مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    جاھان يېڭىلىقلىرى

    قالتىس ماشىنا ئادەملەر

    ئامانگۈل2017-05-16 13:26:45شىنجاڭ گېزىتى

    1.سۈت ساغقۇچى ماشىنا ئادەم

     كامبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىيىر فېرمىسىدا سۈت سېغىش خىزمىتىنى ماشىنا ئادەملەر تاماملايدىكەن. ماشىنا ئادەم كالا قوتىنىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سىيىرلار رەتلىك تىزىلىپ ماشىنا ئادەمنىڭ سېغىۋېلىشىنى ساقلايدىكەن. ماشىنا ئادەم سىيىرلارنى سىكاننېرلاپ ئورۇن بەلگىلەيدىكەن، ئاندىن سۈت سېغىۋېلىش ئېغىزىنى ئاپتوماتىك مۇقىملاپ سۈت سېغىشقا باشلايدىكەن.

     ماشىنا ئادەم سۈت سېغىش جەريانىدا سۈتنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىكەن، سۈپەت تەلىپىگە توشمىغان سۈتلەرنى ئاپتوماتىك ھالدا كېرەكسىز سۈتلەرنى يىغىۋېلىش قاچىسىغا يوللاپ، سۈتنىڭ سۈپىتى ۋە تازىلىقىغا كېپىللىك قىلىدىكەن.

     سۈت ساغقۇچى ماشىنا ئادەم يەنە سىيىرلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، سېغىۋېلىنغان سۈتنىڭ مىقدارى ۋە ھەر كۈنلۈك سۈت سېغىش قېتىم سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېر تورىغا يوللاپ بېرىدىكەن. نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن ھامان ئاپتوماتىك سىگنال بېرىپ، سىيىرلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدىكەن، باشقۇرۇش تەننەرخىنى تېجەپ ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا سۈت ساغقۇچى ماشىنا ئادەملەرنى ئىشلىتىش سۈت مەھسۇلات مىقدارىنى %20 تىن %50كىچە يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

     2.مال باققۇچى ماشىنا ئادەم

     ئاۋسترالىيەلىك بىر كەشپىياتچى ياسىغان پادىچى ئىتقا ئوخشايدىغان ماشىنا ئادەم دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدىكى ئەنئەنىۋى پادىچىلارنىڭ ئورنىنى ئالغان بولۇپ، ئۇلار 2D ۋە 3D ئىندۇكتورى ۋە ئىچىگە ئورنىتىلغان يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ كالا باقىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ ماشىنا ئادەم سىناق باسقۇچىدا بولۇپ، ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋېتىپتۇ.

     3.ئوغۇتلىغۇچى ماشىنا ئادەم

     ئامېرىكا مىننېسوتا ئىشتاتىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ياساپ چىققان ماشىنا ئادەم ئوخشاش بولمىغان تۇپراقلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ ئوغۇتلاش ئېلىپ بارالايدىكەن. ئۇنىڭ توغرا ھېساباتى ئوغۇتنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئازايتىپ، يېزا ئىگىلىك تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. ئىلمىي ئوغۇتلاش ئېلىپ بېرىلغاچقا يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۈپىتىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

     4.ئوت – چۆپ يوقاتقۇچى ماشىنا ئادەم

     گېرمانىيە يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى كومپيۇتېر، يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (GPS) ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق تىراكتور ئۇنىۋېرسال تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئوت – چۆپ يوقىتىدىغان ماشىنا ئادەمنى ياساپ چىققان. يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى ئالدى بىلەن ماشىنا ئادەمنى ئېتىزلىققا ئېلىپ بارىدىكەن، زىرائەت ئېتىزىدىكى ئوت – چۆپلەر كۆپرەك ئورۇنغا كەلگەندە ماشىنا ئادەمگە ئورنىتىلغان GPS ئوت – چۆپلەرنىڭ ئورۇن كوردىناتىنى خاتىرىلەيدىكەن، ئىشچىلار بۇ ئۇچۇرلارنى يان كومپيۇتېرغا كىرگۈزىدىكەن ھەم مەيدان ئىشتابىغا قايتقاندىن كېيىن بۇ ئۇچۇرلارنى تىراكتوردىكى كومپيۇتېرغا يوللاپ بېرىدىكەن. كېيىن تىراكتور بىلەن ئېتىزلىقتا مەشغۇلات قىلىش جەريانىدا ئوت – چۆپ يوقاتقۇچى ماشىنا ئادەم مېڭىپ ئۆتكەن يولنى قاتتىق نازارەت قىلىدىكەن، ئەگەر ئوت – چۆپ رايونىغا كېلىپ قالسا پۈركۈگۈچ بىلەكنى دەل جايىغا توغرىلاپ ئوت – چۆپ يوقىتىش دورىسىنى پۈركۈيدىكەن.

     5.باغۋەن ماشىنا ئادەم

     فىرانسىيەدە مەخسۇس ئۈزۈمزارلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ماشىنا ئادەم بارلىققا كەلگەن. ئۇ تەكلەرنى چاتاش، يۇمران بىخلارنى ئېلىۋېتىش، تۇپراق ۋە تەكلەرنىڭ ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭغا يەنە ھازىرقى باغۋەن ماشىنا ئادەملەردە بولمىغان بىخەتەرلىك سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، خەتەرلىك ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە ئۆزلۈكىدىن ۋەيران بولۇپ كېتەلەيدىكەن.

     6.مايسا يېتىشتۈرۈش ماشىنا ئادىمى

     مايسا يېتىشتۈرۈشتە مايسا تېرىلغان تەشتەكلەرنى يۆتكەپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭدا ئادەم كۈچى ئىسراپچىلىقى ئېغىر بولۇپلا قالماستىن يەنە خىزمەت ئۈنۈمىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. ئامېرىكا بوستوندىكى مايسا يېتىشتۈرۈش ماشىنا ئادىمى بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلغان. بۇ ماشىنا ئادەم دومىلىما چاق، تۇتقا ۋە پەتنۇستىن تۈزۈلىدىكەن. خىزمەتچى خادىملار سېزىمچان ئېكرانغا بۇيرۇقنى كىرگۈزگەندىن كېيىن ماشىنا ئادەم بېرىلگەن بۇيرۇق بويىچە ئىندۇكسىيەلىك تەشتەكلەرگە مايسا تېرىيدىكەن ھەم ئاپتوماتىك ھالدا بەلگىلەنگەن ئورۇنلارغا يۆتكەيدىكەن.

     7.زىرائەتنى خاتىرىلىيەلەيدىغان ماشىنا ئادەم

     گېرمانىيە ئالىملىرى BoniRobدەپ ئاتىلىدىغان بىر ماشىنا ئادەم كەشىپ قىلغان، ئۇنىڭغا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۆز ئورنىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدىكەن. بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ سىرتقى شەكلى تۆت چاقلىق دالا ماشىنىسىغا ئوخشايدىكەن، ئۇ سىپېكتىرلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ يېشىل رەڭلىك زىرائەت بىلەن قوڭۇر رەڭلىك تۇپراقنى پەرقلەندۈرۈپ، ھەربىر تۈپ زىرائەتنىڭ ئورنىنى خاتىرىلەيدىكەن، ئۆسۈش مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ خاتىرىلەپ تۇرىدىكەن.

     8.مېۋە ئايرىش ماشىنا ئادىمى

     ھەر خىل مېۋىلەرنى تەكشۈرۈپ تۈرلەرگە ئايرىش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان خىزمەت بولۇپ، نۇرغۇن ئەمگەك كۈچى سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەنگلىيە سىلسوئې يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئىشلىتىشكە چىداملىق، مەشغۇلات قىلىشقا قولايلىق مېۋە ئايرىش ماشىنا ئادىمىنى ياساپ چىقىپ مېۋە ئايرىشنى ئاپتوماتلاشتۇردى. ئۇ فوتو ئېلېكتىرلىق سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ۋە ئايرىپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى بىرلەشتۈرۈلگەن قۇرۇلمىدىن پايدىلىنىپ نەم ھەم پاتقاق مۇھىت ئىچىدە ئىشلەيدىكەن، چوڭى شوخلىدىن تارتىپ كىچىكى گىلاسقىچە ئېنىق ئايرىيالايدىكەن ھەم قاچىلاپ توشىيالايدىكەن، بەرەڭگىلەرنىمۇ چوڭ – كىچىكلىكى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىيالايدىكەن، مەشغۇلات جەريانىدا سىرتقى پوستىنى زەخىملەندۈرمەيدىكەن.

     9.ھەسەل ھەرىسى ماشىنا ئادىمى

     خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش چاڭلاشتۇرۇش، ئاپەتتىن كېيىنكى ئاختۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان بىر خىل كىچىك تىپتىكى كۆپ ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنى ياساپ چىققان. ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرىمۇ ھەسەل ھەرىسىنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تەقلىد قىلىنغان، ھەسەل ھەرىسىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇندىيالايدىغان ھەرە ماشىنا ئادەم ياساش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

     10. گۈمبەمەدەك (موگو) يىغقۇچى ماشىنا ئادەم

     ئەنگلىيە سىلسوئې يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى گۈمبەمەدەك يىغىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن گۈمبەمەدەك يىغىش ماشىنا ئادىمى ياساپ چىققان. ئۇنىڭغا كامېرا ۋە كۆرۈش سېزىمى تەسۋىر ئانالىز قىلىش يۇمشاق دېتالى سەپلەنگەن بولۇپ، يىغىۋېلىنغان گۈمبەمەدەكلەرنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن، شۇنىڭغا ئاساسەن مەشغۇلات پىروگراممىسىنى بېكىتىدىكەن. بۇ ماشىنا ئادەم ئۆزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىنفرا نۇرلۇق ئارىلىق ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق ئېتىزلىقتىكى گۈمبەمەدەكلەرنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن ۋاكۇئۇملۇق سۈمۈرگۈچنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ سۈمۈرۈۋالىدىكەن، ئاندىن ئۇلارنى توشۇش ماشىنىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. ئۇ مىنۇتىغا 40 دانە گۈمبەمەدەك يىغالايدىغان بولۇپ، سۈرئىتى ئادەم تېزلىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.