مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    رۇسىيەدىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك توي

    رەنا2017-07-06 16:27:02تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     
        يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا رۇسىيەلىك ھەددىدىن زىيادە پۇلدار ئىككى جەمەتنىڭ ۋارىسلىرى لولىتا ئوسمانوۋا بىلەن گاسپار ئاۋدوليان ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېستىكى دۇبى تىياتىرخانىسىدا ناھايىتى ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.
        كېلىنچەك لولىتا رۇسىيەدىكى ئېنېرگىيە ماگناتى ئېلدار ئوسمانوۋنىڭ قىزى بولۇپ، يىگىت گاسپار بولسا رۇسىيەلىك سودىگەر ئالبېرت ئادولياننىڭ ئوغلى ئىكەن. كېلىنچەك لولىتانىڭ توي كۆينىكىنى فىرانسىيەلىك لايىھەلىگۈچى زۇخائىر مۇراد لايىھەلىگەن بولۇپ، توي كۆينەكنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل ئالماس قويۇلغان ئىكەن.
        توي مۇراسىمىغا رۇسىيەدىكى داڭلىق زاتلار قاتنىشىپ، بۇ بىر جۈپ ياشقا بەخت تىلىگەن. داڭلىق ناخشا چولپىنى جاسون دېرۇلو، لېيدى گاگا، سىمفونىيە ئۆمىكى ۋە بالېت ئۆمىكىدىكى سەنئەتكارلار توي مۇراسىمىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن،  ئىگىلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ سەھنىگە چىقىش ھەققىلا 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 13 مىليون 600 مىڭ يۈەن) غا يەتكەن. پۈتۈن توي مۇراسىمىغا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 68 مىليون يۈەن) دىن ئارتۇق پۇل سەرپ قىلىنغان.
        بۇنداق ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى مېھمانلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. زىبۇ-زىننەت سودىگىرى لورېن رودكىن ھەيران بولغان ھالدا: «مەن زادى نەدە؟ رۇسىيەدىمۇ ياكى ئامېرىكىدىمۇ، ۋە ياكى تالانت سەھنىسىدىمۇ؟ مەن ھېچ بىلەلمىدىم» دېگەن. تاراتقۇلار بۇ توي مۇراسىمىنى باھالاپ: «بۇ توي مۇراسىمىغا ھەقىقەتەن پۇل <كۆيدۈرۈلگەن> بولۇپ، پەلەمپەيلەر گۈل بىلەن زىننەتلەنگەن، يەنە قۇلاققا ياقىدىغان كىلاسسىك مۇزىكىلار چېلىنغان. ئەگەر بۇنىڭدىنمۇ ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى بار دېيىلسە، ئۇ چوقۇم مارسىتا» دەپ خەۋەر بەرگەن.
     
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.