مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئاجايىپ _ غارايىپ

    13 ھەپتىلىك بوۋاق گەپ قىلدى

    رەنا2017-05-24 15:43:50تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
        يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 22-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا شوتلاندىيەدىكى بىر ئانا بىلەن قىزنىڭ ۋىدىيوسى كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. ۋىدىيودا ئەمدىلا 13 ھەپتىلىك (3 ئاي بىر ھەپتىلىك) بولغان ئېللې رېد ئاپىسىنىڭ ئېنگلىز تىلىدا «مەن سېنى سۆيىمەن» دېگىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قايتىلاپ «مەن سېنى سۆيىمەن» دېگەن.
        بۇ ئاڭلاشتا ھەرگىزمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، چۈنكى بوۋاقلار ئادەتتە 12 ئايدىن 18 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا گەپ قىلىشنى ئۆگىنىدۇ، يەنە كېلىپ ئەڭ ئاددىي سۆزلەرنى، يەنى «ئاپا»، «دادا» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلالايدىغان بولىدۇ. ئېللې ھەقىقەتەن مۆجىزە ياراتقان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.