مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    يېڭى قاشتېشى ناخشا–ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ سەرخىل نومۇرلىرى پوسكام دېھقانلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى

    ئامانگۈل2017-06-13 11:45:02شىنجاڭ گېزىتى

      تۇرسۇن راھمان خەۋەر قىلىدۇ: پوسكام ناھىيەسىنىڭ كۈيباغ يېزىسى كۈيباغ كەنتى قورۇسى 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئادەتتىن تاشقىرى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، بۇ يەردە خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا – ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان ئويۇن قويۇش پائالىيىتى بىلەن پوسكام ناھىيەسىگە كەلگەندىن بۇيانقى ئاخىرقى بىر مەيدان ھال سوراش ئويۇنىنى قويۇۋاتاتتى. ئويۇن چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ ئۇسسۇل ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئاساسىي تېمىسىدىكى ئۇسسۇل بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئويۇن كۆرۈشكە كەلگەن 1000 دىن ئارتۇق دېھقان – چارۋىچىنىڭ قەلب تارىنى چېكىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىشىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى.

     ئۇقۇشىمچە، خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا – ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن 6 – ئاينىڭ باشلىرىغىچە پوسكام ناھىيەسىدىكى 16 يېزا – بازار ۋە چەت – يىراق كەنت، مەھەللىلەردە 20 نەچچە مەيدان قويۇلۇپ، ھەرمىللەت دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.