مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    ئەنگلىيەدىكى بىر كەنتكە ھەرىلەر بۆسۈپ كىردى

    رەنا2017-05-27 13:34:33تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     
     يەرشارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 25-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ خېرتفوردتىكى بىشوپىس سىتورتفود كەنتى ھەرىلەرنىڭ ھۇجۇمىغان ئۇچرىغان. كۈرمىڭلىغان ھەرە بۇ كەنتنى قاپلىۋالغان. بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن ئادەملەر ئۆزىنى دالدىغا ئالغان. دۇكانلار ئىشىكلىرىنى چىڭ تاقىغان. شوپۇرلار دېرىزىلىرىنى چىڭ تاقاپ، ئاپتوموبىلنى ھەيدەشتىن توختىغان.

     ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ھەرىلەر ھۇجۇمى مىسلىسىز بولغان. يەرلىك ساقچىلار بۇ سان-ساناقسىز ھەرىلەر بىلەن «جەڭ قىلىش»قا تەييار بولغان. ھەرە مۇتەخەسسىسلىرى ئىمارەت ئىچىگە كىرىۋالغان ھەرىلەرنى بىر تەرەپ قىلغان.
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.