مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مودا ۋە ئېقىم

    «شىمپەنزىلەر غەليانى 3 : ئەڭ ئاخىرقى جەڭ» نىڭ تەشۋىقات فىلىمى تارقىتىلدى

    رەنا2017-07-03 13:08:51تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     
        20-ئەسىر فوكس شىركىتىنىڭ يىللىق چوڭ ئەسىرى «شىمپەنزىلەر غەليانى 3: ئەڭ ئاخىرقى جەڭ»نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئاشكارىلاندى. فىلىمدە قەيسەر قايتارما ھۇجۇم سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. سەپەردە ئىنسانلارنىڭ ئاياغ ئىزلىرى شىۋىرغانلىق قاردا يوقاپ كېتىدۇ. شىمپەنزىلەر ئېلېكتىر دولقۇنى مۇنارىغا يامىشىپ چىقىپ، ئىنسانلارنىڭ ئورنىنى ئىزدەشكە ئۇرۇنىدۇ. «سىرلىق ئادەم» قەيسەرنىڭ ئېتىغا ئارتىلغان بوغچىنى ئېلىپ قاچىدۇ. قولىغا قورال ئالغان قەيسەر ئىز قوغلاپ ئۆڭكۈرگە كىرىپ، «سىرلىق ئادەم»نىڭ ئەسلىدە يېڭى نەسىللىك شىمپەنزە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ شىمپەنزىنىڭ ئىسمى «ئەسكى شىمپەنزە» بولۇپ، ئۇ قەيسەرگە ئوخشاش گەپ قىلالايدۇ، ئۇ ئىلگىرى ھايۋاناتلار باغچىسىدا ياشاپ كەلگەن بولۇپ، قەيسەرنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن. «ئەسكى شىمپەنزە» قەيسەرگە كولونېل پولكونىك باشچىلىقىدىكى ئىنسانلار گازارمىسىنىڭ ئورنىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قايتارما ھۇجۇم باشلىنىدۇ.
        «شىمپەنزىلەر غەليانى 3: ئەڭ ئاخىرقى جەڭ» فىلىمىگە مات رېۋېس رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، ئاندى سېركىس، ۋودى خاررېلسون، كارىن كونوۋال قاتارلىق چولپانلار بۇ فىلىمدە باش رولغا چىققان. رېژىسسور مات رېۋېسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بۆلۈم بۇ بىر يۈرۈش فىلىم ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر بۆلۈم ئىكەن. بۇ بۆلۈمدە قەيسەر كوبانىڭ ئۆلىمى ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەيدىكەن.
        «شىمپەنزىلەر غەليانى 3: ئەڭ ئاخىرقى جەڭ» فىلىمى 2017-يىل 14-ئىيۇل شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلىدىكەن، جۇڭگودىمۇ بىر ۋاقىتتا قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.