مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىمىز

    ئامانگۈل2017-06-12 15:56:33شىنجاڭ گېزىتى

     سارغايدى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى ئەل ئىچى تەنتەربىيە تۈرى بولۇپ، ‹‹چاقپەلەك››دەپ ئاتىلىدۇ. سارغايدى ئىلەڭگۈچ ئۇچۇشتىن تەرەققىي قىلغان. قەدىمدىن تارتىپلا، ھەرقېتىملىق ھېيت – بايرام كۈنلىرى يېتىپ كەلگەندە ياكى دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال ۋاقىتلىرىدا بۇ خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن. سارغايدى يوغان خادىغا ياغاچ چاق، چاق تۇتقۇچنى ئارغامچا بىلەن باغلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. 15 – 20 مېتىر ئېگىزلىكتىكى خادا يەرگە تىك ئورنىتىلىپ، چاق تۇتقۇچ خادىنىڭ ئاستى قىسمىغا كىرگۈزۈلۈپ، خادىنىڭ ئۇچىغا بېكىتىلىدۇ. تۇتقۇچ ئارقىلىق چاقنى ئايلاندۇرۇشقا ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن، چاق بىلەن خادىنىڭ ئاستى قىسمىغا كىرگۈزۈلگەن تۇتقۇچ، ئارغامچا بىلەن چېتىلىدۇ. چاقنىڭ ئىككى تەرىپىگە، ئوتتۇرىغا ئادەم دەسسەپ تۇرغىدەك تاختاي بېكىتىلگەن ئىككى ئارغامچا باغلىنىدۇ. ئويۇن باشلانغاندا تۆتتىن ئىككى گۇرۇپپا بولغان يىگىتلەر سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشى بويىچە ئوڭ تەرەپكە ئىتتىرىپ ئايلاندۇرۇپ، چاقنى پىرقىرتىدۇ ۋە چاقتىكى ئىلەڭگۈچكە چىققانلارمۇ چاق بىلەن تەڭ پىرقىراپ ئۇچىدۇ. چاق قانچە تېز ئايلانسا ئىلەڭگۈچتىكىلەرمۇ شۇنچە ئېگىزگە ئۆرلەپ ئۇچىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ياڭراق ناغرا – سۇناي ئاۋازى بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىۋاتقان ئادەملەرگە جور بولۇپ، كۆككە ياڭراپ ئالاھىدە ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىدۇ. ئوينىغۇچىلار نۆۋەت بىلەن ئۇچۇپ، چەكسىز شادلىققا چۆمىدۇ. ئەل ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇنداق سارغايدى پائالىيەتلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق قائىدە، تەرتىپى بولۇپ، بۇنى يىگىتلەر سايلاپ چىققان يىگىت بېشى باشقۇرىدۇ. ئەگەر بەزىلىرى مەدەنىيەتسىز قىلىقلارنى قىلىپ، سورۇننىڭ تەرتىپىنى بۇزغان بولسا، يىگىت بېشى ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ ياكى كۆپچىلىكنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇنى جازالايدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرى سورۇندىن ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ.

     پاپۇز: ئادەم سانى تەڭ بولغان ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىر گۇرۇپپىدا ئادەتتە يەتتىدىن توققۇزغىچە ئادەم بولىدۇ. مۇسابىقە ئورنىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، ئادەم سانىغا ياكى يەر شەكلىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئالدى بىلەن سورۇننىڭ ئەڭ چەت سىزىقىنى بېكىتىپ، ئۇ يەرگە ئىككى نەرسىنى بەلگە قىلىپ دەرۋازە قىلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەزالىرى ئۇزۇنلۇقى 80 سانتىمېتىر، بىر ئۇچى 15 – 20 سانتىمېتىرغىچە ئىگىلگەن پاپۇز تايىقىنى قولىغا ئالىدۇ. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا چوڭلۇقى 20سانتىمېتىر كېلىدىغان كىچىك چەمبەر سىزىلىپ توپ باشلاش ئورنى قىلىنىدۇ. مۇسابىقىنى باشلاشتا قاتتىق ياغاچتىن ياسالغان يۇمىلاق پاپۇز توپى مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چەمبەر ئىچىگە قويۇلۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى توپ تالىشىپ، توپ چەمبەردىن ئۇرۇپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئۇنى بەس – بەس بىلەن تالىشىپ، توپنى قارشى تەرەپنىڭ دەرۋازىسىغا ھەيدەپ ئاپىرىپ كىرگۈزۈشكە تىرىشىدۇ، غەلىبە قازىنىش ياكى ئۇتتۇرۇش دەرۋازىغا كىرگەن توپ سانىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپ تەڭ چىقىپ قالسا، مۇسابىقە ۋاقتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ. مۇسابىقە ۋاقتىدا، ئىككى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ توپنى بەدىنى بىلەن توسۇشىغا، قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ ھەرقانداق يېرىگە ئۇرۇشىغا بولمايدۇ. تاياقنى توپ ئۇرۇش ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئېگىزلىك بەلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇ ئويۇن ھەرىكەت مىقدارى زور، تىركىشىش كەسكىن، قىزىقارلىق بولۇشى بىلەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئالاھىدە ئەۋج ئالغان.

     ئودىكام ئويۇنى: ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. ئودىكام ئويۇنىغا ئادەتتە ئۈچتىن سەككىزگىچە ئادەم قاتنىشىدۇ. ئويۇننى باشلاشتىن ئىلگىرى تۈز يەرگە چوڭلۇقى ئىككى مېتىر كېلىدىغان چەمبەر سىزىلىپ، چەمبەر گىرۋىكىگە قاتناشقان ئادەم سانىغا قاراپ كىچىك ئورەك، چەمبەرنىڭ مەركىزىگە چوڭراق ئورەك كولىنىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى بىردىن ئازگالنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ، ئورەككە ئون سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر كىچىك تاياقچە قويۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرىدا تۇرىدىغان ئادەم ئۇنى ئېلىپ، چەمبەر گىرۋىكىدىكى ئورەكلەرگە چۈشۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئەمما، گىرۋەكتىكى ئورەك يېنىدا تۇرغانلار قولىدىكى تاياق بىلەن ئۇنى نېرىغا ئىتتىرىپ كىرگۈزمەي، ئۆز ئورىسىنى قوغدايدۇ. ئەگەر كىچىك تاياقچە ئورىغا چۈشۈرۈۋېتىلسە، ئورىنى قوغداپ تۇرغان ئادەم چەمبەر ئوتتۇرىسىدىكى ئورەككە بېرىپ، تاياق بىلەن كىچىك تاياقچىنى يېڭىباشتىن ئېلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئويۇن ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ چاققانلىقى ۋە نىشانىنى ئېنىق مۆلچەرلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە مەلۇم رول ئوينايدۇ.

    <<شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيەسى>> دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.