىيە ئەپەندىسى» بولۇپ تاللانغان. مېيىپ بولسىمۇ، ئەمما ئىرادىسى كۈچلۈك جېك تېخىمۇ تىرىشىپ «دۇنيا ئەپەندىسى» شەرىپىگە ئېرىشىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەمدە ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەقىقىي ئىش-ئىزلىرى بىلەن مېيىپ ياشلارنى ئىلھاملاندۇرغان.
        جېك 16 ياشقا كىرگەندە تۇغما كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن ئوڭ پۇتىدىن ئايرىلغان. كېيىنكى بەش يىلدا جېك ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، مېيىپ كىشىلەرنىڭ مودا-ئېقىم ساھەسىدىكى ئۈلگىسى بولۇشنى ئويلىغان، ئۇ يەنە مىلان ۋە موسكۋا كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن 2012-يىللىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە سېرىك نومۇرى كۆرسەتكەن. 2015-يىلى ئۇ ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، نيۇيورك كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكىگە قاتناشقان تۇنجى مېيىپ مودېل بولغان.
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.