مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    ‹‹تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى››، ياڭرىدى خەلقنىڭ قەلب ناۋاسى

    مەۋلۇدە2017-05-17 16:26:30شىنجاڭ گېزىتى

       مۇيەسسەر ئاباھامىت

      تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن 2017 – يىلىدىكى نۇقتىلىق فىلىم ‹‹تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى››دا شىنجاڭ خەلقىنىڭ مەردانە، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتى، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشلىرى ئىپادىلىنىپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى يىپ ئۇچى قىلىنغان، ئايگۈل ئىسىملىك بىر قىزنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسىغا يەتكەنلىكىدەك تەسىرلىك ھېكايە ئاساسىدا ئىشلەنگەن بۇ فىلىمدە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەر بىلەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئارزۇ – ئارمىنى ۋە قەلب ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

        ئەمەلىي پاكىتلار فىلىمگە ‹‹خېمىرتۇرۇچ›› بولدى

        تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى بۇ فىلىمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمى ئىجادىيەت كوللېكتىپىنى مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەشكە ئاجراتتى. بۇ گۇرۇپپا 2015 – يىلى 9 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر باش تېما قىلىنغان بۇ فىلىمگە تۇتۇش قىلدى. تېما بەك چوڭ، چېتىلىدىغان ئادەم ۋە ئىشلار بەك كۆپ بولغاچقا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ خىزمىتىنى كەڭ دائىرىدە تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتۇردى.

        رېژىسسور شىرزات ياقۇپ بىلەن سېنارىست لى مۇشى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنتلەرگە بېرىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈش داۋامىدا نۇرغۇن تەسىرلىك ۋەقەنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ، چوڭقۇر تەسىرلەندى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىگە ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ خام ماتېرىيالغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار ھەر كۈنى گېزىتلەردىن، توردىن ماتېرىيال يىغدى. بىر كۈنى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىن يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسى ناغراچالدى كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىش – ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن ‹‹ناغرا ساداسى ياڭرىغان جاي›› دېگەن خەۋەر ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىجادىيەت كوللېكتىپى ‹‹ناغرا››نى ئاساسىي تېمىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتە قىلىپ تاللاشنى لايىق تاپتى. ئىجادىيەت كوللېكتىپى يەنە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ئۇسسۇل فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى مېھرىگۈل ئەمەتنىڭ ئەينى يىللاردا چەت ئەلدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يىراق يېزىسىدىكى تۇرسۇنگۈل ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسى توغرىسىدا ئۇنىڭغا خەت يازغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر مېھرىگۈل ئەمەت ساقلاپ كەلگەن تۇرسۇنگۈلنىڭ بىر نەچچە پارچە خېتى ۋە سىزغان رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەندى.

        مېھرىگۈل ئەمەت بۇ قىزنىڭ ئارزۇسىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنى ئىزدىگەن، ئەمما ئادرېس ئېنىق بولمىغاچقا، ئۇ قىزنى تاپالمىغانىدى. بۇ جەرياندا ئۇ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، گۈزەل ئارزۇلىرىدىن ۋاز كەچكەن نۇرغۇن قىزنى ئۇچراتقانىدى. بۇ ۋەقەلىكلەر ئىجادىيەت كوللېكتىپىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، بۇنىمۇ فىلىمگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

        ‹‹ناغرا ساداسى›› قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى

        ‹‹تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى›› فىلىمىدە بىر پېرسوناژنىڭ تەقدىرى ئارقىلىق بىر پۈتۈن دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ئېچىپ بېرىلدى، فىلىمدە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن چېلىنمىغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان ‹‹ناغرا››نىڭ قايتىدىن چېلىنغانلىقىدەك ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئۈن – تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

        رېژىسسور بولۇش سۈپىتىم بىلەن فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، نۇرغۇن قېتىم كۆز يېشىمنى توختىتالماي قالدىم، دېدى شىرزات ياقۇپ. سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا فىلىمگە قاتناشقان ئامما 2000 گە يەتتى، نۇرغۇن كىشى فىلىمنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى تەسىرلەندۈرۈشىنى، ئاساسىي قاتلامدا ‹‹ناغرا ساداسى››نىڭ تېخىمۇ ياڭراپ، ئاممىنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

        فىلىمدىكى ۋەقەلىك ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەچكە، ئارتىسلار ۋە ئامما فىلىمنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتۇق. ئەسەبىي ئىدىيەگە بولغان غەزەپ – نەپرىتىمىزنى فىلىم ئارقىلىق نامايان قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت قىسقا، خىزمەت جاپالىق بولسىمۇ، ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا تىرىشتۇق. بۇ فىلىمنىڭ ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمىگە ئوخشاشلا تەسىرلىك فىلىم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دېدى ئايگۈلنىڭ دادىسىنىڭ رولىنى ئالغان ئابدۇكېرىم ئابلىز، مەن بۇرۇن كومېدىيەلىك فىلىملەردە كۆپ رول ئالغان، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم جىمىغۇر، ئىچى كۈچلۈك بىر ئادەمنىڭ رولىغا چىقىشىم، بۇ ئوبرازنىمۇ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

        فىلىمگە يۇقىرى باھا بېرىلدى

        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى غەيرەت ئاسىم مۇنداق دېدى: ‹‹تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى›› فىلىمىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق، بىز بۇ فىلىم توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتۇق، مۇتەخەسسىسلەر فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ئوخشاش بولمىغان 12 نۇقتىدىن باھا بەردى. بۇ فىلىمدە خىزمەت ئەترىتىدىكى يولداشلارنىڭ كەنتلەردە قانداق ئىشلەۋاتقانلىقى، قانداق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى، يەنە قانداق ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇستىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. بۇ فىلىمدە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ خەلققە قىلىپ بەرگەن ئەمەلىي ئىشلىرىمۇ ناھايىتى چىن ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. فىلىمدە ۋەقەلىك چىن، ھەقىقىي، تۇرمۇشقا يېقىن، تەبىئىي، ئاكتىيورلارمۇ پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ھەقىقىي ئىپادىلىيەلىگەن، كىيىم – كېچەكلەر ۋە مۇھىت ناھايىتى ياخشى تاللانغان، فىلىمنىڭ بەدىئىيلىكىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى، كۆرۈنۈشلىرى تەبىئىي، گۈزەل، يەرلىك پۇراق ناھايىتى قويۇق.

        ‹‹شىنجاڭ سەنئىتى›› ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى قاھار نىياز مۇنداق دېدى: بۇ فىلىمدە ئاساسىي مېلودىيە يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىشلىنىۋاتقان ئەمەلىي خىزمەتلەر ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار تەسىرلىك، ئوبرازلىق، يىغىنچاق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مېنىڭچە بۇ فىلىمنىڭ خەلقنى يېتەكلەش، تەربىيەلەش، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىشتا رولى چوڭ.

        كىنو – تېلېۋىزىيە ئوبزورچىسى مەھمۇدجان سىدىق مۇنداق دېدى: بۇ فىلىم شىنجاڭدا يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان مەزمۇن، ئۇسلۇب، رول ئېلىش، تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش جەھەتلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەنگەن نادىر فىلىم. فىلىمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېجىل – ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقى، ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلىرىمىزنىڭ خەلق ئۈچۈن ئىشلەش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتەك بۈيۈك ئارماننى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئامما بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاۋاتقانلىقىدەك جاپالىق ئىش – ئىزلىرى يارقىن ئىپادىلەنگەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرى، تەبىئىي مەنزىرىلىرى، يەرلىك ئالاھىدىلىكى، ئەدەبىيات – سەنئەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكلىرى ئەپچىللىك بىلەن كىنوغا كىرگۈزۈلۈپ، فىلىمنىڭ جەلپكارلىقى ئاشۇرۇلغان.

        بېيجىڭ شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1 – يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇنىسە كېرەم مۇنداق دېدى: ئارتىسلار رولنى ناھايىتى ياخشى ئاپتۇ، فىلىم بەك تەسىرلىككەن، كۆرۈۋېتىپ نەچچە قېتىم يىغلىۋەتتىم. ئايگۈلنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيالمىغانلىقى، ئۇسسۇل ئوينىيالمىغانلىقى، چىرايلىق كۆڭلىكىنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەندە ئىنتايىن بىئارام بولدۇم. ئايگۈل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىزدەك پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقانلار ئىنتايىن بەختلىك ئىكەنمىز.

        شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مۇختەر ياسىن مۇنداق دېدى: كىنودىكى كۆرۈنۈشلەر ماڭا كەنتتە تۇرغان كۈنلىرىمنى ئەسلەتتى. كۆپچىلىكنىڭ بۇ فىلىم ئارقىلىق شىنجاڭنى، شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.