مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    800 كىلومېتىر يول يۈرۈپ قىز دوستىغا توي تەكلىپى قويغان يىگىت

    رەنا2017-07-03 16:20:28تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
        ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 29-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ كولورادو ئىشتاتى سىپرىڭس شەھىرىدىكى 23 ياشلىق ئەر مايكول بېكىر پىيادە 500 مىل (تەخمىنەن 805 كىلومېتىر) يول يۈرۈپ، يوتا ئىشتاتى پىروۋو شەھىرىگە بېرىپ، 20 ياشلىق قىز دوستى تىراسى ۋېسونغا توي تەكلىپى قويغان.
        بېكىر بىلەن تىراسى سەككىز يىل ئىلگىرى ناۋاجو كۆلىدە ساياھەتتە بولۇۋاتقاندا تونۇشۇپ قالغان. «500 مىل» ناملىق داڭلىق ئېنگلىزچە ناخشا بېكىرغا ئىلھام بەخش ئەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يوتا ئىشتاتىغا مېڭىپ بېرىپ، قىز دوستىغا توي تەكلىپى قويۇشنى قارار قىلغان.ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، بېكىر ئېگىز تاغلارغا يامىشىپ، ئېرىقلارنى كېچىپ ئۆتكەن، قارلىق تاغنىڭ قار-مۇزلىرىمۇ ئۇنىڭ تىراسىغا بولغان مۇھەببەت ئوتلىرىنى ئۆچۈرەلمىگەن. ۋىدىيوغا «500 مىل» دېگەن ناخشا ۋە ئامېرىكىلىق ناخشىچى تىرائىننىڭ «ماڭا ياتلىق بول» دېگەن ناخشىسى ماسلاشتۇرۇلغان. ۋىدىيونىڭ بېشىغا بېكىر مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ دۇنيادا سەن مېنىڭ بارلىقىم. سەن بولغاچقىلا مەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ۋە ئەڭ تەلەيلىك ئەر بولدۇم. مەيلى سەن قانداق ئويلا، بۇ كىشى دەل مەن».
        بۇ خىل توي تەكلىپىنى قويۇش ئۇسۇلى ئەلۋەتتە تىراسىنى ھاياجانلاندۇرغان. ئۇ خۇشاللىقىنى باسالمىغان ھالدا: «مەن ئۇنى كولورادودا دەپ ئويلىغان ئىدىم، ۋىدىيونى كۆرۈپ بولغاندا ئۇنىڭ ئارقىمدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى خۇددىي ئىشتات ھالقىغاندەك ھېس قىلدىم» دېدى.
        شۇنداق قىلىپ، بېكىرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا تىراسى ئۇنىڭ توي تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر جۈپ ياش 18-ئاۋغۇست بېكىرنىڭ يۇرتىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن.
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.