مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    137 يىلدىن بۇيان تۇغۇلغان تۇنجى قىز بوۋاق

    رەنا2017-07-10 12:40:10تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى ۋېل بىلەن كەيلۇن ئالدىنقى ئاينىڭ 25-كۈنى بىر قىز بالىلىق بولغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بوۋاق سېتتل جەمەتىدە 137 يىلدىن بۇيان تۇغۇلغان تۇنجى قىز بوۋاق ئىكەن.

     ئىگىلىنىشىچە، سېتتل جەمەتىدە 137 يىلدىن بۇيان پەقەت ئوغۇل بوۋاقلا تۇغۇلۇپ كەلگەن ئىكەن. ۋېل بىلەن كەيلۇن قىزىغا كارتېر لۇئىس سېتتل دەپ ئىسىم قويغان. ئۇلار كىچىك سېتتلنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇنلۇقى 7.3 مېتىر، كەڭلىكى 3.6 مېتىر كېلىدىغان ھال رەڭ لوزۇنكىغا بۇ خۇشاللىقىنى باستۇرۇپ، ئۆيى ئەتراپىدىكى يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولغا تىكلەپ قويغان ھەمدە بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كىچىك سېتتلنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى قۇتلۇقلىغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.