مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    تۇنجى كەنت دەرىجىلىك مۇزېي

    ئامانگۈل2017-06-12 15:31:47شىنجاڭ گېزىتى

      لى لى، بارشا تېگىس

     قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى تۆگىچى كەنتىدە قىرغىز ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتى مۇزېيى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى كەنت دەرىجىلىك مۇزېيدۇر. بىز يېقىندا تۆگىچى كەنتىگە بېرىپ، بۇ مۇزېينى زىيارەت قىلدۇق.

     مۇزېينىڭ سىرتقى شەكلى قىرغىزلارنىڭ ئاق ئۆيى، قالپىقىنى ئاساسىي لايىھە ئامىلى قىلغان بولۇپ، سىلىندىر شەكىللىك قۇرۇلۇشنىڭ ئۈستۈنكى سىرتقى ئايلانمىسىغا قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېشىل گۈللۈك نەقىشلىرى ئويۇلغان، بىنانىڭ ئۈستىدە يەنە يېرىم يۇمىلاق شەكىللىك ئاق گۈمبەز بولۇپ، ئۇنىڭغا قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىزىل گۈللۈك نەقىشلىرى ئويۇلغان.

     قىرغىزلار ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر سەنئىتى تەرەققىي قىلغان مىللەت بولۇپ، بۇ مۇزېيغا قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئاق ئۆي بۇيۇملىرى، قوي تېرىسىدىن ياسالغان بۇيۇملار، يۇڭ توقۇلما بۇيۇملىرى، رەخت توقۇش بۇيۇملىرى، ئىلمە توقۇلما بۇيۇملىرى، زىننەت بۇيۇملىرى، ياغاچ بۇيۇملار، مىس بۇيۇملار، فارفۇر بۇيۇملار، ھەرخىل ئات جابدۇقلىرى، بۈركۈت كۆندۈرۈش ئەسۋابلىرى، ئوۋ ئوۋلاش ئەسۋابلىرى، مۈڭگۈز بۇيۇم قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قويۇلغان.

     مۇزېيدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى سەمەت سىيىت ئىئانە قىلغان. سەمەت سىيىت بۇ يىل 39 ياشتا بولۇپ، مەزكۇر مۇزېينىڭ باشلىقى. ئۇ دەسلەپ ئوقۇتقۇچى بولغان، كېيىن مەخسۇس يىغىپ ساقلىغۇچى بولغان، يىغىپ ساقلاش ئۈچۈن نۇرغۇن جايغا بارغان. ئۇ بىرەر جايدا قىرغىزلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بارلىقىنى ئاڭلاپ قالسىلا، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ياكى موتوسىكلىت مىنىپ بېرىپ سېتىۋالغان.

     سەمەت سىيىت دەسلەپتە تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن يىغىپ ساقلىغان. 1996–يىلى بىر ياپونىيەلىك مېھمان سەمەت سىيىت 50 يۈەنگە سېتىۋالغان قىرغىزلارنىڭ ئۇزۇن ئىلمە توقۇلما بۇيۇمىنى 3500 يۈەنگە سېتىۋالغان. ئون نەچچە يىل يىغىپ ساقلاش ئارقىلىق، نۇرغۇن بۇيۇمغا ئېرىشكەن سەمەت سىيىت ئىختىيارسىز ئويلىنىپ قالىدۇ: بۇ مىللىي ئۆرپ – ئادەت بۇيۇملىرى نېمىشقا شۇنچە پۇلغا يارايدۇ؟ قىرغىزلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا چەت ئەللىكلەر شۇنچە ئەھمىيەت بېرىۋاتسا، ئۆزىمىزمۇ مىللىتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشىمىز كېرەكمۇ قانداق؟ ئۇنىڭ بۇ ئويى ئاخىر ئەمەلگە ئاشتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ 3 – تۈركۈمدىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 7–گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە، 2016 –يىلى 11 –ئايدا ئومۇمىي كۆلىمى 6000 كىۋادرات مېتىر، ئاساسىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 500 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ قىرغىز مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيەت مۇزېيى پۈتتى. سەمەت سىيىت ئۆزى يىغىپ ساقلىغان 500دىن ئارتۇق بۇيۇمنى ئىئانە قىلدى ھەم مۇزېي باشلىقى بولدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پاڭ پاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇزېينىڭ قۇرۇلۇشىغا 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، قومۇل مۇزېيىدىكى مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىنىپ، مۇزېي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىنىپ رويخەتكە ئېلىندى. ھازىر تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە بۇيۇمىدىن 512 سى بار. مۇزېيغا قىرغىز تۇرمۇش بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونى، چالغۇلار كۆرگەزمە رايونى، كىيىم – كېچەك كۆرگەزمە رايونى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى كۆرگەزمە رايونى، ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەت كۆرگەزمە رايونىدىن ئىبارەت بەش كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىندى. مۇزېينى مەركەز قىلىپ يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەيدانى قۇرۇلدى، مەيداندا پۇقرالار سەھنىسى، قىرغىزلارنىڭ مىللىي قەھرىمانى ماناسنىڭ ھەيكىلى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك – ئىچمەك دۇكىنى قاتارلىقلار بار.

     سەمەت سىيىت پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېيغا قويۇلسا ئەلۋەتتە ئۆيدە ساقلىغانغا قارىغاندا ياخشى. بۇ، مېنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەمگەك مېۋەمنىڭ نەتىجىسى، يەنە بۇ ئارقىلىق باشقىلارغا قىرغىزلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بۇ مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.