مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مودا ۋە ئېقىم

    مودېللىق ساھەسىدىكى «قارا مەرۋايىت»

    رەنا2017-07-05 16:25:42تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     
        يەر شارى تورى خەۋرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئىيۇلدىكى خەۋرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيەلىك قارا تەنلىك مودېل قىز تورداشلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. نۇرغۇن تورداش ئۇنى باربى قونچاققا ئوخشاتقان. ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭ ھەقىقىي ئادەم ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغان.
        17 ياش چېغىدا نىيداك ئاۋسترالىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مودېل تاللاش مۇسابىقىسىدە داڭق قازانغان. ئالدىنقى ھەپتە 21 ياشلىق نىيداك ئالاقە تورىغا يېقىندا چۈشكەن رەسىملىرىنى چىقارغان. سۈرەتتە ئۇ ئاق رەڭلىك قاپاق گىرىمى، ئۇزۇن كىرپىكى ۋە باربىلارغا خاس چىراي ئىپادىسى ئارقىلىق باربى قونچاققا ئەينەن ئوخشاپ قالغان.
        نىيداك ھازىر نيۇيوركتا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، مودېللىق ساھەسىدە ئۆز تالانتىنى نامايان قىلماقتا. نىيداك ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا قارىغاندا، قارا تەنلىك ئاياللارغا ياخشى ئۈلگە بولۇش تېخىمۇ مۇھىم ئىكەن.
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.