مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    پىچان ناھىيەسى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈردى

    ئامانگۈل2017-04-26 11:04:13شىنجاڭ گېزىتى

      مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دېھقان – چارۋىچىلار ياقتۇرىدىغان، رەڭدار، شەكلى ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

     بۇ ناھىيە ‹‹تۆت بىر›› خىزمەت مېخانىزمى يەنى قىسقا ئۇچۇردىن بىر كۈندە بىرنى چىقىرىش، بىر كۈنلۈك پائالىيەتنى دوكلات قىلىش، ئۇچۇرلارنى ھەپتىدە بىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە خىزمەتلەرنى ھەپتىدە بىر قېتىم خۇلاسىلەشتەك خىزمەت مېخانىزمىنى قوللىنىپ، ھەممە يەرنى قاپلاش، پائالىيەتنى رەڭدار ئۆتكۈزۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. يېزا – بازار، مەيدانلاردا 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنىگىچە قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات، تەربىيە پائالىيىتىدىن 544 مەيدان ئۆتكۈزۈپ، 55 مىڭ 349 كىشىنى تەربىيەلىدى. مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن 788 مەيدان ئۇيۇشتۇرۇپ، 242 مىڭ 345 كىشىنى تەربىيەلىدى. تېخنىكا – ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش پائالىيىتىدىن 153 مەيدان ئۆتكۈزۈپ، 23 مىڭ 122 كىشىنى تەربىيەلىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.