مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    بۇلۇتلارنىڭ رەڭگى نېمە ئۈچۈن ھەر خىل بولىدۇ؟

    مەۋلۇدە2017-06-27 16:06:27شىنجاڭ گېزىتى

    ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

     بۇلۇتلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ رەڭگى پاختىدەك ئاق، بەزىلىرى قاپقارا، بەزىلىرىنىڭ رەڭگى بەكلا تۇتۇق بولىدۇ، يەنە بەزىلىرى قىزىل ۋە سۆسۈن نۇر تارقىتىدۇ، ئۇنداقتا بۇ ھەر خىل رەڭلىك بۇلۇتلار زادى قانداق شەكىللىنىدۇ؟

     بىز كۆرۈپ تۇرىدىغان بۇلۇتلارنىڭ نېپىز – قېلىنلىقىدا پەرق بار، قېلىنلىرى يەتتە، سەككىز كىلومېتىر، نېپىزلىرى ئاران نەچچە ئون مېتىرلا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بوشلۇقنى قاپلاپ تۇرىدىغان قاتسىمان بۇلۇت، يېگانە توپسىمان بۇلۇت ۋە دولقۇنسىمان بۇلۇت قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلىرى بار. قېلىن بولغان قاتسىمان بۇلۇت ۋە يامغۇرلۇق بۇلۇتقا ئاينىڭ نۇر سىزىقى تەستە ئۆتكەچكە، قارا كۆرۈنىدۇ؛ بىر قەدەر نېپىز بولغان قاتسىمان بۇلۇت ۋە دولقۇنسىمان بۇلۇت كۈل رەڭ كۆرۈنىدۇ، بولۇپمۇ دولقۇنسىمان بۇلۇت پارچىلىرىنىڭ گىرۋەك قىسمى كۆكۈچ كۆرۈنىدۇ؛ نېپىز بۇلۇتقا نۇر سىزىقى ئاسان ئۆتۈشىدۇ، بولۇپمۇ مۇز كىرىستاللىرىدىن تەشكىللەنگەن نېپىز بۇلۇتلار قۇياش نۇرىدا جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. ھاۋا بوشلۇقىدا بۇ خىل قاتسىمان بۇلۇتلار بولغانلىقتىن، يەر يۈزىدىكى جىسىملارغا قۇياش بىلەن ئاي يورۇقىنىڭ شولىسى چۈشىدۇ. بەزى بۇلۇتلارنىڭ نېپىزلىكىدىن پەرق ئەتكىلىمۇ بولمايدۇ، لېكىن كۈن ۋە ئاينىڭ ئەتراپىدا نۇر ھالقىسى پەيدا بولغاندىلا، ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. بۇ خىل بۇلۇت ‹‹نېپىز پەردىلىك بۇجغۇر قات بۇلۇت›› دەپ ئاتىلىدۇ. يېگانە توپسىمان بۇلۇتنىڭ بۇلۇت قېتى بىر قەدەر قېلىن بولغانلىقتىن، قۇياشقا يۈزلىنىپ تۇرغان تەرىپىنىڭ ھەممىسىلا نۇر قايتۇرىدىغان بولغاچقا، ئاق كۆرۈنىدۇ؛ ئەكسىچە ئۇنىڭ كەينى تەرىپى شۇنداقلا تۆۋەن قىسمى نۇر قايتۇرالمىغانلىقتىن، بىرئاز كۈل رەڭگە مايىل قارا كۆرۈنىدۇ.

     كۈن چىققاندا ۋە پاتقاندا، قۇياش نۇرى يانتۇ چۈشكەنلىكتىن ئاتموسفېرا قەۋىتى ھاۋا مولېكۇلاسى، سۇ ھورى ۋە ئارىلاشما ماددىلاردىن ئۆتۈپ، نۇرنىڭ قىسقا دولقۇن قىسمىنى كۆپلەپ چېچىلدۇرىدۇ. ئەكسىچە قىزىل ۋە قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئۇزۇن دولقۇنلۇق قىسمى كۆپ نۇر چاچالمىغانلىقتىن، ئاتموسفېرانىڭ تۆۋەن قاتلىمىغا چۈشكەن ۋاقىتتا، ئۇزۇن دولقۇنلۇق نۇر بولۇپمۇ قىزىل نۇر كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان ۋاقىتتىكى بوشلۇقنىڭ رەڭگى قىزىل بولغاچقا، ئۇنىڭ نۇرى چۈشكەن بۇلۇت قاتلاملىرىنىڭ تۆۋەن قىسمى ۋە چېگراسىمۇ قىزىل رەڭگە كىرىدۇ. بەزى بۇلۇتلار سۇ تامچىلىرىدىن، بەزى بۇلۇتلار مۇز كىرىستاللىرىدىن، بەزىلىرى بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللىنىدىغان بولغاچقا، بۇلۇتلار كۈن ۋە ئاينىڭ نۇرى چۈشكەندە خىلمۇخىل نۇر ھالقىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.