مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مودا ۋە ئېقىم

     يەر شارى بويىچە ئويۇن قويۇشقا ئەڭ ماھىر سېرىك ئۆمىكى تاقالدى

    رەنا2017-05-22 13:23:37تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
    شۇ يەر ۋاقتى 21-ماي، ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق سېرىك ئۆمىكى لىنلىن نيۇيوركتىكى ئۇزۇن ئارالدا ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان ئويۇنىنى ئاخىرلاشتۇردى.
     ھايۋاناتلار ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك تالاش-تارتىش، شۇنداقلا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئازلاپ كېتىشى سەۋەبلىك قۇرۇلغىنىغا 146 يىل بولغان «يەرشارى بويىچە ئويۇن قويۇشقا ئەڭ ماھىر» بۇ سېرىك ئۆمىكى مەڭگۈلۈك تاقالدى.
     ئامېرىكا لىنلىن سېرىك ئۆمىكى، كانادا قۇياش سېرىك ئۆمىكى، ئامېرىكا چوڭ ئالما سېرىك ئۆمىكى دۇنيا بويىچە ئۈچ چوڭ سېرىك ئۆمىكى بولۇپ، بۇلار كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇللىرى بەكمۇ ئاز بولغان شۇ يىللاردا كۈرمىڭلىغان ئامېرىكىلىقلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلغان. ئۇ مەزگىللەردە نۇرغۇن ئامېرىكىلىق ئۈچۈن ئېيتقاندا، سېرىك ئويۇنى كۆرۈش ئائىلە بويىچە كۆڭۈل ئېچىشتىكى ئالدىن تاللاش ئىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.