مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    باينىڭ قىزى 500 مىڭ تال خرۇستال قويۇلغان توي كۆڭلىكى ئارقىلق نىكاھىغا بەخت تىلىدى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-06-22 11:52:34تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئاۋسترىيەنىڭ «سىۋاروۋىسكى» ناملىق خرۇستالى دۇنياغا داڭلىق. شياڭگاڭ شەرق تورىنىڭ 21-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ماركىنىڭ خوجايىنىنىڭ قىزى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئىتالىيەدە ناھايىتى داغدۇغىلىق توي قىلغان. كېلىنچەكنىڭ توي كۆڭلىكىگە 500 مىڭ دانە خرۇستال قويۇلغان بولۇپ، كىيىمنىڭ ئېغىرلىقى 46 كىلوگرامغا يەتكەن، بۇ خرۇستاللار 700 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 6 مىليون 30 مىڭ يۈەن) غا يارايدىكەن.

       خەۋەر قىلىنىشىچە، كېلىنچەك ۋىكتورىيە سىۋاروۋىسكى ناخشىچى بولۇپ، بۇ يىل 23 ياشقا كىرىگەن. يىگىت بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن بولۇپ، مەبلەغ سېلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بۇ ئىككىيلەن يەتتە يىل مۇھەببەتلەشكەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئۇدا ئۈچ كۈن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.