مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    ھاۋايدىكى ھەرىكەتتىكى يانار تاغ يېنىغا سېلىنغان كىچىك ئۆي

    زۆھرە تۇرسۇن2017-06-16 15:31:12تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     يەرشارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 14-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ھاۋايدىكى دۇنيادىكى ئەڭ ھەرىكەتچان يانار تاغ يېنىغا سېلىنغان «سۇمرۇغ ئۆيى» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

     بۇ ئالاھىدە ئۆينىڭ كۆلىمى 41.8 كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، موئېرنېر رويا يانار تېغىغا 6.4 كىلومېتىر كېلىدىكەن. 1843-يىلىدىن باشلاپ، بۇ يانار تاغ 33 قېتىم پارتلىغان بولۇپ، ئەڭ يېقىنقى پارتلىغان ۋاقتى 1984-يىلى ئىكەن. «سۇمرۇغ ئۆيى» نىڭ ئورنى خەتەرلىك جايدا بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولمايدىكەن، ئەمما ئۆي ئىگىسى جەدنىڭ ئېيتىشىچە، ساياھەتچىلەر پەقەت 850 يۈەن خەجلىسىلا شۇ ئۆيدە بىر كېچە قونۇپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن.

     ئىككى قەۋەت قىلىپ لايىھەلەنگەن بۇ ئۆينىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، ئىچىدە ھۇجرا، مېھمانخانا ۋە مونچا بولغاندىن سىرىت، يەنە قەھۋە ماشىنىسى، تاماق ئۈستىلى، ئوچاق ۋە توڭلاتقۇ قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. دېرىزە ئالدىدا تۇرغاندا ئىس چىقىپ تۇرغان يانار تاغ، دولقۇنلاۋاتقان دېڭىز، چەك-چېگراسىز لاۋا يەرلەر تەبىئەتنىڭ گۈزەل لاتاپىتىنى نامايان قىلىدىكەن.

     جەد تۇرمۇش نىشانى توغرىسىدا ئىككىلەنگەن، تىنچ مۇھىتتا كەلگۈسى توغرىسىدا ئويلانماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ «سۇمرۇغ ئۆيى» گە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.